ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە قانداق ھەل قىلىش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىم
( ئابلىمىت ھەسەن ) پەن تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئېلىمىزنىڭ، جۈملىدىن رايونىمىزنىڭ مائارىپ ساھاسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۆزگۈرۈشلەر ۋە يىڭىلىقلار بارلىققا كەلدى. مەكتەپلىرىمىزدە ئوقو-ئوقۇتۇش شارائىتلىرى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ بارغاندىن باشقا، بەزى دەرسلىكلەر قىسقارتىلىپ، ئورنىغا يەنە بەزى يېڭى دەرسلىكلەر قوشۇلدى. ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىمۇ ئەنە شۇ يېڭى قوشۇلغان دەرسلىكلەر قاتاردىن ئورۇن ئالغان يېڭى ئۇقۇملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇچۇر تېخنىكا ئۇقۇمى مەكتەپلىرىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەمەس، بەلكى خېلى كۆپ ساندىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ تېخى بىر يېڭى ئۇقۇم بولۇپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندىمۇ ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى ئۆزگىچە خاراكتېر ۋە خاسلىققا ئېگە، چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، شۇنداقلا جەمئىيەتتە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە كۈچلۈك مەشغۇلاتچانلىققا ۋە قوللىنىشچانلىققا ئېگە بولغان، مۇھىم ۋە بىر قەدەر مۇرەككەپ دەرسلىكتۇر. مائارىپ مېنىستىرلىكىنىڭ «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ يېتەكچى پروگراممىسى» دىمۇ ئېنىق قىلىپ: ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىغا بولغان قىزىقىشى ۋە تونۇشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر- تېخنىكا ئاساسىي بىلىمى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلىشىنى، شۇنداقلا ئۇچۇر- تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشچانلىقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە پەن- تېخنىكىسىغا بولغان چوڭقۇر تەسىرىنى چۈشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ بەلگۈلەنگەن. شۇنداق بولغانكەن، ئۇچۇر تېخنىكا دەرسخانا ئوقۇتۇشى، دەرس مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا راۋان يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۈنۈملۈك ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇچۇر تېخنىكا دەرس ئوقۇتقۇچىسىدىن بەلگىلىك ساپا، مول كەسپىي بىلىم ، پىششىق مەشغۇلات ئىقتىدارى، شۇنداقلا يۇقىرى بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ماھارىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق رايونىمىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە ئىنچىكىلىك بىلەن ئەستايىدىل نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا تەلەپ قىلىنغان يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە «ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇش يېتەكچى پروگراممىسى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرگە تېخى ئۇيغۇنلىشىپ بولالمىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدىن بارغانسېرى چەتنەپ كېتىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان بىر قىسىم ساقلاندى مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقايمىز. تۆۋەندە مەن رايونىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىنى كۆزىتىش جەريانىدا ئۆزۈم بايقىغان، ۋە ئۆز ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىم جەريانىدا ھېس قىلغان ئۇچۇر تېخنىكا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى بىر قىسىم ساقلاندى مەسىلىلەر، شۇنداقلا بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەمەلىي تەجىربەم ۋە كۆزقاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. 1. رايونىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل بولۇش ئەھۋالى ئېغىر. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىۋاتقىنى كەسپىي ئۇچۇر تېخنىكا دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، گەرچە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوقو-ئوقۇتۇش شارائىتىنى كۈنسېرى ياخشىلاپ، ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇش سىنىپى ۋە ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ بەرگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان يېزىلىرىمىزدا بولسا، مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە تەدرىجىي سەپلەپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەسلىدىنلا ئوقۇتقۇچىغا تويۇنالمايۋاتقان كۆپ قىسىم مەكتەپلىرىمىزدە كەسپىي ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتقۇچىسى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇش سېپىگە سەپلەپ تۇرۇپ، «ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇش يېتەكچى پروگراممىسى» دا ھەر بىر سىنىپقا ھەر ھەپتىسىگە ئۈچ سائەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنى، كۆپ بولسا ھەر ھەپتىسىگە ئىككى سائەت، بىر سائەتتىن، ھەتتا بەزى دەرسلەر بىلەن كىرىشتۈرۈپ، ئىككى ھەپتىدە بىر سائەتتىن ئورۇنلاشتۇرىدىغان، نەتىجىدە دەرس سائىتىنىڭ ئۆلچەمگە توشماسلىقى، ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى ئۆتۈلسىمۇ، دەرسنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىۋاتماقتا. يەنە ئاز بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بولسا ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر تولۇق تۇرۇپمۇ، ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكنى باھانە قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنى تەسىس قىلماسلىق، ئاقىۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنى ئۈسكۈنىلەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىدىن بەھرىمان قىلماي، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر توپا بېسىپ تۇرۇپ قېلىش، ۋە بىھۇدە خوراشتەك ئېغىر ئەھۋاللارمۇ قىسمەن يۈز بېرىپ تۇرماقتا . ئەمەلىيەتتە ھازىر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى پەيدىنپەي ياشلىشىۋاتقان، ھەم ئۇلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۇچۇر تېخنىكا بىلىم ئاساسى بار بولغان شارائىتتا، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر تولۇق بولغان ئەھۋالدا، بۇ مەسىلە ھەل قىلغىنى بولمايدىغان مەسىلە ئەمەس. مەكتەپ بولسا ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش سورۇنى. ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىسىز مائارىپ بولمايدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىدە مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكنى باھانە قىلىپ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىغا ئىتتىرىپ قويۇپلا، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئولتۇرىۋالماستىن، شارائىت بولغان ئىكەن، ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇشىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتىنى توغرا تونۇپ، «ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇش يېتەكچى پروگراممىسى» دا بەلگىلەنگەن دەرس ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسپىي ئوقۇتقۇچى يېتىشمىسە باشقا ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچۇر تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە ھەرخىل تەربىيىلەشلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇشىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆزىنىڭ ئىنسان روھىنىڭ ئېنجېنىرى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۈيۈك ئورنى ۋە ئادەم تەربىيىلەشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچىنى توغرا تونۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ھەققىدىكى بىلىم سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچەپ ئەھمىيەت بېرىپ، تېرىشىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇچۇر تېخنىكا ھەققىدە بىلىم بېرەلىگۈدەك ساپا ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىشى، ئۇچۇر تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆزلىرى ھەيرانلىق ھەم تېڭىرقاش ئىچىدە چاقناۋاتقان ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز بالىسىدەك تونۇپ، كۆيۈنۈپ بىلىم بېرىشى، بار كۈچى بىلەن مەكتەپنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەكتەپ بىلەن پائال ماسلىشپ، ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇشىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە تېرىشىپ كۈچ چىقىرىشى لازىم. 2. ئوقۇغۇچىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچۇر تېخنىكا دۇنياسىغا باشلاپ كىرىشتە، كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ بىر قورالنى ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ئۇقۇمىنى توغرا تونۇتۇش يېتەرسىز. باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى ئۈچىنچى يىللىقتىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ياش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى (خاراكتېرى ۋە ھەرىكەت كەيپىياتى) نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى ئۇقۇم، يېڭى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى ۋە تەلپۈنىشى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بىراق بىز بۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىمىزدە ئوقۇغۇچىلارغا كومپيۇتېرنى تونۇتۇش، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھازىرغىچە بولغان تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرۈشتە دەرسلىك كىتابتىكى قەدەم-باسقۇچلار بويىچىلا سۆزلەپ، كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلاردا ئېنىق بولمىغان چۈشەنچە، ياكى مۇجمەل تونۇش ھاسىل قىلىپ قويىمىز. نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا ئېكراننى كومپيۇتېر دەپ تونۇيدىغان، يۇقىرى يىللىققا چىققاندىمۇ ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا بىرەر كونۇپكىنى خاتا بېسىپ قالسىلا بۇزۇلۇپ قالىدىغاندەك سىرلىق ھېس قىلىپ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ھەيرانلىق ئىچىدە تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالىدىغان، يۈرەكلىك ھالدا قول ئۇزىتالمايدىغان جۈئەتسىز بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. بىز ئادەتتە دەرس لاھىيەسى تۈزگەندە دەرسلىك كىتابتا بەلگىلەنگەن ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى ئاساس قىلىمىز، ئەلۋەتتە. بىراق ئەمەلىي دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا نوقۇل ھالدا كىتابتىكى بىلىملەرگىلا تايىنىۋالماستىن، بەلكى ئۇقۇملارنى چۈشەندۈرگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا، ئەمەلىي مۇھىتىغا سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىدىن مىساللارنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈرىشىمىزلازىم. مەسىلەن: ئېكراننى ئائىلىمىزدىكى تېلېۋېزور غا ئوخشاش ئۇچۇرلارنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ، دېگەندەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، شۇنداقلا كومپيۇتېرنىڭ پەقەت قاتتىق دېتال قىسمىنى ئۇرۇپ-چېقىپ بۇزىۋەتمىسىلا، ئۇنىڭ ھېچنىمە بولمايدىغانلىقىنى، يۇمشاق دېتال قىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىنى بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا خاتىرجەم، ئەركىن-ئازادە مەشغۇلات قىلىۋەرسە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپيۇتېر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى دوگما(ئۆلۈك) ھالەتتىن ئېنىقلىققا يېتەكلەپ، كومپيۇتېرنىڭ قانداقتۇر بىرھەيران قالارلىق سىرلىق نەرسە بولماستىن، بەلكى بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان بىر قورال دېگەن تۇيغۇغا باشلاپ كېلەلەيمىز. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپيۇتېر بىلەن بولغان ئارلىقىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يېڭى شەيئىگە بولغان ھەيرانلىق تۇيغۇسىنى يوقىتىپ، كومپيۇتېر ھەققىدە توغرا تونۇشقا ئېگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىنى بولىدۇ. 3. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى بىر خىل قېلىپقا كىرىپ قالغان، يېڭىلىق كەمچىل. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى، شۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان بىرىنچى ئامىل. ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنى ئۆتۈش ئۇسۇلىمىزدىكى قېلىپلاشقان بىر ئەندىزە شۇكى، زامانىۋىي ئوقۇتۇش ۋاستىسىنىڭ قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ئارقىسىدا، كونترول سېستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى بىر قۇر ئەمەلىي كۆرسىتىپ چۈشەندۈرىۋېتىپلا، مەشغۇلاتقا تەشكىللەش ۋە شۇ جەرياندا يېتەكچىلىك قىلىپ، دەرس ئاخىرىدا باھالاپ خۇلاسە قىلىپلا دەرسنى ئاخىرلاشتۇرۇش. بۇنداق بولغاندا بىز ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە شۇ ياش باسقۇچىدىكى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىكلىكى، شۇ سائەتلىك دەرسكە بولغان قىزىقىشىنىڭ بار-يوقلىقى بىلەن ھېسابلاشمىغان بولىمىز. ماھىيەتتە بولسا ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى خوجايىنلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش نۇقتىسىدىن پەقەتلا چەتنەپ چىقىپ كېتىمىز. شۇسەۋەبتىن ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ بىر سائەتلىك دەرستە ئېگەللىگەن ۋە ئەمەلىي ئۆزلەشتۈرگەن بىلىمىنىڭ قانچىلىك بولغانلىقى بىزگە قاپقاراڭغۇ بولۇپ قېلىپ، نەتىجىدە ئۆگەنگىنى ئۆگىنىپ، بىلگىنى بىلىپ، قالغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى سىنىپتا، خىيالى سىرتتا يۈرۈپ، ھېچقانچە بىلىم يۇقتۇرالمايدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىۋاتىمىز. ھەممىمىزگە ئايانكى، مائارىپ ئەمەلىيىتىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي بىلىم سەۋىيىسى بىر مەسىلە، ئۆزىدىكى شۇ بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئۇسۇلدا ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ بېرىش باشقا بىر مەسىلە. بىز شۇ دەرستىكى بىلىمنى سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن پەقەت ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش قاتارلىق دائىمىيلىشىپ كەتكەن ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىغىلا تايىنىۋالماي، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىز ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچان ئىكەنلىكىدەك پىسخىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دەرسنى زىيارەت شەكلى، ساياھەت شەكلى، ئويۇن ئويناش، دوستلىشىش، ھەمكارلىشىش، تېپىشماق قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەت شەكىللىرىدە لاھىيىلەپ ئۆتكەن ۋاقتىمىزدا، مەسىلەن: مەلۇم بىر پروگرامما ياكى يۇمشاق دېتال بىلەن تونۇشۇشنى سۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا، شۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ قىزىقارلىق ئىشلەنگەن جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان ئەسەرلەرنى كۆرسەتمە قىلىش ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىردۇق دېسەك، ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت ياكى ساياھەت قىلىش شەكلىدە شۇ تونۇشماقچى بولغان دېتالنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە قانداق بارىمىز؟ قانچە بېكەتتىن ئۆتىمىز؟ دېگەندەك سۇئاللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى شۇ دېتالنى قانداق قوزغىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەش، قوزغىتىپ بولغاندىن كىيىن، بۇ ئۆيدە قانداق جابدۇقلار باركەن؟ كۆزىتىپ بېقىڭلار؟ دېگەندەك سوئاللار ئارقىلىق، ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇشقا يېتەكلەش، ئەمدى بىز بۇ قېتىملىق زىيارىتىمىزدىن خاتىرە قالدۇرايلى دېگەندەك قوزغىتىشلار ئارقىلىق ئەمەلىي مەشغۇلاتقا تەشكىللەش، ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ سائەتلىك دەرستىكى ئەمەلىي مەشغۇلات مېۋىسىنى، شۇ ئەسەرنى ئىشلەشكە ياردەم بەرگەن شۇ دېتالغا خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇپ زىيارەتتىن قايتىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، ساقلاش ۋە چېكىنىش مەشغۇلاتىنى ئىشلەشكە تەشكىللەش، دېتالدىن چېكىنىپ چىققاندىن كىيىن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن زىيارەت قىلىش جەريانىدا نېمىلەرنى بىلىۋالغانلىقىنى سوراش ۋە تولۇقلاپ خۇلاسە قىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش نامىدا دەرسنى ئاخىرلاشتۇرۇش، دېگەندەك مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەلۇم بىر پائالىيەت شەكلىنى دەرسنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە تولۇق سىڭدۈرگەندە، دەرسنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، شۇ سائەتلىك دەرستە ياخشى بولغان ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا بىلىش ۋە ئەمەلىي ماھارەت ئېگەللىشىگە كاپالەتلىك قىلغىنى بولىدۇ. 4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ۋاقتىغا ئەھمىيەت بېرىش يېتەرسىز. مەكتەپلەردە ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى تۈرلۈك شارائىتلار تۈپەيلى كۆپ بولغاندا ھەپتىسىگە ئىككى سائەتتىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دەرسنىڭ ۋاقتى ئەسلىدىنلا «ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇش يېتەكچى پروگراممىسى» دا تەلەپ قىلىنغان ۋاقىت ئۆلچىمىگە يەتمەيدۇ. شۇ خىل شارائىتتا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈش جەريانىدا نىسبەتەن ئاددىي بىلىملەرنى ئوڭايلا ئېگەللەتكەن بىلەن، بەزىبىر مەزمۇنى كەڭ دائىرىلىك، مەشغۇلات تەرتىپى مۇرەككەپرەك بولغان بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېگەللىتىشكە توغرا كەلگەندە، دەرس ۋاقتىنىڭ كۆپرەك قىسمى قايتا-قايتا ئېگەللىتىشكە سەرپ بولۇپ كېتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل مەشغۇلات قىلىشىغا ۋاقىت يەتمەي، ئوقۇغۇچىلار مەشغۇلات ۋاقتى جەھەتتىن تويۇنۇشقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەكتەپلىرىمىز يېزىلاردا بولغانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىدە مەشغۇلات قىلىشىغا شارائىتى يار بەرمەيدۇ. نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلاردا شۇ بىر سائەتلىك دەرسكە نىسبەتەن نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللىنىپ، كىيىنكى سائەتلىك دەرسكە بولغان ئىنتىلىشىمۇ تۆۋەنلەپ بارىدۇ دە، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا نىسبەتەن ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۇچۇر تېخنىكا كۇرژۇكى تەشكىللەش بىلەن بىرگە، ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت تازىلىق ئەھۋالىنىلا كۆزدە تۇتماي، مەكتەپنىڭ ئەسلى فۇنكىسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىدىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا پوزىتسىيەدە بولۇپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كومپيۇتېر ئوقۇتۇش سىنىپىغا مەسئۇل خادىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيىسى ۋە مۇھىت تازىلىقى تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا كومپيۇتېر ئوقۇتۇش سىنىپلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ ئېچىۋىتىشى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشغۇلات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ۋاقتىنى تويۇندۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكا ئۆگىنىشىكە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئەمەلىي ماھارەت ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولغىنى بولىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇچۇر تېخنىكا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خوجايىنلىق ئورنىنى توغرا تونۇپ، ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەربىر سۆز، ھەر بىر ھەركىتىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ، ئۆز بالىمىز دەپ قاراپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ۋاقتىمىزدىلا، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ۋە «ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتۇش يېتەكچى پروگراممىسى» دا بەلگىلەنگەن تەلەپلەرگە ئۇيغۇنلىشىپ، مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مىللىي مەدەنىيەت يۆنىلىشىگە ماس بولغان، ئىجادچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، پەن-تېخنىكىغا ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان يۇقىرى ساپالىق يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالالايمىز.
قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە ئوپال يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىن: ئابلىمىت ھەسەن. 2013-يىل4-ئاينىڭ14-كۈنى
|