كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 6

بايقاشتىكى قىممەتلىك تېمىلارنى بىلتاپتا ساقلاڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى ۋە زىھنىنى سەرپ ئىتىپ، تور دۇنياسىدىن مەنىۋى ۋە ماددى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋالغان سۈيۈملۈك تورداش، ياخشىمۇ سىز؟
سىز ئىلگىرى توردا ئۇچراتقان قىممەتلىك مەزمۇنلار سىزگە قايتىدىن لازىم بولغاندا ئۇنى تاپالماي ئاۋارە بولغان ئىشلار بولغانمۇ؟
ئەلۋەتتە بولغان.
ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
بۇنىڭ بىرنەچچە ئۇسۇلى بار  ئەلۋەتتە.
بىرىنچى، تور كۆرگۈچنىڭ ساقلاش قىسقۇچى 收藏夹 دا ساقلىۋېلىش
ئىككىنچى، ئىزدەش ماتۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىزدەپ تېپىش
يۇقارقى ئىككى خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ سىز يوقىتىپ قويغان ئەشۇ قىممەتلىك تېمىنى چوقۇم تېپىشقا بولامدۇ؟
جاۋابى: ياق!
چۈنكى بىرىنچى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ قىممەتلىك تېمىڭىزنى تور كۆرگۈچنىڭ ساقلىغۇچىدا ساقلىغاندا گەرچە قولايلىق بولسىمۇ لىكىن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن كومپىيوتېر ئالماشسا ياكى سىستىما قاچىلىسڭىز ۋە ياكى تور كۆرگۈچ ئالماشتۇرسىڭىز ئەشۇ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زىھىن سەرپ قىلغان قىممەتلىك ئۇلانمىلىرىڭىزدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالىسىز! ئۇندىن باشقا تور كۆرگۈچنىڭ ساقلىغۇچىنىڭ تۈرگە ئايرىش ئىقتىدارى بولغان بىلەنمۇ قوشقان ئۇلانمىلىرىڭىز كۆپىيىپ كەتسە بەت ئايرىش ئىقتىدارى يوق...
ئىككىنچى ئۇسۇلدىن پايدىلانغاندا، سىز يوقاتقان ئۇلانمىنىڭ تېپىلىش ئىھتىمالللىقى يەنىلا سىزنىڭ رازى قىلالمايدۇ، سەۋەبى ،  "ئىزدەش ماتۇرى سىز ئىزدىگەن ئۇلانمىنى ئۆزىگە قوشقانمۇ يوق؟، ئۇيغۇرچە قوللامدۇ؟"  دىگەن مەسىلىلەردىن باشقا يەنە بىر يامان تەرىپى شۇكى؛  ئىزدەش ماتۇرلىرى كىم پۇل بەرسە شۇنىڭ ئۇلانمىسىنى بىرىنچى بەتكە، بىرىنچى ئورۇنغا چىقىرىدۇ. بەلكىم سىز ئىزدىگەن مەزمۇننىڭ ئۇلانمىسى شۇ ئىزدەش ماتۇرىغا قوشۇلغان تەقدىردىمۇ بەلكىم نەچچە ئونىنچى بەتتە ياكى نەچچە يۈز نەچچە مىڭىنچى بېتىدە كۈرۈنىشى مۈمكىن...
ئەمدى ئۈمۈت ئۈزدىڭىزمۇ؟
ياق، ھەرگىز ئۈمۈت ئۈزمەڭ!
چۈنكى سىزنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ، بىلتاپ ئىنتېرنېت ئۇچۇر كاتالوگى سىزتوردا يولۇقتۇرغان قىممەتلىك مەزمۇنلارنىڭ تېمىسى ۋە ئۇلىنىش ئادرىسىنى ساقلايدىغان مەخسۇس سورۇن ھازىرلىدى.
بۇندىن كىيىن سىز بىلتاپ ئىنتېرنىت ئۇچۇر كاتالوگى  www.biltap.com  غا كىرىپ ئۈستىدىكى ئۇلانما قوشۇڭ دىگەن جايدىن ئۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك ئۇلانمىڭىزنى تۈرى بويىچە قوشۇپ قويالايسىز، شۇتېما لازىم بولغاندا بىۋاستە بىلتاپتىكى تېما تۈرى بويىچە، ياكى تېما ياكى تېمىدىكى ھالقىلىق سۆز بويىچە ئىزدەش كۆزنىكىگە يېزىپ ئىزدىتىپ تاپالايسىز.
ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق كومپىيۇتېرلاردا گوگل ئىزدەش ماتۇرىدىن ئۇيغۇرچىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، گوگل ئىزدەش كۆزنىكىگە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈپ ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇمچە قىلىندى.
ئەسكەرتىش:
1. تېما قوشقاندا كىيىن بىۋاستە ئىزدەپ تېپىشىڭىزغا ئاسان بولىشى ئۈچۈن تېما يوللاش كۆزنىكىدىكى تېما تۈرىنى تاللاپ ئۇلانما قوشۇڭ.
2. تېما ئىسمىنى كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا ياكى يازغاندا تېما ئاخىرىغا تىرناق ئېچىپ ئىسمىڭىز، كىيۇكىيۇ نومىرىڭىز، ياكى باشقا تەخەللۇس،  تېلىفۇن... دىگەندەك ئۆزىڭىزگە خاس ئۇچۇرنى قوشۇپ قويسىڭىز ئىزدىگەندە شۇ ئۇچۇرىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا سىز ساقلاپ قويغان بارلىق ئۇلانمىلار كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.
3. سىزگە نەپ بىرىۋاتقان ھەرقايسى تور بېكەتلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا، ئۇلارنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇننىڭ تېمىسى بىلەن ئۇلىنىش ئادرىسىنىلا بىلتاپقا قوشۇڭ.تېمىدىكى ئۈن، سىنلارنىڭ ئەسلى ئۇلىنىشىنى، چۈشۈرۈش يولىنى بىۋاستە بىلتاپقا يوللاشتىن ساقلىنىڭ. نەشىر ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىغانلار بىز بىلەن ئالاقىلاشسا مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىش دەرھال بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

4. دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا چەكلەنگەن سىياسى ۋە دىنى مەزمۇنلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: بىلتاپ ئۇيغۇر ئىنتېرنېت ئۇچۇر كاتالوگى
www.biltap.com


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-6-20 09:19:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇركەن
ۋاقتى: 2013-6-20 12:03:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇنىڭدىن كىيىن چوقۇم مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ساقلىۋالسام بولغۇدەك
ۋاقتى: 2013-6-20 13:29:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىل ساقلاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىناپ بولساق بولغۇدەك،رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2013-6-20 17:12:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىناپ باقساق بولغۇدەك .
ۋاقتى: 2013-6-21 13:40:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دەل مۇشۇ مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئىدىم، ئەمدى ياخشى بولدى كۆپ رەھمەت سىزگە............................!
ۋاقتى: 2013-6-21 13:49:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ ياخشى ئۇسۇلكەن، لېكىن بايقاشتىن ماتېرىيالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىنىلا ئېلىپ بىلتاپقا بەھىرلەيدىغان، تېما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ سادىر قىلماسلىقىنى، بەھىرلىگەندە چۇقۇم بايقاش مائارىپ تورىمىزدىكى تېما ئادىرسىنى ئاساس قىلىپ بەھىرلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش