مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 4

ئەلدەربەگ: ھېق...(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

210

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
39 سەر
تىللا
23 دانە
تۆھپە
31 سەر
شۆھرەت
65 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 00:56:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخمۇت مۇھەممەت ئەلدەربەگ
ھېق

(ھېكايە)


ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ‹‹ تەلىم-تەربىيە ۋە تەرەققىيات ›› ئاساسىي تېما قىلىنغان نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.
_ ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن كەسىپداش دوستلار، ماھىرلار، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان ‹‹ تەلىم-تەربىيە ۋە تەرەققىيات ›› ئاساسىي تېما قىلىنغان نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ھازىر رەسمىي باشلاندى،_ قىزغىن چاۋاك ئاۋازىدىن كېيىن زىلۋا بويلۇق رىياسەتچى قىز سۆزىنى داۋام قىلدى،_   ناھىيىمىز مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلىگىرى سۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم-تەربىيە قارىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئويۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ھەر قايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن  ماھىرلارنىڭ ئۆز تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن!
گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ماھىرلار نۇمۇر تەرتىپى بويىچە مۇنبەرگە چىقىپ، نوتۇق سۆزلەشكە باشلىدى. تاماشىبىنلار دىققىتىنى سەھنىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بېرىلىپ نوتۇق ئاڭلاۋاتاتتى. مەيداندا تۇرۇپ-تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ئاقتاغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن ئىمىن مۇئەللىم جىددىيلەشكەنلىكىدىن ئىز جايدا ئولتۇرالماي قېلىۋاتاتتى.  ئۇ بىر ھەپتىدىن بىرى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە پۇختا تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، مۇسابىقە باشلانغاندا قىرىشقاندەك ئۇنى ھېق تۇتۇپ قالغان ئىدى. ئۇ مەيداندىن ئاستا چىقىپ، پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىددە ئىشىك ئالدىدىكى بوتكىدىن بىر بوتۇلكا كولا سېتىۋالىدى-دە، زالغا يېنىپ كىرىپ، ئەنسىز خىياللار بىلەن ئورنىدا ئولتۇردى.
مۇسابىقە كەسكىن داۋاملىشىۋاتاتتى. نۆۋەت ئىمىنگە كېلىشكە ئاز قالغاندا ئۇ تېخىمۇ جىدىيلەشتى. بىر بوتۇلكا كولانى ئىچىپ بولاي دېگەن بولسىمۇ داۋا بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ھېق تېخىمۇ ئەدەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ: ‹‹مېنى ھېق تۇتىۋالدى، مەن نوتۇق سۆزلىمىسەم قانداق بولار›› دېگەنلەرنى ئويلىغان بولسىمۇ، بۇنداق قىلسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ  يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك لەسسىدە بولۇپ قالدى.
بوتۇلكىدىكى كولا ئىچىلىپ تۈگىگەندە، ھېق توختاپ قالدى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى غەم تۇمانلىرى بىراقلا تارقاپ كۈلكە جىلۋىلەندى...
_ نۆۋەتتە ئاقتاغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يولداش ئىمىن نوتۇق سۆزلەيدۇ، قېنى قىزغىن قارشى ئالايلى!_ دېدى رىياسەتچى قىز تەبەسسۇم بىلەن.
ئىمىن سالماق قەدەملەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ، رەھبەرلەرگە، ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن كەسىپداشلارغا سالام بېرىپ نوتۇقىنى باشلىدى.
_ ھەممىگە مەلۇم، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، شۇ دۆلەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مائارىپ تەرەققىياتى بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىغا باغلىق. تەلىم-تەربىيەدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ئوقۇتقۇچى مەشئەل، شام، باغۋەن، ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئېنژىنىرى،_ ئىمىن سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە گېلىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك تۇرۇپ قالدى، ئۇنى ھېق تۇتىۋالغان ئىدى، ئۇ شۇندىمۇ گېلىنى كۈچەپ قىرىپ قويۇپ سۆزلەشكە باشلىدى،_ دەپ تەرىپلىنىدۇ، ھېق... بۇ تەرىپ، بۇ نام، ھېق... ئۇقۇتقۇچىغا ھېق..تولىمۇ مۇناسىپ، ھېق...
ھېق ھېچ توختايدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇ تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا ‹‹كەچۈرۈڭلار›› دېگەن سۆزنى قىلىپ سەھنىدىن بېشنى تۆۋەن سالغىنىچە ئايىرلىدى. بۇ ئىشتىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان باھالاش گورۇپپىسىدىكى خادىملار ئۆزئارا ئاللىنېملەرنىدۇر دېيىشىپ بىر-بىرىگە قاراشسا، تاماشىبىنلار ئارىسىدا كۇسۇرلاشلار ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.
ئىمىن خىجىللىق ئىچىدە سەھنىدىن قانداق چۈشكىنىنى، زالدىن قانداق ئايرىلغانلىقىنى بىلمەيتتى...

※                       ※                       ※

ئەتىسى ئەتىگەنلىك يىغىن ۋاقتىدا مەكتەپ مۇدىرى تۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئىمىننىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قايناپلا كەتتى:
_ يولداش ئىمىنغا بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىلگەن بولسىمۇ، تۈنۈگۈن ناھىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە تىلىنى چايناپ مەكتىۋىمىزنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرۈپتۇ،_ مۇدىرنىڭ چېقىر كۆزلىرى  ئىمىنغا تىكىلدى،_ شۇڭا،ئىمىن 120يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكشۈرۈشنامە يېزىپ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ!
_ تۇرغۇن مۇدىر مەن تەييارلىقنى پۇختا قىلغان بولساممۇ، ئويلىمىغان يەردىن ھېق تۇتىۋالدى، _ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەن تەڭ ئىمىن ئورنىدىن تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،_ شۇ سەۋەبتىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم.
_ يەنە تېخى بوينىڭغا ئالمامسەن!_  ئىمىن مۇئەللىمنىڭ ‹‹گۇناھ››نى بوينىغا ئالماي، ئۆزىنى ئاقلىغانلىقىدىن ئاچچىقى كەلگەن مۇدىرنىڭ بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى كېڭىيىپ، دورداي كالپۇكلىرى پۈرۈشۈپ، كۆزلىرى ھېلىللا چانىقىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك ئەلپازغا كەلدى،_ بايا دېگەنلىرىم كۈچكە ئىگە، ھۆتۆت-پۆتۆت دەپ باھانە كۆرسىتىشىڭگە رۇخسەت يوق!
_ مەن يا قەستەن ئۇنداق قىلمىسام، _ دېدى ئىمىن مۇئەللىم غۇدىرغىنىچە،_ نېمىشقا جەرىمانە تۆلىگۈدەكمەن...
_ تۆلە دېگەندىكىن  تۆلەيسەن! ھېق..._ مۇدىر ئارتۇقچە تاماق يېۋالغانمۇ ياكى سوغۇق ئۆتۈپ قالغانمۇ تۇرۇپلا ھېقىقداپ سۆزلەشكە باشلىدى،_ مېنىڭ ئېغىزىمدىن، ھېق...چىققىنى،ھېق... مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ قارارى. ھېق...
_ تۆلىمەيمەن،_ دېدى ئىمىن تۇرغۇن مۇدىرنىڭ يولسىزلىقىغا تاقەت قىلالماي،_ ھېق تۇتۇپ قالغاندا قانداقمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرشىكىلى بولسۇن!  
_ تۆلىمىسەڭ ماڭ بېرىپ، ھېق... پاداڭنى باق!_ مۇدىر ھېقىقداپ قالغانلىقىغا رەللە بولدىمۇ ياكى قول ئاستىدىكى كادىرنىڭ بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقىغىمۇ ئەيتاۋۇر كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىنىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،_ بىزگە دوغا يارىماس،ھېق... كادىر كېرەك ئەمەس! ھېق...
زالنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىدىن كىملەرنىڭدۇ پىخىلىداپ كۈلۈشلىرى ئاڭلاندى.
_ يولداشلار ھېق...پاراڭ سالماڭلار،_دېدى مەكتەپ مۇدىرى تۇرغۇن قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ،_ئىمىنگە ئوخشاش بۇيۇنتاۋلىق قىلىدىغان ھېق... كادىرلارغا بىزنىڭ مەكتەپتە ئورۇن يوق...
مۇدىرنىڭ ئورۇنسىز كايىشلىرىغا تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان ئىمىن مۇئەللىمنىڭ چىرايى  بىر ئاقىرىپ،بىر تاتاردى.قۇلىقىغا مۇدىرنىڭ كېيىن دېگەن گەپلىرى كىرمىدى. ئۇ شۇندىمۇ ئۆزىنى زورىغا بېسىۋېلىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى-دە، مەزمۇت قەدەملەر بىلەن يىغىن زالىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى. زالدىكى جىمجىتلىق ئىچىدە ئۇنىڭ ئاياغ تېۋىشى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھېقىقدىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئوقۇتقۇچىلار بىردە مەكتەپ مۇدىرىغا قارىسا، بىردە زالدىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئىمىن مۇئەللىمگە قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى...
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 17:50:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلارغا يېڭى ئىجادىي ئەسەرلىرىڭىزنى سۇنۇپ تۇرىۋاتسىز،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 19:14:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بھك ياخشى ئىپادىلەپسىز.جىددىيلىك سەۋەبىدىن ھەرخىل ئالامەتلەر بۇلۇپ تۇرىدۇ.كىمنىڭمۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ نەتىجە ئالغۇسى كەلمەيدۇ دەيسىز .ھېكايىڭىز ماڭا‹‹ ئاخىرقى كۆل››دىگەن فىلىمنى ئەسلەتتى.باشقىلارغا يامانلىق قىلساق بىزگىمۇ يېنىپ قالىدۇ.

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 20:11:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بۈگۈن ماڭا، ئەتە ساڭا » دىگەندەك ئىش بولۇپتۇ-  ھە.
مۇدىر  ھېق تۇتۇپمۇ  ئاۋازى ئۆچمەتۇغۇ توۋا  .
ياخشى يېزىپسىز، بولۇپمۇ  بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئورۇنسىز جەرىمانا قويۇشى ، ئەمىلى ئەھۋالغا قارىماي قارغۇلارچە ئىش كۆرىدىغانلىقىنى روشەن ئىپادىلەپ بېرىپسىز . رەھمەت سىزگە
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 22:22:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىزدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رېئاللىق ئەمەليىتىمىزدە ماڭدامدا بىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ھازىر مەكتەپلىرىمىزدە «پۇل» ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇشتەك ناچار كەيپىيات ئەۋج ئالغىلى تۇردى. سىز بۇ ھېكايە ئارقىلىق بۇ خىل خائىشقا كېلىشتۈرۈپ بىر كاچات ساپسىز. رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:18, Processed in 0.435383 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش