مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 90|ئىنكاس: 3

كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش-ئوقۇتۇش توغرىسىدا مۇلاھىزە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

121

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
596 سەر
تىللا
311 دانە
تۆھپە
411 سەر
شۆھرەت
478 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 00:13:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش-ئوقۇتۇش توغرىسىدا مۇلاھىزە


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپلەردە كومپيۇتېرنىڭ تېز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش-ئوقۇتۇش تەرەققىي قىلىپ، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىن كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇتۇش شەكلىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىدە بىر قەدەر ئىلگىرىلەش بولدى. مېنىڭچە، ئوقۇغۇچىلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئوقۇتۇشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك دەپ قارايمەن:

1.كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش-ئوقۇتۇش دېگەنلىك كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ھەرىكىتىنى تەقلىد قىلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ قىسمەن خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل ئوقۇتۇش ئوقۇتۇشنىڭ بىر خىل قوشۇمچە ۋاسىتىسى بولغاچقا، پەقەت قوشۇمچە ئوقۇش-ئوقۇتۇش رولىنىلا ئوينايدۇ، ئۇنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشىنىڭ ئورنىنىغا پۈتۈنلەي دەسسىتىشكە بولمايدۇ، ئوقۇش-ئوقۇتۇش جەريانى بىر خىل مۇرەككەپ ئىككى تەرەپلىمە پائالىيەت جەريانى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئوقۇتۇشى» بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئوقۇشى» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن بولغاچقا، پەقەت ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئورتاق ئىشتىراك قىلغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ بارلىق ئىنكاسلىرىنى سىستېما بەلگىلەيدۇ. كومپيۇتېر ئارقىلىق ئوقۇتۇشتا ئالاھىدە مەسىلىلەر ۋە ئاندا-ساندا يۈزبەرگەن مەسىلىلەرنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار پىكىر ئالماشتۇرغاندا قىسمەن مۈجىمەل بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ھازىر كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىرقەدەر كەڭ دائىردە ئومۇملىشىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەندە كومپيۇتېرنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۆزى بولسا مەشغۇلاتچىلىق رولىنى ئۆتۈۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا بولسا كومپيۇتېرغا ئەگىشىپ پاسسىپ ئۆگىنىدىغان خاھىشلارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. روشەنكى، بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۈنۈملۈك بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش شارائىتىغا ئىگە بولالماي، ئوقۇتۇش بىلەن ئوقۇش يىراقلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتۇشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىلىش كېرەك.

2.دەرسخانا ئوقۇش-ئوقۇشىدا، كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى تەدبىقلاشتا ئوقۇش-ئوقۇتۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوخشاشمىغان ئوقۇش-ئوقۇتۇش نىشانى، ئوقۇش-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. كومپىيوتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش-ئوقۇتۇشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا، دەرسلىك ئوقۇتۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سىستېمىلىق، ئىلمىي لايىھەلەشكە ئاساسەن ئىشلەتسە، ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا تېخىمۇ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، دەرسخانا ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

3.بەزى دەرسلىكلەردىكى مەزمۇنلار بىرقەدەر ئابىستىراكىت بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرمەك بىر قەدەر قىيىنراق بولىدۇ. مەسىلەن: فىزىكا دەرسىدىكى تەۋرىنىش، ئېلېكتىرون ماگنت دولقۇنى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ئاسان چۈشىنەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەقلىد قىلغاندا، ئوبرازلىق بولىدۇ ھەم كۆرگىلى بولىدۇ. بەزى خەتەرلىك بولغان تەجرىبىلىرىنى، مەسىلەن: پارتلاش، مىكروب پائالىيىتى ۋە باشقىلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەقلىد قىلغاندا، ئەمەلىي مەشغۇلاتقا ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ھەم خەتىرى بولمايدۇ. «ساختىنى راستنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» نى كومپيۇتېرغا خاس ئۆزگىچە ئىقتىدار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش- ئوقۇتۇش بىر خىل يېڭىچە ئوقۇش-ئوقۇتۇش شەكلى بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ھەتتا مائارىپقا مەسئۇل تارماقلاردا بەزى خاتا تونۇشلار ساقلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش-ئوقۇتۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرت-شارائىتى پىششىپ يېتىلمىگەن ئەھۋالدا كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش-ئوقۇتۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويماسلىق كېرەك.
مەنبە: ئۇيغۇرچە تىلىۋىزىيە تورى
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 3 + 2 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 2 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

0

تېما

0

دوست

83

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
19 سەر
تىللا
9 دانە
تۆھپە
13 سەر
شۆھرەت
12 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 07:42:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، مەن شاڭخەيگە كىلىپ پاراكتىكا قىلىش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلىدىمكى ، بىزنىڭ ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىمىزدا خېلى مەسلە باركەن ،

باھا سۆز

گۈلزار توغرا ئېيتىسىز ، مەكتەپلەردە كومپىيۇتىر ئوقۇتىشىدىلا ئەمەس باشقا پەنلەرنى ئوقۇتۇشتىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر سا تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 18:50

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 18:50:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
983480769 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-29 07:42
بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، مەن شاڭخەيگە كىلىپ پاراكتىكا ق ...

توغرا ئېيتىسىز ، مەكتەپلەردە كومپىيۇتىر ئوقۇتىشىدىلا ئەمەس باشقا پەنلەرنى ئوقۇتۇشتىمۇ   نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا ، بۇ مەسىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئويغىنىشى ، ئىزدىنىشى . ھەم تەتقىق قىلىشى ھەم تىرىشى كېرەك .   
سىزگە تەكلىپ :   مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى بايقىغان ئىكەنسىز  ئۆزىڭىزگە مەنىلىك ئىسىم  قويۇشنىمۇ بايقىغانسىز .  بۇندىن كېيىن سىزنى   چىرايلىق ئىسىملار بىلەن ئاتىساق دەيمىز . رەھمەت
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

14

تېما

4

دوست

1870

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
327 سەر
تىللا
363 دانە
تۆھپە
307 سەر
شۆھرەت
312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 13:12:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ... ھەقىقەتەن ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك ... ئوقۇ - ئوقۇتۇشتا كونا قالاق ئوقۇتۇش ئەندىزسىنى چىقىرىپ تاشلاپ ، يېڭىچە دەۋىرنىڭ ئېھتىياجى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش تۇيغۇسى بويۇنچە ئاكتىپلانغان ياخشى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملەشتۈرسەك ، يېڭى تەجىرىبە ساۋاقلارنى ئۆزىمىزگە ھەر دائىم مۇجەسسەملەپ تۇرساق نىمە دىگەن ياخشى ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:43, Processed in 0.465123 second(s), 43 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش