كۆرۈش: 720|ئىنكاس: 4

ئەخلاق ئارقىلىق شەرەپ قۇچقان باشلامچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەخلاق ئارقىلىق شەرەپ قۇچقان باشلامچى

艾合买提。艾买尔1369838201419.jpg


(ئەدەبىي ئاخبارات)
ئۇنسۇ ناھىيە قىزىل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ئەخمەت ئەمەر توغرىسىدا

ھاياتنىڭ ئۆزى بىر مۇنبەت تۇپراق،ئۇنىڭغا قانداق ئۇرۇق چېچىلسا ،شۇنداق مايسا ئۆسىدۇ.مايسا ياخشى پەرۋىش قىلىنمىسا،ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ.ئوقۇتقۇچى ئەنە شۇ مۇنبەت تۇپراققا ئەقىل ئۇرىقى چېچىپ پەزىلەت مايسىلىرىنى ئۆستۈرۈپ، مېھىر سۈيىدە سۇغۇرۇپ،ئادىمىيلىك گۈللىرىنى ئېچىلدۇرغۇچى.ئوقۇتقۇچىنىڭ دەسمايىسى ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ۋە ئۇنۋان قالپىقى بولماستىن، بەلكى مۇھىمى ئۇنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاق غايىسى.
مەن ئەنە شۇ غايىسى يولىدا تىنماي ئىزدىنىپ كەينىدىكى « قارا-قارا قۇشلارى » نى باشلاپ ئەۋلادلارنىڭ ماڭار يولىنى دانكۇنىڭكىدەك قىپ-قىزىل يۈرىكى بىلەن يورۇتۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە داغدام يول ئاچقان ،يىراق سەھرانىڭ خىلۋەت بىر مەكتىپىدىكى ئاددى دەرس مۇنبىرىنى ئوقۇتقۇچىغا خاس مول بىلىمى گۈزەل ئەخلاقى ئارقىلىق جۇلالاندۇرۇپ كېلىۋاتقان مېھرىبان باغۋەن، قابىل بىر باشلامچى ئەخمەت ئەمەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالماقچىمەن.بەلكىم مۇشۇ كەسپتە تۈرلۈك بېسىم تۈپەيلىدىن گاڭگىراپ قېلىۋاتقان كەسپداشلىرىمنىڭ جىسمىغا يېڭى كۈچ، ئېڭىغا يېڭى مەسئۇلىيەت شولىلىرىنى چېچىپ ئۆزىنى قايتىدىن تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
   ئەخمەت ئەمەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ ھەر خىل تاراتقۇلاردا تېنىمسىز تەشۋىق قىلىنىپ كېلىۋاتقان پەۋقۇلئادە شەخس ئەمەس، ياكى ئالاھىدە چوڭ ھوقۇق تۇتۇپ يېقىن –يورۇقلىرىنى ئەتراپىغا تارتىپ ھەر خىل يوللار بىلەن نام چىقارغان داڭدار شەخسمۇ ئەمەس،ۋە ياكى نەچچە مىليۇن دوللارنى دومىلىتىپ يۈرۈپ ئاجىزلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان ساخاۋەت ئېگىسىمۇ ئەمەس، ئۇ پەقەت مېھرىبان ئانىنىڭ قۇرسىقىدىن ھەممىمىزگە ئوخشاشلا يىغلاپ تۇغۇلۇپ، تۇرمۇشتىن ئىبارەت چوڭ ئېقىننىڭ ئوڭ-تەتۈر قايناملىرىدا تاۋلىنىپ مەرىپەتنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ ،تال-تال چاچلىرىغا ۋاقىتسىز ئاق سانجىلغان ئاددى ۋە ئۇلۇغ بىر ئىنسان .  
مەن ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا مېنى تەربىيەلەش جەريانىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ماڭا يېتەكچىلىك قىلغان قىسقىغىنە بىر يىل جەريانىدىكى تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى ئاددى قەلىمىم ۋە ئۆز خاھىشىم بويىچە يېزىۋاتقىنىم يوق،چۈنكى بۇ سۈيى ئەلۋەك، گۈرۈچ ماكانىمىز ئۇنسۇدىكى بىلىمگە تەشنا خەلق ئاممىسىنىڭ ،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىمى ئىلتىجاسى.....
ئۇنسۇ ناھىيە قىزىل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ،ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئەخمەت ئەمەر 1963-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى گۈلئاۋات يېزىسى سېغىزلىق كەنتىدە دېھقان ئائلىسىدە دۇنياغا كەلدى.  ئالەمچە خوشال بولغان دادا ئوغلىنىڭ كۇندىن-كۈنگە ساغلام چوڭ بولىۋاتغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنەتتى. ئونىڭ قاچانلا قارىسا  دەپتەر، قەلەم بىلەنلا ھەپىلىشىپ ،كىتاپنى ئېلىۋېلىپ كىتاپ ئوقۇغاننى دوراپ بىر نېمىلەرنى پىچىرلاپلا تۇرىدىغان سەبى قىلىقلىرىدىن سۆيۇنگەن دادا ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇتۇش قارارىغا كەلدى.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە مەكتەپ قوينىغا قەدەم باستى،كۈندە مەكتەپتىن خوشال قايتىپ كەلگەن كىچىككىنە ئەخمەت مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى، مۇئەللىملەرنىڭ ئۆزىنى « ئەقىللىق يىگىت » دەپ ماختاپ كەتكەنلىرىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن مەھەللىدىكى بالىلارنى يىغىپ ئۇلارغا « مۇئەللىم » بولۇپ ،ئۇلارنى ئوقۇتۇپ كېتەتتى،« بۇلىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم » دېگەندەك ،دادىسى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى بولىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن پەرەز قىلىپ بولغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ،« ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» .ئاخىرى كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى. ئۇ 1978-يىلى 9-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ خوشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى، ھاياجانلانغان دادا خوشاللىق ياشلىرىنى تۆكتى.1981-يىلى 8-ئايدا گۈلئاۋات يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشكەن تۇنجى كۈنىلا ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن ئۈستى-بېشىدىن نامراتلىق تۆكۇلۇپ تۇرغان توپ-توپ دېھقان بالىلىرىنىڭ  سۇلغۇن چىرايى، نۇرسىز كۆزلىرىدىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى جىددى ئۆزگەرتىشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، ئۇنى پەقەت بىلىم ،ئەمەلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ ئۆزىدە يۈكسەك بىر مەسئۇلىيەت ئېڭى تىكلەپ خىىزمەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلىدى.
1984-يىلى 5-ئايدا يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ئۇنى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قىزىل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىدى،ئۇ بۇمەكتەپكە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەتنى بىجاندىل ئىشلىدى، مەكتەپ مەمۇريىتى ئۇنىڭ خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تونۇپ يېتىپ ، مەكتەپ ئىتتىپاق كومتىتىنىڭ شۇجىسى قىلىپ تەيىنلىدى،ئۇ بۇ خىزمەتنىڭمۇ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقىپ مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە خىزمەتداشلارنىڭ ھەقىقى قايىللىقىنى قوزغىدى.
1992-يىلى 2-ئايدا تەشكىل ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇنى ئۇنسۇ ناھىيە جام بازارلىق 2- ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر قىلىپ تەيىنلىدى ،ئۇنىڭ مەسئۇليىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى ،ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق سىلكىۋېتىپ بۇ خىزمەتكە بېشىچىلاپ كىرىشىپ كەتتى، تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى « مەن مەكتەپ مۇدىرى بولدۇم ،قانداق قىلسام مەكتىپىمنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرەلەيمەن؟ مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاپ ئوقۇغۇچى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتەلەيمەن؟» ئۇ يىراقنى كۆرەرلىكى، تىرىشچانلىقى بىلەن كۆزلىگەن مەقسىدىگە يەتتى، يوقىرىغا دوكلات يوللاپ مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاپ مەكتەپنى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىىزمەتچىلەرنىڭ ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلاندۇردى.ئۇنىڭ جاپالىق ئەمگەك نەتىجىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن ھۆكىمەت ئۇنى 2000-يىلى8-ئايدا چەت، شارائىتى ناچار جام ئورمان مەيدان توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى قىلىپ بېكىتتى.ئىككى يىلغا قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇ قومۇش بىلەن قاپلانغان بۇ مەكتەپنىڭ شارائتىنى ياخشىلاپ باغچىلاشغان مەكتەپكە ئايلاندۇرۇپ ناھىيىمىزنىڭ « ئىككى ئاساسەن » خىزمىتىنى ئەڭ يوقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتكۈزدى.
2010-يىلى 3-ئايدا تەشكىلنىڭ ئورۇلاشتۇرىشى بىلەن ئۇنسۇ ناھىيە قىزىل بازىرى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلدى،قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە مەكتەپنىڭ ناچار ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە چېچىلاڭغۇ تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،پەرزەنتلىرىنى تەرەپ-تەرەپكە يۆتكەپ كېتىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبىدە مەكتەپكە بولغان ئىشەنچتىن ئىبارەت  ئۈمىد شامىنى ياندۇردى، بۇ مەكتەپ قىزىل بازىرىدىكى بىردىن-بىر ھەقىقى ئىسمى- جىسمىغا لايىق « قوش تىللىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ» كە ئايلاندى.
2011-يىلى 6-ئايدا تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپى قىزىل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلدى، چېچىلغان مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپى،قالايمىقان ماكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈملىرى، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئۇنى دەقىقە گاڭگىرىتىپ قويدى، ئەمما قىزىل خەلقىنىڭ ئۈمىد بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرى ئۇنى سەگىتتى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يېڭى كۈچ بەخش ئەتتى.
- يېزىڭ، يېزىڭ،-دەيدۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم مۇدىرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خىزمەتداشلىرى ھاياجانلىنىپ،-ئەخمەت ھەقىقەتەن پىشىپ يىتىلىپتۇ، مەيلى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەيلى ئوقۇتۇش، مەيلى   بىلىم-ئىقتىدار. مەيلى ئەخلاق-ساپا بولسۇن ھەر جەھەتتىن ئادەمنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدىكەن.
- ئەخمەت شوجاڭ بەك كىچىك پىئېل،سەمىمى ئادەمكەن، ئادەمنىڭ ھالىغا يېتىدىكەن،- دەيدۇ قايسى بىر دېھقان سۆيۈنۈپ.
شۇنداق مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنى ئاددىي ئادەم،ئوقۇتقۇچى، ئۆزىنىڭ يۆلەنچۈكى دەپ بىلىشى كېرەك.ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بولىدۇ، ئۇلارمۇ تۇغىلىدۇ، ئاغرىيدۇ، ئۆلىدۇ.ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى بولىدۇ؛ توغرا ئىشلىرىمۇ،خاتا ئىشلىرىمۇ ئېرىشىدىغانلىرىمۇ،مەھرۇم بولىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئەخمەت ئەمەر مەكتەپ باشقۇرۇشتا مەكتەپنىڭ تايانچ كۈچلىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلارغا كۆيىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى ،يەنى مېھرى-مۇھەببەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ،ھەر بىر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش، ئىشىنىش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى.كۆپ خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاتا-ئانىلار بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇردى، ئەنە شۇ مەكتەپ مۇدىرىغا خاس گۈزەل ئەخلاقى-پەزىلىتى بىلەن قول ئاستىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىپ ،ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا باراۋەر، ئادىل  مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى، ئەمگىكى، ھەۋىسى، مۇستەقىللىقى، سوبىيېكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قەدىرلەپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىدىكى پەرقنى ئەقىل تارازىسى بىلەن دەڭسەپ، قابىللارنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ، نەتىجىسىنى ئادىل باھالاپ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەقىقى قايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. ئوقۇتقۇچىللارنىڭ تۇرمۇشىغا ئلاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كېسەل كۆرسىتىش،داۋالىنىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىپ ، غەمگە پاتۇرىدىغان ئىشلاردىن خالى بولۇپ ،ئۇلارغا ساغلام تەن، ساپ ئەقىل بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم  بېرىش شارائىتى ھازىرلاپ بەردى.
ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقىرى كۆتىرىشتە مۇستەقىللىق ئېڭى تۇرغۇزۇپ، بۈگۈنكىدەك تۈرلۈك يېڭى مائارىپ ئىدىيەلىرى، يېڭى ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرى ئۆزلۈكسىز مەيدانغا كېلىۋاتقان تەرەققىيات، ئۇچۇر دەۋرىدە نەدە يېڭىلىق بولسا شۇ يەرگە يېپىشىۋالماي، دەرسخانا ئوقۇتىشى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سەنئىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، باشقۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈردى. ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خاسلىقىنى ھەقىقى نامايەن قىلىپ مەكتەپنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئىشلارنى ئەتراپلىق كۈزىتىپ ، ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، بەزىبىر گۇپپاڭچىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدىغان ناچار ئىللەتلەردىن خالى بولۇپ ئۆزىنىڭ مەكتەپ مۇدىرىغا خاس گۇزەل ئەخلاقى پەزىلىتىنى نامايەن قىلدى.
دەرسخانا ئوقۇتىشىنى قانداق پىلانلاش، لايىھەلەش ، تەشكىللەش، باھالاش، قانداق قىلىپ دەرسخانا ئوقۇتىشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك،تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئېگە قىلىش- مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئورتاق ئىزدىنىدىغان مەڭگۈلۈك تېما. مەكتەپ مۇدىرى ئەخمەت ئەمەر ئوقۇتقۇچىلارنى دەرسخانا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغىللىنىشقا يېتەكلەپ ، ئۇلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتىشىنى ئۆزلۈكسىز ئىلاھ قىلىشىنى قوللاپ، ئۇتۇش تەتقىقاتىدا يېڭىلىق تارىتىشقا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەچكە مەكتىپىمىزدە نۇرغۇنلىغان ئوقۇتۇش سېپىدىكى ماھىرلار، مۇنەۋەر يېتەكچىلەر، ماقالىلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەتقىقاتچىلار مەيدانغا كەلدى.
تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىزادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا،ئۆزى باشلامچى بولۇپ، ئومۇمنىڭ پۇللىرىنى ئىقتىزادچانلىق بىلەن  ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ بىر كومپارتىيە ئەزاسىغا خاس پاك-دىيانەتلىك رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇردى.
ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى ماڭدۇرۇشتا : تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئوقۇتقۇچىلارنى بىلىم قۇرۇلمىسى،ئۇقۇتۇش سالاھىيىتىگە ئاساسەن تاللاپ دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ دەرس تەتقىقاتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە دەرسنى ئەتراپلىق تەييارلىشىغا مەكتەپتىكى ھەر قانداق يىغىلىش ۋە سىرتقى پائالىيەتلەردىن ئايرىپ يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىپ  ئۇلارنى قوللىغانلىقتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىشىمۇ ياخشى بولۇپ 2012-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشغان 72 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن تولۇق كۇرس نومۇر سىزىقىغا يەتكىنى 18 نەپەر، مەخسۇس كۇرس نومۇر سىزىقىغا يەتكىنى 33 نەپەر، ھازىرغىچە چاقىرىق كەلگىنى تولۇق كورستىن 16 نەپەر، مەخسۇس كۇرستىن 17 نەپەر بولۇپ ناھىيە بويىچە سېلىشتۇرغاندا خېلى ياخشى نەتىجە ھېساپلىنىدۇ.
پارتىيە،ھۆكىمەت يولداش ئەخمەت ئەمەرنىڭ مائارىپ سېپىگە قەدەم باسقاندىن بۇيانقى 31 يىللىق جاپالىق ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى ھەقىقى مۇئييەنلەشتۈرۇپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك  شەرەپلىك ناملارنى بەردى.بۇ پەقەت ئاز بىر قىىسمى :
2007-يىلى9-ئاينىڭ 10- كۈنى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى، ئۇنسۇ ناھىيىلىك پارتىكۇم، خەلق ھۆكىمىتى « مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى»، 2011-يىلى 9-ئايدا جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكۇم، خەلق ھۆكىمىتى « ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇنەۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى»، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى ئۇنسۇ ناھىيىلىك پارتىكۇم ،خەلق ھۆكىمىتى « ئىلغار شەخس»، 2012-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ  ئىلمىي جەمئىيىتى « ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋەر مەكتەپ مۇدىرى» دېگەن شەرەپلىك ناملارنى بەردى.
ئۇ يوقارقى نەتىجىلىرى بىلەن مەغرۇرلىنىپ قالماي، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ، قەددىنى تىك تۇتۇپ مائارىپنىڭ ئالدىنىقى سېپىدە مەنزىلگە قاراپ ئۆزلۈكسىز ئىلگىرلىمەكتە......


قىزىل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ
2012-يىلى9-ئاينىڭ3-كۈنى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-29 23:17:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەت ئەمەر توغرىسىدا ياخشى بولغان ماتىرىيال يوللاپسىز
دىمەك  مەكتەپ مۇدىرى  ئەخمەت ئەمەر  ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا دەرسخانا ئوقۇتىشىنى ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ . دەرىسخانا ئۇقۇتۇشىنى قانداق پىلانلاش ئۇقۇتۇشنى يۇقىرى كۈتۈرۈش جەھەتلەردىكى تۆھپىسى كۈرنەرلىك بۇلۇپلا قالماي بەلكى . ھەر قايسى خىزمەلەردىمۇ نەتىجىسى ناھايتى يۇقىرى بولغان باغۋەنلەرنىڭ بىرىكەن . يەنە كىلىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىزادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا،ئۆزى باشلامچى بولۇپ، ئومۇمنىڭ پۇللىرىنى ئىقتىزادچانلىق بىلەن  ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ بىر كومپارتىيە ئەزاسىغا خاس پاك-دىيانەتلىك رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپتۇ.  بۇلۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەرگە نۇرغۇنلىغان ئۇقۇغۇچىلارنى يەتكۈزگەنلىكى مىنى تۇلىمۇ ھاياتجاللاندۇردۇ. شۇنداق باغۋەنلەر مائارىپ سېپىدە ئۈزۈلمىگەي رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-6-4 10:52:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ھەقىقەتەن مائارىپمىز ئۇچۇن كۆپ ئەجىر سىڭدۇرۇپسىز.سىز بىزنىڭ ئۈلگىمىز.
ۋاقتى: 2013-6-4 11:06:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:تىرشىڭ بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز.بۇ تۆھپىلىرىڭىز بىزگە مەدەت بەرگۇسى.
ۋاقتى: 2013-8-1 13:29:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مائارىپ سېپىمىز مۇشۇنداق قابىل مەكتەپ مۇدىرلىرىغا مۇھتاج.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش