كۆرۈش: 671|ئىنكاس: 10

شىنجاڭدىكى بەش تور بىكەتكە چارە كۆرۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنجاڭ گېزىتى ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت تورى باشقۇرۇش تارمىقى تورداشلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى- سىرتىدىكى بىر قىسىم- تور پونكىتلارنى مەخسۇس تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق،(乌鲁木齐信息港) ئۈرۈمچى ئۇچۇر پورتى،(巴格达西网) باغداش تورى قاتارلىق بەش تور پونكىتىدا تىجارەت باشقۇرۇش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، مەزمۇن بېسىش قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەر بايقالدى، ھەمدە قانۇن بويىچە مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىندى.


(乌鲁木齐信息港) ئۈرۈمچى ئۇچۇر پورتى 2004- يىلى دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ تور بەتنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت تورى كەسپىنى باشقۇرۇش تارمىقى دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىغا مەزكۇر تور پونكىتنىڭ ئىنتېرنېت تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى ئىلتىماس قىلغان.


(房产大巴扎网站)ئۆي- مۈلۈك چوڭ بازار تورىدا تۈرلۈك ئىلمىي ئۇنۋان، كىنىشكا قاتارلىقلارنى بېجىرىدىغان ساختا ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، مەزكۇر تور پونكىتى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى.

(巴格达西网)باغداش تورىدا دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپ ئۇچۇرلار تارقىتىلغان بولۇپ، ئىنتېرنېت تورىنى باشقۇرۇش تارمىقى كۆپ قېتىم بۇ پونكىتنىڭ مەسئۇلىغا تەربىيە بېرىپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بەلگىلىمە بويىچە تۈزەتمىگەن، قىلمىشى ئېغىر. «كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى خەلقئارا بىرلەشمە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، باشقۇرۇش چارىسى» غا ئاساسەن، مەزكۇر تور پونكىتىغا ئاپپاراتنى توختىتىپ ئۈچ ئاي تەرتىپكە سېلىشتەك مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

(升学宝论坛)ئۆرلەپ ئوقۇش دەستۇرى ناملىق مۇنبەر باشقا تور پونكىتنىڭ نامىنى سۈيئىستېمال قىلىپ مۇنبەر قۇرغان، ھەمدە قىمارۋازلىق قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان زور مىقداردا قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان، مەزكۇر تور پونكىتى قانۇن بويىچە تاقىۋېتىلدى.

(网罗天下网站) تور دۇنياسى ناملىق تور پونكىتى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن، قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان، مەزكۇر تور پونكىتى قانۇن بويىچە تاقىۋېتىلدى.

تورداشلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىنتېرنېت تورىنىڭ تارقىلىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرىدۇ. ئىنتېرنېت تورى باشقۇرۇش تارمىقى ئىنتېرنېت تورى تىجارەتچىلىرىدىن قانۇن بويىچە، مەدەنىيەتلىك ھالدا تور باشقۇرۇپ، ئىنتېرنېت تورىغا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ كەڭ تورداشلاردىن قانۇن بويىچە، مەدەنىي تورغا چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساغلام، ئالغا ئىنتىلىشچان تور مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تەۋە بولغان تور باغچىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ئىبرەت قىلىپ ،مۇنبىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمىر -پەرمانلىرىغا ، قائىدە -تۈزۈملىرىگە مۇخالىپ كېلىدىغان تېما -ئىنكاسلارنى يوللىماسلىقىنى ، مۇنبىرىمىزنىڭ بىخەتەر تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق تىرىشىپ ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىمىزنى  بىرلىكتە تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىزنى تەۋىسيە قىلىمەن .

باھا سۆز

پىكىرىڭىزنى قوللايمەن!  ۋاقتى: 2013-6-11 14:54

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-6-11 12:20:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەنىي تور بىكەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەممەيلەن بىرلىكتە تىرشايلى.

باھا سۆز

قوللايمەن.  ۋاقتى: 2013-6-12 10:55
ۋاقتى: 2013-6-11 12:49:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-11 12:53  

مۇنبىرىمىزنى يېشىل تور بېكەت قىلىپ قۇرۇپ  چىقىش ئۈچۈن ھەممىمىز  تىرىشايلى .  
مۇنبەرداشلارغا ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت دوستۇم .

باھا سۆز

سىزگىمۇ رەھمەت دوستۇم .  ۋاقتى: 2013-6-12 10:55
ۋاقتى: 2013-6-11 13:35:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مۇنبەر قۇرغۇچىللىرىنىڭ ئەجىرى، مۇنبەردىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇچۇر ۋە ئىكاس يوللىغاندا مۇنبەر تۈزۈم-قائىدىللىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش زۆرۈر .

باھا سۆز

قوللايمەن.  ۋاقتى: 2013-6-12 10:56
ۋاقتى: 2013-6-11 14:12:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەڭ تورداشلارنىڭ قانۇن بويىچە، مەدەنىي تورغا چىقىپ،بايقاش مائارىپ تورمىزنى قوغدايلى.

باھا سۆز

قوللايمەن .  ۋاقتى: 2013-6-12 10:56
ۋاقتى: 2013-6-11 14:56:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىنىڭ تەرەققىياتى  ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، چۇقۇم دىققەت قىلىمەن!

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .  ۋاقتى: 2013-6-12 09:40
ۋاقتى: 2013-6-11 15:54:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بارلىق دوستلار بىلەن بىرلىكتە تورىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن!

باھا سۆز

يارايسىز  ۋاقتى: 2013-6-12 09:39
ۋاقتى: 2013-6-11 19:56:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزنى يېشىل تور بېكەت قىلىپ قۇرۇپ  چىقىش ئۈچۈن ھەممىمىز  تىرىشايلى .  
مۇنبەرداشلارغا ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت  ئەزىز قېرىندىشىم، يارايسىز

باھا سۆز

رەھمەت  ۋاقتى: 2013-6-12 09:39
ۋاقتى: 2013-6-12 01:31:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە يارىشا يوسىنى بولىدۇ، بىر جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە لايىق ئەخلاق- مىزانلىرى بولىدۇ، بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە يارىشا قانۇن- نىزاملىرى بولىدۇ. «بايقاش» ھەممىمىزنىڭ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنى قوغداش، ئۇنى ساغلام، يېشىل تور بېكە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار. مۇنبەرداشلارنىڭ تور بېكەت باياناتنامىسى، ھەمدە دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرى ۋە تور ئەخلاقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ،  بۇ تور بېكەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆبە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، شۇنداقلا ئۆزۈممۇ بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىمەن.
سىزنىڭ مۇنبەرداشلارغا ۋاقتىدا ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!

باھا سۆز

كۆزدىن كەچۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-6-12 09:38
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-12 09:38:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلرۇس يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 01:31
بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە يارىشا يوسىنى بولىدۇ، بىر جەمئىي ...

كۆزدىن كەچۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش