مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 6

ئەدەبىيات دەرس تەييارلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

143

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
31 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
26 سەر
شۆھرەت
29 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 10:47:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-دەرس ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك
(داستان)
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
     ئوقۇتۇش نىشانى:
       1) ئاپتورىنى تونۇشتۇرۇش
    2) يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش
  3)داستان ۋەقەلىكىنى تەھلىل قىلىش
    4)ئوقۇغۇچىلارغا ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇتۇش
   5)ئوقۇغۇچىلارغا ئانا ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيىسىنى سىڭدۈرۈش  
مۇھىم نۇقتا:
     ئەسەردىكى «ئۇلۇغ ئانا» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش،ئەسەردە بايان قىلىنغان ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بار-يوقلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
قىيىن  نۇقتا:
يېڭى سۆزلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىش
    ئوقۇتۇش ئۇسۇلى؛
     چۈشەندۈرۈش،يېتەكلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ
    ئوقۇتۇش قورالى:
     دەرسلىك كىتاب،دوسكا،بور قاتارلىقلار ۋەكۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆيى
    ئوقۇتۇش جەريانى:
     ئالدىن سىناق سوئاللىرى
    1 .تۆۋەندىكى بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.
1)        (ئوبېيكىتىپ ۋەقە)بىلەن (پېرسۇناژ) تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ( ئىجتىمائىي تۇرمۇش) نى ئەكس ئەتتۈرىدىغان(چوڭراق ) ھەجىمدىكى شېئىرىي ئەسەر داستا دەپ ئاتىلىدۇ.
2)        داستاندا  (تارىخىي) ئەھمىيەتكە ئىگە بىرەر(ۋەقە) ئىلگىرى سۈرىلىدۇ ئۇنىڭ مەركىزىدە ( سۇژېت) بىلەن(قەھرىمان) تۇرىدۇ.
     2.ئەسەرنىڭ باش قىسىمىدىكى تەمسىل قايىسى كىتابتىن ئېلىنغان؟تەمسىلنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
     ئوقۇغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى سوئالنى سوراش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن.
     سىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قانداق ئەسەرلىرىنى بىلىسىز؟ دېگەن سوئالنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە ئېلىپ كىرىمەن ھەم  تالانتىلىق يازغۇچى، شائىر ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قىسقىچە ھاياتى پائاليىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
     ئابدۇرېھىم تىلەشوپ ئۆتكۈر 1923-يىلى قۇمۇل شەھرىدە تۇغۇلغان،1995-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.ئۇنىڭ «ئىز»،«ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى،«ئۆمۈر مەنزىللىرى»،«قەشقەر كېچىسى» گە ئوخشاش شېئىرلار توپلاملىرى بار.بۇ داستان ئۇنىڭ «شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرقىلىنغان « ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان.
تۆۋەندىكى رەسىمدىن سىز نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟(كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆيىدە كۆرسىتىلىدۇ)








     تېكىست ئوقۇپ كېلىشكە تاپشۇرۇلغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك،ئانىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى توغرىسىدىكى ھېكايىلەردىن بىر قانچىنى مىسال ئېلىپ سۆزلەپ بېرىمەن ئاندىن يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمەن.
    ئەسەردە ئۇچرايدىغان بىر قىسىم يېڭى سۆزلەر؛
مۇشتاق،ياياق،چۈشكۈن،سۆكسۆك،كاشانە،ئەپغان،شىۋىقەدىر،ناگىھان،
ئەلۋىدا،ناتىۋان...... قاتارلىق سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىشىغا ئاساس سالىمەن.ئاخىردا ئوقۇغۇچىلاردىن   تېكىست ئىچىدىن تۆۋەندىكىگە ئوخشاش سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ ئەسەر مەزمۇنىنى تەھلىل قىلغۇزىمەن.
1)        ئوغۇل نېمە سەۋەبتىن ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى ئالماقچى بولىدۇ؟ ئوغلىنىڭ بۇ ئىشى توغرىمۇ؟
2)        ئوغۇل ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى ئالغاندىن كېيىن مەقسىتىگە يېتەلىدىمۇ-يوق؟
3)        ئانىنىڭ يۈرىكىنى بېرىشى ۋە يۈرەكتىن سادا چىقىشى قاتارلىقلاردا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن قايسىسى قوللىنىلغان؟
4)        داستاندا ئاساسلىق قانچە پېرسۇناژ بار؟
تاپشۇرۇق:
پېرسۇناژلار ئوبرازىنى سۈرەتلەپ بېرىش
    دوسكا لايھىسى:
1-دەرس ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك
(داستان)
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئاپتورنىڭ ھاياتى
يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى











20-دەرس چۈنكى مەن ئادەم
(شېئىر)
تاھىر تالىپ

ئوقۇتۇش نىشانى:
       1) ئاپتورىنى تونۇشتۇرۇش،شېئىرنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش
    2) يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش
  3)جانلەق،ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىش
    4) ئوقۇغۇچىلارغا ئادىمىيلىك  تەربىيىسىنى سىڭدۈرۈش
   مۇھىم نۇقتا:
     ئاپتورىنى تونۇشتۇرۇش،شېئىرنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش
قىيىن  نۇقتا:
يېڭى سۆزلەرگە بىرلەشتۈرۈپ شېئىر  مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىپ چۈشىنىۋېلىش
     ئوقۇتۇش ئۇسۇلى؛
     چۈشەندۈرۈش،يېتەكلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ
     ئوقۇتۇش قورالى:
     دەرسلىك كىتاب،دوسكا،بور قاتارلىقلار
     ئوقۇتۇش جەريانى:
     ئالدىن سىناق سوئاللىرى
شېئىر دېگەن نېمە؟بۇ شېئىر شېئىرلارنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە؟

تاھىر تالىپ ـــ  1946- يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شائىر ۋە مۇھەررىر. ئۇنىڭ ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960-يىلى «يېزىغا چۈشكەن كادىرغا›› ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ھازىرغىچە «چۈنكى مەن ـــ ئادەم››، «ئادەمنىڭ ‹سۈنئىي ھەمراھى››› قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان.
    ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىللە «لارسىننىڭ ئۆلۈمى›› قاتارلىق ھېكايىلەرنى، «پەرھاد-شېرىن›› قاتارلىق تېلېۋېزىيە تىياتىرلىرىنى، «دىيانەت››، «دەھشەتلىك تېھران›› قاتارلىق رومانلارنى، «قاچقۇن ماجۇڭيىڭ›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. «خەير، ياشلىقىم›› ناملىق شېئىر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
    ھازىر جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىڭ.
بىمارــــ ئاغرىق
خىزىرــــ ئىسلام دىنى رىۋايەتلىرىدە ھايات بۇلىقىدىن «تىرىكلىك سۈيى»ئىچكەن،ئېغىر ئەھۋالدا قالغان كىشلەرنىڭ مۈشكۈلاتىنى ئاسان قىلىدىغان،ئۇچراشقانلارغا بەخت ئاتا قىلىدىغان زات.
پايخان بولماق ــــ دەسسەلمەك،چەيلەنمەك
تەلۋە ــــ قاراملىق بىلەن ئىش قىلغۇچىلار
ھامىي ــــ ھىمايە قىلماق
جاھالەت ــــ ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم بولغان ھالەت
ئېتقاد ــــ چوقۇنۇش  
ناتىۋان ــــ ئاجىز،كۈچسىز،بىچارە
بۇ شېئىر لىرىك شېئىر بولۇپ،شېئىرلارنىڭ ئىنتىم لىرىكا دېگەن تۈرىگە تەۋە.
شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىشتا،ئالدى بىلەن ئۆزەم بىر نۆۋەت جانلىق،ھېسسىياتلىق ئوقۇپ بېرىمەن،ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا توغرا ئۇسۇلدا دېكلاماتسىيە قىلىشقا يېتەكلەيمەن.
تاپشۇرۇق:
«ھەقىقىي ئىنسان›› دېگەن ماۋزۇدا ئەمىلىي تۇرمۇشىڭىزدىكى ئۆزىڭىزگە تەسىر قىلغان شەخس ياكى ئىش- ۋەقەلەرنى تېما قىلىپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ.
     دوسكا لايھىسى:
20-دەرس چۈنكى مەن ئادەم
(شېئىر)
تاھىر تالىپ
ئاپتورنىڭ ھاياتى
يېڭى سۆزلەر




10-دەرس بەش تال ئوق   
      (ھېكايە)
    تۇردى سامساق
ئوقۇتۇش نىشانى:
1)ئەسەر ژانېرى،يېڭى سۆزلەر،ئاپتورنى چۈشەندۈرۈش
2)ئوقۇغۇچىلارغا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلانبىي»نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلدۈرۈش
3)ھېكايە تىلىدىكى گۈزۈللىلىكنى ھېس قىلدۇرۇش
4)بۇ ئەسەرنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەخمەتجان قاسىمى، رىزۋانگۈل... قاتارلىقلاردىن ئۆگىنىش، ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى شۇنداقلا، ۋەتەن مۇھەببىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش لازىملىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
     مۇھىم نۇقتا:
بۇ ئەسەردىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش.« ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي»نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ھېس قىلىش.
   قىيىن نۇقتا:
ھېكايە تىلىدىكى گۈزۈللىلىكنى ھېس قىلدۇرۇش 4.ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:ئۈلگەكۆرسىتىپ ئوقۇش، تەشكللەش، سوئال سوراپ يېتەكچىلىك قىلىش،چۈشەندۈرۈش.
     ئوقۇتۇش قوراللىرى:
دەرسلىك كىتاب، دوسكا،بور،كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆيى قاتارلىقلار
    ئوقۇتۇش جەريانى:
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر قانداق ۋەقەلەرنى ئاڭلىغان؟قانداق ئەسەرلەرنى ئوقۇغان؟
   يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
1)ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي »دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كىشلەرنى تونۇمسىز؟دېگەن سوئالنى قويۇش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.







3)        ئەسەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى،ژانىرى، ئاپتۇرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىنىدۇ.







(ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى)
شائىر ۋە يازغۇچى تۇردى سامساق 1923-يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،دەسلەپكى ساۋاتىنى ئۆز يۇرتىدا چىقىرىپ بىر قانچە يىل مەكتەپتە ئوقۇغان بولسىمۇ،ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان.تۇردى سامساق1942-يىلى3-ئايلاردا قەشقەردىن چىقىپ كېتىپ،ئىلى،ئالتاي قاتارلىق جايلارغا بارغان،1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلانىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ،ئارمىيىدە تەشۋىقاتچى،ھەربىي مۇخبىر،كەڭساي ئاتلىق پولىكىدا ئىسكادروننىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى،زەمبىرەكچىلەر قىسىمىدا ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ كومىسسارى بولۇپ ئىشلىگەن.كېيىن شىنجاڭ يازغۇچىلا جەمئىيىتىدە ئىشلەپ، ئاساسەن  ئەدەبىي  ئىجادىيەت  بىلەن  شۇغۇللانغان،1992-يىلى
7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدەھادىسىگە ئۇچراپ،69يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
3)تېكىست ئۈلگە قىلىپ ئوقۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تېكستنى ئىچىدە بىر قېتىم  ئوقۇشقا ئويۇشتۇرۇلىدۇ. ئەسەر مەزمۇنىنى قايتا بايان قىلىشقا رىغبەتلەندۇرىلىدۇ.
10-دەرس بەش تال ئوق
تۇردى سامساق
ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى
يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى
4)ئەسەردىكى كۆپ ئۇچرىمايدىغان سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل بايلىقى ئاشۇرۇلىدۇ.
تاپشۇرۇق:
تېكىستتىكى مۇھىم جۈملىلەرنى تەھلىل قىلىپ كېلىش
دوسكا لايھىسى:















        5-دەرس مولللاقچىلىقنى ئۈگىنىش
(ئەدەبىي خاتىرە)
زۇنۇن قادىرى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1)ئاپتورنىڭ ھېسياتىدىكى چىنلىق ۋە ھەقىقىيلىكنى ئىگېلىۋېلىش.
     2)ئۆسمۈر زۇنۇن قادىرنىڭ ئۈگىنىش جەھەتتىكى ئىرادىسىنى ئۈگىنىش
مۇھىم نۇقتا:
     1)ئاپتورنىڭ ھېسياتىدىكى چىنلىق ۋە ھەقىقىيلىكنى ئىگېلىۋېلىش.
2)ئۆسمۈر زۇنۇن قادىرنىڭ ئۈگىنىش جەھەتتىكى ئىرادىسىنى ئۈگىنىش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
چۈشەندۈرۈش ۋە مۇلاھىزە قىلىش
ئوقۇتۇش قورالى:
دەرسلىك كىتاپ،پايدىلىنىش ماتېرىيالى
ئوقۇتۇش جەريانى:
1)دەرستىن ئاۋاللقى سىناق:
سىز زۇنۇن قادىرنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنى بىلىسىز؟ئېيتىپ بېقىڭ.
2)يېڭى دەرسكە كىرىش:
ئوقۇغۇچىلاردىن زۇنۇن قادىرى ھەققىدىكى بىلىملەر سورىلىدۇ،يەنى ھەممىمىزگە  تونۇش بولغان «غۇنچەم»دراممىسىنى سۆزلەش ئارقىلىق زۇنۇن قادىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ.ئاندىن ئەسەرنىڭ ژانېرى تونۇشتۇرلۇپ،يېڭى سۆزلەر چۈشەندۈرۈلىدۇ،ئاخىردا تېكىستنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ،بۆلەكلەر مەزمۇنى يىغىنچاقلىنىدۇ.(بۇ جەرياندا ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلار بۆلەكلەرگە ئايرىپ،بۆلەك مەزمۇنىنى ئېيتىپ بېرىدۇ،مەزمۇندىن چەتنەپ كەتسە،ئوقۇتقۇچى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بۆلەكلەر مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاپ،خۇلاسە قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:
زۇنۇن قادىرى 1912-يىلى دۆربىلجىندە تۇغۇلغان.1989-يىلى ئالامدىن ئۆتكەن.ئۇ 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئۇستاز يازغۇچى ۋە دراماتورگ.«غۇنچەم»،«گۈلنىسا»،«ماغدۇر كەتكەندە»،«ئىككى بارمىقىم بىلەن»،«چېنىقىش »قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.
تېكىستتە ئۇچرايدىغان يېڭى سۆزلەر:
چىغرىق ــــــــــ1)پاختىنى چىگىتىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلما2)قۇدۇقتىن سۇ تارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان غالتەكسىمان قۇرۇلما3)دارنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىغا ئورنىتىلغان ۋە دارۋازلار موللاق ئېتىپ ئويۇن كۆرسىتىدىغان شوتىسىمان قۇرۇلما.
چەنزە ــــــــ بادرا
جۇۋازـــــــ  مايلىقدان ۋە چىگىت قاتارلىقلاردىنماي چىقىرىدىغان قۇرۇلما
دوناي ــــــ  قىڭغىر،ئەگرى
يارماق ــــــ  قەدىمكى دەۋرلەردە ئىشلىتىلگەن مېتال پۇل
چۇلۋۇرـــــــ  ئۇلاغنى باغلاش ۋە يېتىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانيۇڭدىن ئېشىلگەن تانا
    بۇ تېكىست تۆت بۆلەككە بۆلۈنىدۇ:
1-        بۆلەكتە:دار ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن دار ئويناشقا ۋە موللاق ئېتىشقا قىززىقىپ،ھەر كۈنى شۇلارنى دوراپ ئويناشقا باشلىغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
    2-بۆلەكتە:ئۆزىنىڭ كوچا-كويلاردا ئويۇن ئۈچۈن موللاقچىلىق ماھارىتىنى كۆرسەتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
3-بۆلەكتە:زىدىيەتنىڭ يۇقىرى باسقۇچى بولۇپ،دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش سۆزلىنىدۇ.
   4-بۆلەكتە:دادىسىنىڭ ئۇنى سولاپ قويغانلىقى،تاغىسىنىڭ دادىسىنىڭ توڭىنى ئېرىتىپ ئۇنى ئازاد قىلغانلىقى،تاغىسىغا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتىنى يازىدۇ.
تاپشۇرۇق:
43-بەت 3)سوئال
    دوسكا لايھىسى:
5.موللاقچىلىقنى ئۈگىنىش
زۇنۇن قادىرى
ئاپتورىنى تونۇشتۇرۇش
يېڭى سۆزلەر






17-دەرس شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس
روگافى ئىنگىن

ئوقۇتۇش نىشانى:
1)        ئىجادىي تەپەككۇر ئامىللىرىنى بىلىش
2)        مەركەزنى چۆرىدەپ قاتلاممۇ-قاتلام بايان قىلىش
3)        قانداق قىلغاندا مول ئىجادچانلىققا ئىگە ئادەم بولغىلى بولىدىغانلىقى،ئىجادىي كۈچ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش
مۇھىم نۇقتا:
ئىجادىي تەپپەككۇر ئامىللىرىنى بىلىش
    قىيىن نۇقتا:
مەركەزنى چۆرىدەپ قاتلاممۇ-قاتلام بايان قىلىش ئۇسۇلىنى توغرا تەھلىل قىلىش.
     ئوقۇتۇش ئۇسۇلى؛
تەھلىل قىلىش،سوئال-جاۋاپ
    ئوقۇتۇش قورالى:
دەرسلىك كىتاپ،بور،دوسكا،كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆيى قاتارلىقلار
     ئوقۇتۇش جەريانى:
    1)دەرستىن ئاۋۋالقى سىناق
قولىڭىزدىكى قېرىنداشنىڭ قانچە خىل ئىشلىنىشى بار؟
2)يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ئالدى بىلەن «شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس» دېگەن تېكىستنىڭ باش قىسىمىدىكى تۆت شەكىلنى دوسكىغا سىزىپ،بۇ تۆت شەكىل ئىچىدە خۇسۇسىيىتى قالغان ئۈچ شەكىلگە ئوخشىمايدىغان بىر شەكىلنى تېپىپ چىقىڭ دەپ ئېيتىمەن.ھەمدە تۆۋەندىكى رەسىمنى كۈزىتىپ چىقىشقا يېتەكلەيمەن، ئوقۇغۇچىلار قانداق جاۋاب بەرسە بولىۋېرىدۇ،پەقەت بەرگەن جاۋابىنىڭ ئاساسى بولسىلا مۇئەييەنلەشتۈرىمەن.بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشنى قولغا كەلتۈرىمەن.
    ئەگەر توغرا جاۋاب بىرلا بولىدۇ دەپ قارىسىڭىز،مەلۇم جاۋابنى تاپقاندىن كېيىن ئالغا باسماي توختاپ قالىسىز،شۇڭا بىر جاۋاب بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىق،ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچمەسلىك لازىم،بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم.
    ئىككىنچى خىل جاۋاب ۋە مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنىڭ باشقا يوللىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئىجادىي تەپەككۇرغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ،ئەمىسە ئىجادىي تەپەككۇردا قانداق زۆرۈر ئامىللار بولىدۇ؟بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تېكىستنى ئەستايدىل ئوقۇپ ئاساسىي  مەزمۇننى ئىگەللىۋېلىشقا،پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشقا يېتەكلەيمەن.(سوئاللار ئارقىلىق)
   ①شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى نېمە ئۈچۈن بىرلا بولمايدۇ؟ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈڭ.
   ②قانداق قىكلغاندا ئىجادىي روھقا باي بولغىلى بولىدۇ؟
    ئوقۇغۇچىلار سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئاساىسدا بىر رەت ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن تېكىست تەھلىلىنى ئېلىپ بارىمەن.ئاخىردا مەركەزنى چۆرىدەپ قاتلاممۇ-قاتلام بايان قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.
    ئەسەر مەركەزنى چۆرىدەپ قاتلاممۇ-قاتلام بايان قىلىنغان.ئاپتورنىڭ بايان قىلماقچى بولغىنى قانداق قىلغاندا مول ئىجادچانلىققا ئىگە ئادەم بولغىلى بولۇش ؛بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئالدى بلەن تونۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش،شۇڭا ئاپتور ئالدى بىلەن «شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا بولمايدۇ»دېگەن تەپەككۇر شەكلىنى ھەركەتتە كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.بۇ ئىجادىي تەپەككۇرغا باغلىق، شۇڭا ئۇلاپلا ئىجادىي تەپەككۇرغا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى بايان قىلغان.
     تاپشۇرۇق:
     مەشق كىتاب 67-بەت 2)،3)
     دوسكا لايھىسى:
  
17-دەرس شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس
روگافى ئىنگىن
تۆت شەكىلنىڭ رەسىمى  سىزىلىدۇ





-دەرس ئۇلۇغ تىراگېدىيە17
سىتفان زىۋىگ
(ھېكايە)
    ئوقۇتۇش نىشانى:
1)تەۋەككۇلچىلىك روھىنى ھېس قىلىش
2)مۈشكۈلاتقا،كۈتۈلمىگەن تەقدىرگە قانداق مۇئامىلەقىلشنى ئۈگۈنىۋېلىش
3)بەزى جۈمىلىلەرنىڭ مەنىسىنى ياخشى ئىگەللەش
    مۇھىم نۇقتا:
1)تەۋەككۇلچىلىك روھىنى ھېس قىلىش
2)مۈشكۈلاتقا،كۈتۈلمىگەن تەقدىرگە قانداق مۇئامىلەقىلشنى ئۈگۈنىۋېلىش
3)بەزى جۈمىلىلەرنىڭ مەنىسىنى ياخشى ئىگەللەش
    قىيىن نۇقتا؛
بەزى جۈمىلىلەرنىڭ مەنىسىنى ياخشى ئىگەللەش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
     سوئال-جاۋاب،مەسىلە قويۇپ مۇھاكىمە قىلىش
    ئوقۇتۇش قورالى:
     دەرسلىك كىتاب،دوسكا،بور قاتارلىقلار
    ئوقۇتۇش جەريانى:
    1)دەرستىن ئاۋۋالقى سىناق
    بۇ ھېكايىدىكى قايسى ئىشلار سىزنى بەك تەسىرلەندۈردى؟
    2)يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
سىتفان زىۋىگ(1942-1881) ئاۋسترىيىلىك يازغۇچى. ئۇنىڭ ئاساسىي مۇۋەپپەقىيىتى ــ تەرجىمىھال (بىئوگرافىيە) ئەدەبىياتى ۋە پروزا ئىجادىيىتى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ «ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. بۇ تېكىست «ئىنسانىيەت يۇلتۇزلىرى چاقنىغاندا»دىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
     بۇ سائەتلىك دەرستە ئاساسلىقى سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش،مەسىلە قويۇپ مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.         
(جەنۇبىي قۇتۇپ مەنزىرلىرى ۋە ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر)
⑴مەسىلە قويۇپ مۇھاكىمە قىلىش
①زىۋىگ نېمە ئۈچۈن غەلبە قىلغۇچى ئامىنسوننىڭ تەرجىمھالىنى يازماي،مەغلۇپ بولغۇچى سىكوت پاجىئەسىنى يازىدۇ؟
②سىكوت ۋە ئۇنىڭ ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىدىكىلەر ئىنسانلارنىڭ قانداق ئېسىل پەزىلەتلىرىنى نامايان  قىلدى؟ بۇلار تېكىستنىڭ قايسى جايلىرىدا كونكىرېت ئىپادىلىنىدۇ؟
③سىكوت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئېكىسپېدىتسىيىسىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
⑵ ئىزدىنىش سوئاللىرى
①تېكىستنى ئوقۇپ،ھېكايىدىكى قايسى ھادىسە ۋە قايسى تەپسىلاتلارنىڭ سىزنى ئەڭ قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
بۇ سوئال ئارقىلىق بىرى تېكىستنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى ئىگىلەپ،ئاغزاكى ئىپادىلەشنى مەشق قىلىش؛يەنە بىرى تېكىستتىكى جەۋھەرلەرنى تونۇپ قايتا-قايتا ئوقۇپ،ئۇنىڭدىكى مەنىدىن بەھرە ئېلىش.
سوئالغا جاۋاب بېرىش تەسەۋۋۇرى:ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ،ھېكايىنى قايتا سۆزلەتكۈزۈشكە بولىدۇ،ئاندىن ھەر بىر گۇرۇپپا ئالدىغا چىقىپ سۆزلەشكە بىر ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭدا جانلىق،نۇتۇق قابىليىتى ياخشى ئوقۇغۇچىنى تاللاشنىڭ ھاجىتى يوق،بەلكى چېنىقتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش كېرەك.تېكىستتىكى نقايسى جايلار ئەڭ تەسىرلىك،ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز تەپسىلاتلار ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلاردا ئوخشاش بولمىغان جاۋابلار بولۇشى مۈمكىن،بۇلارنى ئۆزلىرى تېپىپ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك.
②بىر قانچە جۈملە تەھلىل قىلىنىدۇ.
بىر ئادەم يەڭگىلى بولمايدىغان كۈلپەتلىك تەقدىر بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۆزىنى ھالەك قىلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ روھى شۇ سەۋەبتىن شۇنچە ئالىيجاناپ بولۇپ كېتىدۇ.بۇ ھەر قانداق دەۋردە ئەڭ ئۇلڭۇغ تىراگېدىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى ئېغىز سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟پۈتۈن تېكىستتە قانداق رول ئوينايدۇ؟
تاپشۇرۇق:
بىر پارچە ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش
دوسكا لايھىسى:
17-دەرس ئۇلۇغ تىراگېدىيە
سىتفان زىۋىگ
ئاپتور نېمە ئۈچۈن سىكوت پاجىئەسىنى يازغان؟




















6-دەرس ئاخىرقى دەرس
(ھېكايە)
داۋدېت

ئوقۇتۇش نىشانى:
1)ئوقۇغۇچىلارغا ھېكايىنىڭ ئاپتورىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش.
2)ھېكايىدىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش
3)ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلىنى قەدىرلەش، كۆپ تىلىغا پىششىق بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش.
مۇھىم نۇقتا:
تېكىستنىڭ مەزمۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش،ئانا تىلىنى قەدىرلەش، كۆپ تىلغا پىششىق بولۇش.
قىيىن نۇقتا؛
ھېكايىدىكى تىل تەسۋىرى ، ھەرىكەت تەسۋىرى ۋە پسىخىكىلىق تەسۋىرلەرنى تېپىپ چىقىش
ئوقۇتۇش قوراللىرى:
دەرسلىك كىتاب، دوسكا،بور قاتارلىقلار.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
ئوقۇش، تەشكللەش، چۈشەندۈرۈش، مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش.
ئوقۇتۇش جەريانى:
1)ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي ئۇزۇن تىللارنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللەشكەنلىكىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئانا تىلنى توغرا ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا  ئۇنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق  يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىمەن.
2) ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ژانىرى، ئاپتۇرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
داۋدېت (1840-1897)ـــفىرانسىيە يازغۇچىسى،داۋدېتنىڭبۇ مەشھۇر ئەسىرى دۇنيادا كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.













    3)يۇقىردىكى رەسىمدىن سىز نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟(رەسىم ئېكراندا كۆرسىتىلىدۇ)
4)تېكىست ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى روللارغا بۆلۈپ ئوقۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەسەر مەزمۇنىنى قايتا بايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە سۆزلەش قابىلىيىتى ئاشۇرۇلىدۇ.
5) ئەسەردىكى يېڭى سۆزلەرنى چۈشەندۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل بايلىقى ئاشۇرۇش ھەم ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە ئاساس سېلىش.
ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن پىكىر قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئانا تىلىنى پىششىق بىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە خۇلاسىلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دېمەك يۇقىرقى سوئاللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى،ئىزدىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئۆزىنىڭ كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويغۇزۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا ئۈندەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئانا ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ئانا تىلىنى پىششىق بىلىش ۋە ئۆگىنىش، ۋەتەن ،خەلق ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇش ھەققىدە تەربىيە بىرىلىدۇ.
6-دەرس ئاخىرقى دەرس
              (ھېكايە)
داۋدېت
ئاپتورنىڭ قىسقىچە ھاياتى
يېڭى سۆزلەر
تاپشۇرۇق:

دوسكا لايھىسى:
                          















9-دەرس بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار
(چۈشەندۈرۈش ماقالىسى)
مېي تاۋ

ئوقۇتۇش نىشانى:
1)ئەسەرنىڭ ئاپتورى،ژانېرى،يېڭى سۆزلەر،پېرسۇناژ ۋە ۋە قەلىكىنى بىلىۋېىلىش
2)ئەسەردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ رولىنى بىلىۋېلىش.
3)ئەسەردىكى مۇھىم سۆز جۈملىلەرنىڭ رولىنى تەھلىل قىلىپ چۈشىنىش
4)جانلىقلارنىڭ غەيرىي تەبئىي يول بىلەن كۆچۈشىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدا-زىينى توغرىسدا تەھلىل يۈرگۈزۈپ،ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقنى ساقلاش توغرىسىدىكى تەربىيەنى سىڭدۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا:
ئەسەردىكى مۇھىم سۆز جۈملىلەرنى تەھلىل قىلىپ، مەنىسىنى چۈشىنىش
قىيىن نۇقتا:
     ئەسەردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ رولىنى تەھلىل قىلىپ چۈشىنىش.
ئوقۇتۇش قورالى:
دەرسلىك كىتاب،پايدىلىنىش ماتېرىيالى
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
تەھلىل قىلىش،چۈشەندۈرۈش
ئوقۇتۇش جەريانى:
1)ئالدىن سىناق سوئاللىرى
① ئاغزاكى ئالاقە پىكرىنىڭ قايىل قىلارلىق بولۇشى ئۈچۈن نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟
② «بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ» نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
4)        يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
①        ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارنى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىمەن.
②        ئالدى بىلەن ئەسەرنى ئۆزەم بىر رەت،ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بېرىمەن،ئادىن ئوقۇغۇچىلارنى ئىچىدە ئوقۇشقا ئۇيۇشتۇرۇپ،يېڭى سۆزلەرنى تېپىشقا ۋە مەنىسىنى چۈشىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىمەن.
③        ئەسەردىكى مۇھىم سۆزجۈملىلەرنى كۆرسىتىپ،ئۇلارنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلىپ،چۈشۈنۈشكە يېتەكلەيمەن.
④ئەسەردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ھەققىدە ئو قۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىمىز.
     بۇ ئەسەردە چۈشەندۈرۈشنىڭ تېخىمۇ ئوبرازلىق بولۇشى ئۈچۈن،ئوخشىتىش ۋاستىسى قوللىنىلغان،«بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار»ئۇقۇمىنىڭ ئكزىلا ئوخشىتىش مەنىسىگە ئىگە.ئوقۇغۇچىلارغا بۇ تۈردىكى «تاجاۋۇزچىلار»نىڭ كۆچۈشىنىڭ ئىنسانلار ۋە تەبىئەتكە خەۋپ پەيدا قىلدىغانلىقىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.يەنى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان ياۋرۇپا چىپار قۇلۇلىسى«ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈچى»گە ئوخشىتىلغان......دېگەنگە ئوخشاش مىساللارنى ئېلىش ئارقىلق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە دەرسنى خۇلاسىلەيمەن.
تاپشۇرۇق؛
ئەسەر مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىپ چۈشۈنۈش.
9-دەرس بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار
(چۈشەندۈرۈش ماقالىسى)
مېي تاۋ
ئاپتورى
يېڭى سۆزلەر
دوسكا لايھىسى؛
     




1-دەرس كەسپنى قەدىرلەش ۋە كەسپكە ئىشتىياق باغلاش

لىياڭ چىچاۋ

ئوقۇتۇش نىشانى:
1)ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئو
2)ئوقۇغۇچىلاردا كەسپنى قەدىرلەش،كەسپكە ئىشتىياق باغلاش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش
3)ئەسەرنىڭ مەركىزى مۇھاكىمە نۇقتىسىنى چۈشۈنۈش
4)نۇتۇق تېكىستنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىگەللەش
5)ئوقۇغۇچىلارغا كەسپنى قەدىرلەش مەسئۇليەتچان بولۇش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈش
مۇھىم نۇقتا:
1)ئەسەرنىڭ مەركىزىي مۇھاكىمە نۇقتىسىنى چۈشۈنۈپ،«كەسپنى قەدىرلەش»بىلەن «كەسپكە ئىشتىياق باغلاش»نىڭ مۇھىملىقىنى ھەمدە قانداق قىلغاندا كەسپنى قەدىرلىگىلى ۋە كەسپكە ئىشتىياق باغلىغىلى  بولىدىغانلىقى بىلەن تونۇشتۇرۇش
2)نۇتۇق قۇرۇلمىسى بىلەن تونۇشتۇرۇش
قىيىن نۇقتا؛
«كەسپنى قەدىرلەش»روھىنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
تەھلىل قىلىپ،چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
ئوقۇتۇش قورالى:
دەرسلىك كىتاب،ئەقىليە سۆزلەر،دوسكا،بور قاتارلىقلار
ئوقۇتۇش جەريانى:
لىياڭ چىچاۋ (1873-1929يىللاردا ياشىغان) يېقىنقى زاماندىكى مۇتەپەككۇر،ۋۇشۈي يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى.ئىسمى جورۇ،تەخەللۇسى رېنگۇڭ،يەنە بىر تەخەللۇسى يىنبىڭشى جۇرېن(مۇزخانا خوجايىنى).گۇڭدۇڭنىڭ شىنخۇي دېگەن يېرىدىن.لىياڭ چىچاۋ بالىلىق مەزگىللىرىدەئائىلىسىدە ئەنئەنىۋى تەربىيە ئالغان.
ئوقۇغۇچىلارغا ئەسەرنى ئوقۇپ كېلىش تاپشۇرۇلغان بولۇپ،ئوقۇتقۇچى نۇتۇق تېكىستىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېرىدۇ،ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ تەسىر قىلغان سۆز-جۈملىلەر،ئابزاسلارنى سىزىپ چىقىش بۇيرۇلىدۇ،ھەمدە شۇ سۆز-جۈملە ۋە ئابزاسلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تەسىر قىلغانلىقى،ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق قىلغان-قىلمىغانلىقى،ئۆزلىرىگە دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ شۇنداق قىلغان-قىلمىغانلىقى سورىلىدۇ.
مەسىلەن:
1)ئەخلاقنىڭ ئاۋۋىلى كەسپ،يامانلىقنىڭ بېشى ھۇرۇنلۇق.
2)بۈگۈن سۆزلىگەنلىرىم كەسپى بار ۋە دەل كەسپكە تەييارلىنىۋاتقانلارـــــــ ئوقۇتقۇچىلارغا تەربىيە بېرىش ئۈچۈن سۆزلەندى.
............
ئاندىن چۈشۈنۈش تەس بولغان سۆز-جۈملىلەر،ئاتالغۇلار چۈشەندۈرىلىدۇ.
ئاتالغۇلار:
1)يوسۇننامە ـــــــ غەربىي خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە كىتاب بولۇپ چىققان،كۆپ قىسىمىغا  كۇڭزىچىلارنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن
2)كۇڭزىچىلارــــــ
3)لاۋزى ــــــــ ئەمىنىيە دەۋرىدىكى تەرىقەتچىلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى
4)تەرىقەتچىلەرــــــ
جۈملىلەر:         
مەسىلەن:«مەن گەندە توشۇغۇچى بولسام،تەرەت قاچىسىنى پاكىز بېسىقتۇردىغىنىمغا ئىشىنىمەن،بۇ سىلەردەك ھەربىيلەرنىڭ چېگراغا باستۇرۇپ كىرگەن دۈشمەن قوشۇنى ئۈستىدىن غەلبە قىلغىنىڭلار بىلەن ئوخشاش قىمممەتكە ئىگە.»
كەسپنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرگەندە،كەسپ چوڭلارنىڭ خىزمىتىگىلا ئەمەس،بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈشىگىمۇ قارىتىلدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ،لىياڭ چىچاۋ تەشەببۇس قىلغان تەدبىقلاش دائىرسىنى كېڭەيتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكىستنى ئۆز تۇرمۇش تەسراتىغا بىرلەشتۈرۈپ چۈشۈنىۋېلىشىغا ئاساس سېلىنىدۇ.ئاخىردا بۇ نۇتۇقنىڭ مەركىزىي مەزمۇنى يىغىنچاقلىنىدۇ.
تاپشۇرۇق:
مۇھاكىمە ۋە مەشقنىڭ 3-سوئال
دوسكا لايھىسى:
1-دەرس كەسپنى قەدىرلەش ۋە كەسپكە ئىشتىياق باغلاش

لىياڭ چىچاۋ
ئاپتورى
سۆز-جۈملىلەر
ئاتالغۇلار





19-دەرس نەزەر  مۇفتىمغا  خەت
                              (ھەجۋىي شېئىر)
    ئەھمەدشاھ قاراقاشى

ئوقۇتۇش نىشانى؛
1)ئەسەر ژانېرى،ئاپتورى،يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىگەللىۋېلىش
2)ئەسەر ۋەقەلىكىنى ئىگەللىۋېلىش
3)ئەسەرنى توغرا،راۋان،ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىشنى ئۈگۈنۈۋېلىش
مۇھىم،قىيىن نۇقتىلار؛
1)يېڭى سۆزلەرنى ئىگەللىگەن ئاساستا،ئەسەر ۋەقەلىكىنى ئىگەللىۋېلىش
2) ئەسەرنى توغرا،راۋان،ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىشنى ئۈگۈنۈۋېلىش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
چۈشەندۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش
ئوقۇتۇش قورالى؛
دەرسلىك كىتاب،دوسكا،تەييارلىق دەپتەر ۋە بور قاتارلىقلار
ئوقۇتۇش جەريانى:
ئالدىن سىناق سوئاللىرى:
1)«مۇخەممەس»قانداق شېئىرىي شەكىل؟ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
2)بۇندىن بۇرۇن مۇشۇ شېئىرغا ئوخشاش شېئىرلارنى ئوقۇپ باققانمۇ؟
ھەجۋىي شېئىرنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن ھەم ئاپتورىنى تونۇشتۇرىمەن.ئەگەر شارائىت يار بەرسە ھەر خىل ئاتلارنىڭ رەسىمىنى كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆيىدە كۆرسىتىپ ئۆتىمەن يەنى 7-يىللىقنىڭ 2-قىسىم ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى مەخسۇس تېما«ئات»نى  ئۆتكەن چاغدىكى بىلىم ۋە تەسراتلىرىنى بىر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتىمەن.







ئەھمەدشاھ قاراقاشى تەخمىنەن 1740-يىلى قاراقاش ناھيىسىنىڭ قاپاقلا يېزىسى ھويلا ئالدى كەنتىدە،مۇدەررىس ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۆسمۈر چاغلىرىدا دادىسى مۇبارەكشاھ ئۇلۇغنىڭ تەربىيىسىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارنى ئالغان.ياشلىق دەۋرىدە قەشقەردىكى«خانلىق مەدرىسە»دە ئىلىم تەھسىل قىلىپ،ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن قاراقاش گۈزەر مەسچىتىدە ئىمام بولغان.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شەرىئەت ئىشلىرى ۋە تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ،1828-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ «نەزەرمۇفتىغاخەت»،«پۇل»، «مىۋىلەرمەجلىسى»،«شاھ پولۇ»،«قىچىشقاق»،«دوڭغاق»، «ھەزرەت»......قاتارلىق ساترالىرى ۋە بىرنەچچە غەزەل،مۇخەممەسلىرى ھەمدە ئاخىرغا نەزەر مۇفتى نامىدىكى «ياپىلاق»ناملىق ساتىرا قوشۇپ تۈپلەنگەن بىر قوليازما دىۋانى«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا شائىرنىڭ چەۋرىسى قولىدىن بۇلاپ كېتىلىپ كۆيدۈرۋېتىلگەن.
بۇ ھەجۋىي شېئىرنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەب بولغان رىۋايەت تونۇشتۇرىلىدۇ،يەنى ئەھمەدشاھ قاراقاشى بىلەن دوستى نەزەر ئاخۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئات سودىسىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىلىدۇ.
تاپشۇرۇق؛
ۋەقەلىكنى تولۇق ئىگەللەپ كېلىش
دوسكا لايھىسى:
19-دەرس نەزەر  مۇفتىمغا  خەت
(ھەجۋىي شېئىر)
ئەھمەدشاھ قاراقاشى
ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى
يېڭى سۆزلەر








9-دەرس   ئۇيغۇر     مىڭئۆيلىرى
(چۈشەندۈرۈش ماقالىسى)
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئوقۇتۇش نىشانى:
1)ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى،ژانېرىنى چۈشەندۈرۈش
2)يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش
3)مىئۆيلەرنىڭ قانداق مەقسەتتە ياسالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش
4)مىڭئۆيلەرنىڭ جايلىشىش ئورۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈش
مۇھىم نۇقتا:
مىئۆيلەرنىڭ قانداق مەقسەتتە ياسالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش
قىيىن نۇقتا:
مىڭئۆيلەرنىڭ جايلىشىش ئورۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
چۈشەندۈرۈش،سوئاللار ئارقىلىق يېتەكلەش
ئوقۇتۇش قورالى؛
دەرسلىك كىتاب،دەرس تەييارلىقى،دوسكا،بور،كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆيى
ئوقۇتۇش جەريانى:
1)        ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنمۇ؟
2)        بۇددا دىنىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىشىغا تۆھپە قوشقان ئالىم كىم؟

يۇقىردىكى سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىپ،ئاپتور،يېڭى سۆزلەر ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىگەن ئاساستا چۈشەندۈرۈلىدۇ،ئاخىردا مىڭئۆيلەرنىڭ قانداق ئورۇنلارغا جايلاشقانىلىقى، نېمە مەقسەتتە ياسالغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ ۋە مىڭئۆيلەر توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىلىدۇ.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (1933- 1995 ) ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئالىم، مۇتەپەككۇر، ئەدىب، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.ئۇ ھاياتىدا 20دىن ئارتۇق كىتاب،300گە يېقىن ئىلمىي ماقالە،2000دىن ئارتۇق شېئىر،رۇبائىي،ئۈچ كىنو سېنارىيەسى يازغان.مەشھۇر ئەسەرلىرى:«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»،«قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»،«غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى خەزىنىسى»،«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»،«‹قۇتادغۇ بىلىك› خەزىنىسى»قاتارلىقلار.بۇ تېكىست ئۇنىڭ «غەربىي يۇرت تاشكمىر سەنئىتى خەزىنىسى» ناملىق كىتابىغا ئاساسەن رەتلەپ يېزىپ چىقىلدى.
ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرى 2000يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەجداتلىرىمىز بۇددا دىننىي ئەقىدىلىرىنى ئۈگۈنۈش،تارقىتىش، مۇتالىئە قىلىش،ئۇنىڭ شۆھرىتىنى ھەر خىل شەكىللەردە نامايەن قىلىش مەقسىتىدە ياسالغان.

مىڭئۆيلەر ئاساسلىق ماكانلىرى خوتەن بىلەن كۈسەن بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغىنى كۈسەن، يەنى كۈسەن بۇددا دىنىنىڭ 2-ئانا ماكانى ھېسابلىنىدۇ.ئەنە شۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە مىڭئۆيلەر سېلىنغان.بۇلاردىن باشقا قەشقەر،قاراشەھەر، قۇجۇ-ئىدىقۇت شەھەرلىرى ۋە تۇرپان،ئاتۇش، پىچان قاتارلىق ئورۇنلاردىمۇ مىڭئۆيلەر بار.
   تاپشۇرۇق:
   مىڭئۆيلەردىن باشقا يەنە قانداق مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ بارلىقىنى يېزىپ كېلىش
دوسكا لايھىسى:
9-دەرس   ئۇيغۇر     مىڭئۆيلىرى  
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئاپتورنىڭ ھاياتى
يېڭى سۆزلەر
مىڭئۆيلەرنىڭ جايلىشىش ئورۇنلىرى

14-دەرس ۋېنتىسىيە سودىگىرى
(سەھنە ئەسرى)
شېكېسپېر

ئوقۇتۇش نىشانى:
       1) ئاپتورىنى تونۇشتۇرۇش
    2) يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش
  3)روللارغا بۆلۈپ ئوقۇشنى چۈشەندۈرۈش
   4)بۇ سەھنە ئەسرىدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇننى چۈشەندۈرۈش
مۇھىم نۇقتا:
     1) ئاپتورىنى تونۇشتۇرۇش
    2) يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش
  3)روللارغا بۆلۈپ ئوقۇشنى چۈشەندۈرۈش
قىيىن  نۇقتا:
يېڭى سۆزلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىش
     ئوقۇتۇش ئۇسۇلى؛
     چۈشەندۈرۈش،يېتەكلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ
     ئوقۇتۇش قورالى:
     دەرسلىك كىتاب،دوسكا،بور قاتارلىقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىم
     ئوقۇتۇش جەريانى:
     ئالدىن سىناق سوئاللىرى
« غۇنچەم » دراممىسىدا قانداق مەزمۇن ئىپادىلەنگەن؟قايسى ۋاقىت ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان؟
يۇقىردىكى سوئالنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىنقى سائەت ئۆتۈلگەن «غۇنچەم»دراممىسىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش ھەم دراممىدا بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتلەرنى ھېس قىلدۇرۇش بۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى دەرسنىڭمۇ درامما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈش.
بۇ دەرسنى ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ئاپتورىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن،ئاندىن ئەسەرنى روللارغا بۆلۈپ ئوقۇپ چىقىشقا تەشكىللەيمەن،ئاخىردا يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
شېكېسپېر(1564-1616)ئەنگىلىيىنىڭ ئەدەبىيا-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى دەۋرىدىكى مەشھۇر دىراماتورگى  ۋە شائىرى.مۇھىم ئەسەرلىرىدىن«ياز كېچىسىدىكى چۈش»،«ۋېنتېسىيە سودىگىرى» قاتارلىق كومىدىيىلىرى؛«روىيۇ ۋە جۇلېيت»،«ھاملىت» قاتارلىق تىراگېدىيەلىرى بار.
تاپشۇرۇق:
   
دوسكا لايھىسى:
14-دەرس ۋېنتىسىيە سودىگىرى
(سەھنە ئەسرى)
شېكىسپىر
ئاپتورنىڭ ھاياتى
يېڭى سۆزلەر

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 14:00:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزنىڭ مۇنبەرگە يىڭىدىن كىرىپلا ياخشى بولغان ياخشى  بولغان دەرىس تەييارلىقنى يوللىغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن . راستىنلا ئۇقۇتقۇچىلارغا ئەمەلىي نەپ بىرىدىغان ياخشى تەييارلىقكەن بولسا بىر ھۆججەت قىستۈرۈپ ياسولاپ . پەيدۇ تور دىسكىسى ئارقىلىق ، بايقاشنىڭ تامغۇسىنى بېسىپ يوللىسىڭىز . راستىنلا ياخشى تەييارلانغان تەييارلىقكەن . ھەقلىق قىلىپ تەڭشەپ قويساق دەيمەن .
ئەگەردە تىما يوللاش جەھەتتە چۈشۈنەلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا بۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ . ئۈگۈتۈشكە ھەر ۋاقىت بىز تەييارمىز .  1450583655
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 14:38:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى كونا ھەم يېڭى دوستلار ھەر ۋاقىت يادەم بېرىشكە تەييار،سەرخىل دەرس تەييارلىقى ئىكەن،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 21:51:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرى ئۇچۇن ياخشى تىما يوللاپسىز،رەخمەت سىزگە.

640

تېما

134

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9202 سەر
تىللا
93509 دانە
تۆھپە
5803 سەر
شۆھرەت
6305 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 19:27:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەرس تەييارلىقنىڭ تەرتىۋى قالايمىغانمۇ قانداق، ئوتتۇرىسدىكى بىر قانچە دەرسنىڭ تەييارلىقى يوقتەك قىلىدۇ. قايسى يىللىق، قايسى ماۋسۇم دىگەن ئۇچۇرمۇ كۆرۈنمەيدۇ؟ ئاددى ئەپەندىم تېما يوللىغاندا ئەستايىدىل بولغايسىز.
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 01:45:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  قىلىنغان تەييارلىق ئىكەن.   تكلىپىم  ئاۋۋال رەتلەپ   زىپ  شەكلىگە  ئەكىلىپ   قايتا  يوللىۋېتىڭ،   
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 01:45:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا  داۋامىنىمۇ   كىرەۈزۈپ  مۇكەممەل  بىر  تەييارلىق  قىلىپ  يوللىشىڭىزنى  ئۈمۈت  قىلىمەن.
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:11, Processed in 0.500269 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش