مەخمۇت مۇھەممەت ئەلدەربەگ پادىچى بالا
ئۆزى كىچىك،قولىدا كىتاب، پادا باقار تاغدا بىر بالا. كىرىپ كەتكەن كىتاب قوينىغا، ئەتراپىدا يايلار قوي-كالا.
ئاۋات شەھەر يەنە مەكتەپلەر، بەكمۇ يىراق-يىراق ئۇنىڭدىن. تىرىشچانلىق ئۇنىڭغا ھەمراھ، ئۆكۈنمەيدۇ ھەرگىز بۇنىڭدىن.
پادا باققاچ كىتابنى ئوقۇش، بەكمۇ ھوزۇر چەكسىز دالىدا. ئالەم نۇرغا چۈمكىلەر ئىدى، بولسا بۇ روھ، ھەربىر بالىدا.
چۆچەك ئېيتىپ بەرگىن جان موما
موماڭ ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكنى، ماڭا ئېيتىپ بەرگىن جان موما. شادلىق تاپاي بالىلىقىمدىن، زېھنىم سەندە سۆزلە خان موما.
مىنىپ ئاتقا چىن تۆمۈر باتۇر، ياۋۇزلارغا يادىن ئوق ئاتسۇن. كىزىپ چۆللەر ھەمدە باياۋان، داۋان ئاشسۇن بەختىنى تاپسۇن.
مىسران قىلىچ قوغدىسۇن ئۇنى، كاپ-كاپ كۈچۈك ھەمدەمدە بولسۇن. ئەلمۇ تېپىپ ئەمىنلىكىنى، ئانا يۇرتى چېچەككە تولسۇن.
چۆچەك ئېيتىپ بەرگىن جان موما، ئانام سەندىن ئۇدۇملار ئالسۇن. داۋاملىشىپ چۆچەك ئېيتىشلار، ئېسىمىزگە ئۆتمۈشنى سالسۇن.
كوماك بالا تىلىكى
مېنى كوماك دېمەڭلار، چىشىم چۈشۈپ كەتسىمۇ. ‹‹شال›› دېگەندە ‹‹سال›› بولۇپ، سۆز قۇلاققا يەتسىمۇ.
سۈت چىش دېگەن بالىغا، مەڭگۈ ھەمراھ بولمايدۇ. كەمپىت، شاكىلات، قەنتلەر، ئۇنى ئامان قويمايدۇ.
مېنى كوماك دېمەڭلار، مەيلىم ئەمەس كوماكلىق. بىلسەڭ كوماك چىشىممۇ، بەخىش ئېتەر ئوماقلىق.
ئانامغا دەيدىغانلىرىم
قويوپ بەرگىن ئەركىمگە، بالىلىقتىن شادلىناي. قىلىچ ياساپ ياغاچتىن، جەڭ-كۆرەشكە ئاتلىناي.
قويوپ بەرگىن ئەركىمگە، تىيىز سۇغا چۆمۈلەي. پايپاقنىمۇ يۇيمىغىن، ئىش قىلىشنى ئۆگىنەي.
قويوپ بەرگىن ئەركىمگە، تايچاق كەبى قىيغىتاي. دەرەخلەرگە يامىشىپ، ئالما، ئۈرۈك ئېغىتاي.
قويوپ بەرگىن ئەركىمگە، تەڭتۇش بىلەن دوست بولاي. يىراقلارغا كەتمەيمەن، جېنىم ئانا خوش بولاي.[/align]
(مەزكۇر شېئىرلار ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان)
|