ئۆيگە بىكىنىۋېلىش ( نەۋقۇت ) سىرتقا چىقىشتىن بىزارمەن شۇنچە، يوللاردا دومىلاپ يۈرەر تاش يۈرەك. سىزىمەن ئۆزۈمنى ئۇندا يىگانە، رىۋايەت بوپ قالغان قاقاس ئارالدەك. سىغدالدىم ئۆيۈمنىڭ بولۇڭلىرىغا، توزۇدۇم ئەڭ تاتلىق تۇيغۇ ئىچىدە. ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ مەۋجۈدلىقىمنى، تېمىمغا ئېسىلغان ئاپپاق خەرىتە. خالىغان شەكىلدە سۈرىمەن خىيال، سۈيۈلۈپ تورۇستىن ئاقتىم نەچچە رەت. ئەڭ شىرىن سۆزۈمدىن تاپتى تەسەللى، مېڭىشتىن زىرىككەن تامدىكى سائەت. بۈگۈنمۇ ئازادە بوپ قالدىم يەنە، بىمالال تەبرىكلەپ مەغلۇبىيەتنى. ھېچكىمگە بىلدۈرگۈم كەلمەيدۇ ئەسلا ، بىر پەقەت ئۆزۈمگە تەۋە بۇ دەرتنى.
|