مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 8

ئەلدەربەگ: مۇدىرنىڭ دەرسى (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

210

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
39 سەر
تىللا
23 دانە
تۆھپە
31 سەر
شۆھرەت
65 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 21:50:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخمۇت مۇھەممەت ئەلدەربەگ   

مۇدىرىنىڭ دەرسى
  
(ھېكايە)


تۇرۇپلا مەكتەپ مۇدىرى تۇرغۇننىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم-دە، دەرس ئاڭلاش خاتىرەمنى ئېلىپ ئۇدۇل مۇدىر دەرس بېرىدىغان سىنىپقا قاراپ يول ئالدىم. راستىنى ئېيىتقاندا خىزمەتكە چىققاندىن بىرى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىرەر سائەت دەرسىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. پەقەت ئاڭلىغىنىم ئۇنىڭ ھەركۈنى ئەتىگىنى يىغىن زالىدا تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈپ، ھېلىلا يېرىلىپ كېتىدىغان قىياپەتتە ئوقۇتقۇچىلارغا سۆزلىگەنلىرى ئىدى.
_ ئادىلجان دەرس ئاڭلىغىلى ماڭغان ئوخشىمامسىز؟
_ ھەئە، دەرس سەتكىسىگە قارىسام بۇ سائەتتە مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ دەرسى بار ئىكەن، دەرسىنى ئاڭلاپ تەجرىبە ئىگەللەي دېگەن مەقسەتتە كېتىۋاتىمەن،_ خىزمەتدىشىمنىڭ سورىغان سوئالىغا ئۇدۇللا جاۋاب بەردىم.
_ مەكتەپ مۇدىرى دەرسنى ئالامەت ياخشى سۆزلەيدۇ،_ دېدى خىزمەتدىشىم تامىقىنى چاكىلدىتىپ،_ چوقۇم ياخشى تەجرىبىگە ئىگە بولالايسىز.
_ مەنمۇ شۇ ئۈمىدتە.
ۋاقىت توشاي دېگەندە سىنىپقا كىرىپ ئارقا رەتتىكى پارتىلارنىڭ بىرگە چۆكتۈم. قوڭغىراق چېلىنىپ مەكتەپ مۇدىرى يەڭگىل قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىرىپ كەلدى.
ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئورنۇمدىن تۇردۇم. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ پاختىسى يوغان كۆزلىرى بىلەن كۆزۈم ئۇچرىشىپ قالدى. نېمە سەۋەبتىندۇر ئېيتاۋۇر مەكتەپ مۇدىرى سىنىپ ئىچىنى بىر رەت ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بەردى. بىرخىل غەلىتە سېزىم ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئولتۇردۇم، كۆزلىرىم مۇنبەردىكى مۇدىرغا تىكىلگەن ئىدى.
_ مەمەتجان!
مەن بىلەن يانداش ئولتۇرغان ۋىجىككىنە ئوغۇل خۇددى توك سوقىۋەتكەندەك ئەندىكىپ ئۆرنىدىن تۇردى.
_ مەمەتئىلى ئەپەندى كىم؟
_ ...
مەمەتجان سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا تىرنىقىنى تاتلاپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇراتتى.بۇ خىل ھالەت بىرەر مىنۇت داۋاملىشىپ مۇدىرنىڭ ئاۋازى سىنىپ ئىچىدە يەنە جاراڭلىدى.
_ مەمەتئىلى ئەپەندى كىم دەۋاتىمەن؟
_ ...
مەمەتجان يەنىلا لام-جىم دېمەستىن ئەمدى بەدىنىنى ئىككى تەرەپكە ئىغاڭشىتىپ يەرگە قاراپ تۇراتتى. مۇدىرغا نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم. ئۇنىڭ قارامتۇلغا مايىل يۈزلىرى تېخىمۇ قارىداپ، سارغۇچ بۇرۇتلىرى لىكىلداپ كېتىۋاتاتتى.
_ ھەي، لەقۋا! ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشتا ئۆگىنىش قىلماي ئاناڭنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالىدىڭمۇ؟
مۇدىرنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇ سۆز مەمەتجانغا ئەمەس گويا ماڭا قارتىلىپ ئېيتىلغاندەك تۇرۇپلا قالدىم. مۇدىر بىرىدە ماڭا، بىرىدە سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى.
_ مەكتەپكە نېمىدەپ كېلىشكىنىڭنى ئۇنتۇپ قېلىشما؟ مەكتەپتە ئوقۇدۇم دەپ، پارتا-ئورۇندۇق ساقلاپ يۈرۈشسەڭ پارتىيە-ھۆكىمەت بەرگەن ئۈچ ۋاخ تاماققا يۈز كېلىشەلەمسەن؟
سىنىپ ئىچىنى بىر خىل سۈرلۈكلۈك قاپلىدى. جۈملىدىن مەنمۇ ئېغىر تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي خۇددى گۇناھكاردەك بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
_ ھازىر ۋەزىيەت چوڭ ياخشى، ئوقويمەن دېسەڭلار يۇقىرلاپ ئوقىيالايسىلەر،_ مۇدىر ئادىتى بويىچە دىمىقىنى قېقىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،_ بىرسى شارائىت ياخشى، بىرسى ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئىقتىسادى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، يەنە بىرسى پارتىيە-ھۆكىمەت قوللايدۇ...
مۇدىر نۇرغۇنلىغان ‹‹ بىرسى ›› لارنى مىسال ئېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىپ بولغاندىن كېيىن دەرس باشلايدىغان ئوخشايدۇ دېگەن ئويدا ئولتۇرسام مۇدىرنىڭ ‹‹ تەربىيە ››سى تۈگەش ئۇياقتا تۇرسۇن تېخىمۇ ئېشىپ بېرىشقا باشلىدى.
_ بۇ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيمەن دېسەڭلار تەشكىلىي تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رېئايە قىلىڭلار، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن قۇسۇر تاپىدىغان ئىشلارنى قىلماڭلار.
مۇدىرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە تېخى ھەپتە ئىلگىرى مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن دوكىلاتى ئېسىمگە چۈشتى. ئۇ دوكلاتىدا:‹‹ دەرس مۇقەددەس، ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى جان پىدالىق بىلەن ئورۇندىشى، 45مېنۇت ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئەمەلىي بىلىشكە ئىگە قىلىشى لازىم ›› دېگەنىدى.سائىتىمگە قارىدىم. ۋاقىت تۇشۇشقا يەنە بەش مېنۇت بار ئىدى. مەن دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىگە نېمە يېزىشنى بىلەلمەي خاتىرەمنى ياپتىم.
ياخشى تەرىپى بۇ قېتىملىق يىغىن ساق 45مېنۇتتا تۈگىدى. مۇدىر قانداق كىرگەن بولسا شۇ پېتى دەرسخانىدىن ئايرىلدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دەرسخانىدىن چىقتىم. كاللامدا بولسا نۇرغۇنلىغان تېگى يوق خىياللار غەليان كۆتۈرمەكتە ئىدى.

(مەزكۇر ئەسەر ‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 22:12:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن  ئىجادىيىتىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن رەھمەت .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

43

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
150 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
121 سەر
شۆھرەت
149 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 22:49:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغىنەم مەخمۇتجاننىڭ قەلەمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.دوستۇم كۆپرەك ئەسەر يېزىپ تۇرۇڭلار... مۇدىرىنىڭ دەرىسىنى مەڭگۈ باشقلار ئاڭلمايدۇ...

باھا سۆز

pari بىزنىڭ مۇدېرلار ئۇچۇق دەرس ئۈتۈپ بېرىدۇ . تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 17:07

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 23:11:46يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
“موللامنىڭ ەىگىنىنى قىل ،قىلغىنىنى قىلما ” دىگەندەك ،ئەگەر بۇ مۇدىرنىڭ دەرسىنىنى دوراپ دەرس  ئۆتۈپ قويماڭ بولمىسا چۈشەندۈرۈشكىمۇ ئۈلگىرەلمەي قالىسىز . مۇدىرلار  ئۈچۈن بىر سائەتلىك  دەرس ئېلىپ كېلىپسىز .رەھمەت سىزگە .
来自: Android客户端
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 23:22:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە بۇ مەكتەپ مۇدىرى ناھايىتى ساپاسىز ،باشقىلارغا ھەيۋە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئىكەن .مائارىپ قوشۇنىمىزدا بۇنداق ساپاسىزلار ئەمەل تۇتمىسا نېمەدېگەن ياخشى بولاتتى -ھە!

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 14:59:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 15:16:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلغار تەرىپى بۇ مودېر دەرس ئۆتىمەن دەپ سىنىپقا كىرىپتۇ ،  بەش يىل مودېرلەق قىلىپ بىرەر سائەت دەرس ئۆتۈش تۈگۈل بىرەر سائەت دەرسمۇ ئاڭلىمايدىغان مودېرلارنىچۇ ......؟

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 17:07:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزقۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-7-1 22:49
ئاغىنەم مەخمۇتجاننىڭ قەلەمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.دوستۇ ...

بىزنىڭ مۇدېرلار ئۇچۇق دەرس ئۈتۈپ بېرىدۇ .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 23:20:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ە

مۇدىرلارنىڭ دەرسكە كىرگىنىنى كۆرگىمىنىمگە خېلى يىللار بولۇپ قالدى. ئۇلار ئاغزىدا ۋەزخانلىق قىلىشنىلا بىلىپ قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ ئاز ئەمەس.ئۇلار مائارىپنى ئەمەل كۆرسىتىش،ئادەم باشقۇرۇشنىڭ كوزۇرى دەپ قارايدۇ .بۇنداق مۇدىرلار باشقۇرۇۋاتقان  مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي جۇمۇ !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:49, Processed in 0.446136 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش