|
. ئۆزىنىڭ سۇنماس ئىرادىسى بىلەن تالاي مۇشەققەتلەرنى يىڭىپ مەملىكىتىمىزنى ۋىلىسپىت بىلەن ئايلىنىپ كىلىشنى مەقسەت قىلغان ئوت يۈرەك بىر ياش بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 2 دە داغدۇغىلىق ئۇزۇتۇش مۇراسىمىدىن كىيىن غۇلجا ناھىيە يىڭىتام يېزىسىدىن يولغا چىقتى . ئۇ بولسىمۇ بۇرۇندىن نۇرغۇن سەپەرلەرنى موتوسىكىلىت ۋە ۋىلىسپىت بىلەن تاماملاپ كىلىۋاتقان ئىرادىلىك يىگىت دولقۇن تۇرغۇن . دولقۇن تۇرغۇن ، 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى غۇلجا ناھىيە ئارئۆستەڭ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1999-يىلى 7-ئايدا تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن . بۇ ياش 2000-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى سىناپ بىقىش ئۈچۈن غۇلجىدىن پىيادە يولغا چىقىپ 9 كۈن ئىچىدە 520 كىلومىتىر يول بېسىپ مايتاغقا يېتىپ بىرىپ ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ ئىسپات ئىلپ كەلگەن. 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى غۇلجا شەھرىدىن ۋىلىسپىت بىلەن يولغا چىقىپ 9 مىڭ كىلومىتىر يول بېسىپ مەملىكىتىمىزدىكى 5 ئۆلكە، 50 شەھەر، 200 دىن ئارتۇق ناھىيە بازارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ بارغان ئورۇنلاردىن ئىسپات ئېلىپ 2001-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا غۇلجىغا قايتىپ كىلىپ ھەر ساھە ئاممىسنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئىرىشكەن. 2001-يىلى 6-ئايدا ياماخا ماركىلىق 00119 نومۇرلۇق موتوسىكىلىت بىلەن مەملىكىتىمىزدىكى 21 ئۆلكە 400 دىن ئارتۇق شەھەرنىئايلىنىپ چىققان. بۇ قىتىم ئۇ يەنە شۇ ئىرادىسى بىلەن ۋىلىسپىتلىك مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە 400 دىن ئارتۇق شەھەر بازارنى ئايلىنىپ كىلىش ئۈچۈن نىيەت قىلىپ يىڭتام يېزىسىدىن يولغا چىقتى . دولقۇن تۇرغۇننىڭ بۇ قىتىمقى مۇساپىسى 60000 كىلومىتىر (60 مىڭ كىلومىتىر ) بولۇپ ، بىر يىل ئالتە ئايدا تاماملاپ بولۇشنى كۆزلەپ يولغا چىقتى . بىز بۇ ياشنىڭ ئىرادىسىگە ئاپىرىن ئىيتماي تۇرالمايمىز. ھەم ھەر ساھەدىكى بارلىق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قوۋەتلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. تۆۋەندە بۇ ياشنىڭ يولغا چىقىشتىكى بىر قاتار سۈرەتلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. .
تۆۋەندە يولغا چىققان چاغدىكى سۈرەتلەردىن پارچىلار
ۋاقتىم قىسلىغىدىن باشقا رەسىملەرنى يوللىيالمىدىم . تىخىمۇ كۆپ رەسىملەرنى خەۋەر ئەسلى مەنبەسىدىن كۆرۋالغايسىلەر http://www.jilyuz.com/article/mazmun.asp?id=830
|
|