| ھۆرمەتلىك تورداشلار ئۆمىد ئىيىنىڭ(4-ئاي)23-كۈنى دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى.بىز مەكتىپىمىزدە دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنىنى ئۈچىنجى قېتىم كۈتىۋىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز.پىقىر ئۆتكەن يىلى بۇ كۈنىدىكى كىتاپ يىغىپ بالىلارغا ئوقۇتۇش پىلانىمىنى پۇل توپلاپ كىتاپ فوندى تەسىس قىلىپ كىتاپ سىتىۋىلىپ بالىلارغا ھەركۈنى ئارىيەت بىرىپ تۇرۇشقا ئۆزگەرتكەن ئىدىم . مەن ئالدى بىلەن پىلانىمنى ئوقۇغۇچىلارغا دەپ كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار پىلانىمىنى قوللىغاندىكىيىن ئاندىن مەكتەپتىكى ھەممەيلەنگە ئىختىيارى قاتناشقان.شۇ كۈنى21-ئۆمىد كۈنى ئىدى.ئىككى كۈن ئىچىدىلا500يۈۋەنگە يىقىن پۇل يىغىلدى.مەن شۇ قىتىمىقى كىتاپ ئوقۇش كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقمىزدىن ئالامچە شاتىلقققا چۈمدۇم.كىتاپ فوندى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلۇپ داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىمىز يازغان تارىخى رومانلاردىن 30 پارچە سىتىۋالدۇق.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ كەتتى.ئىشخانامغا كىتاپ ئارىيەت ئالغىلى كىرىدىغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايغى ئۈزۈلمەيتى.چۈنكى مەن سىتىۋالغان كىتاپلار ئۇنداق- مۇنداق كىتاپلار بولماستىن بىزگە ئۆزلىكىمىزنى تونىتىدىغان،كىملىكىمىزنى بىلدۈرىدىغان، ھەممەيلەن سۆيۇپ ئوقۇيدىغان ئەمما بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز تىخىچە ئوقۇپ ئۈلگىرىمىگەن «قۇم باسقان شەھەر»،«جاللات خېنىم»، «ئۆزلىك ۋە كىملىك»،«ئانا يۇرت»، «داغ»، «كەلىللە ۋە دەمىنە»قارتارلىق كىتاپلار ئىدى.ئوقۇغۇچىلار ئەسىلى مۇنداق كىتاپلارنى ئوقۇشقا قىزىقىدىكەن ئەمەسمۇ؟ئەسلىدە ئۇ كىتاپلار مەكتەپتە بولمىغاچقا ئوقۇيالماپتىكەن- دە؟!ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقېيۇمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گوروپىسىدا 30 يۈۋەندىن كىتاپ چىيى تەسىس قلىندى.ھەر ئايدا 15نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن يىغىلغان پۇلغا شۇ كىشىدە يوق كىتاپ سىتىۋىلىنىدىغان، باشقىلارمۇ تەڭ پايدىلىنىدىغان قائىدە بىكىتىلدى.23-ئۆمىد كۈنى بىز ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ بارلىق كىتاپلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بىر يەرگە توپلاپ ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ھەققىدىكى نادىر كىتاپلارنى تونۇشتۇرۇشتۇرغاندىكىيىن ئاندىن كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتىنى ئىلىپ باردۇق.بۇنىڭدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن كىتاپ تارقىتىپ ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىكىيىن شۇ كىتاپتىن سۇئال چىقىرىپ زىھىن سىناش شەكلىدە پائالىيەت ئىلىپ باردۇق،بۇنىڭ ئۈنۇمى نەچچە سائەت چىڭقىلىپ ئۆتكەن دەرىستىن ئۈنۈملۈك بولدى.ئۇيغۇر تارىخىدا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە ئەنە ئەشۇنداق كىتاپلار جەمىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ فوندىمىزغا پۇل ئىئانە قىلىشى بىلەن كۆپىيىپ ھازىرغىچە 100 پارچىدىن ئاشتى. ھۆرمەتلىك تورداشلار ئەمدىكى گەپ بىز بۇ يىلدىكى كىتاپ ئوقۇش كۈنىمىزنىڭ تىمىسىنى مەكتىپىمىزدىكى يېتىم بالىلارغا قاراتتۇق،چۈنكى مىھىرى مۇھەببەتكە قىنىپ چوڭ بولمىغان يېتىم بالىلارنىڭ كۆپ قىسىمى كىتاپ ئوقۇشقا شۇنچە ھىرىسمەن .باللىرىمىز «سۇ بۇيىدا»رومانىنى ئوبدان بىلىدۇ،ئەمما«ئويغانغان زىمىن»رومانىنى بىلمەيدۇ،باللىرىمىز «سەنما »(ئۈچ تۈك) دەيدىغان كىنولارنى ئوبدان بىلىدۇ، ئەمما «ئارتىس بولمىغان قىز » فىلىمىنى بىلمەيدۇ.كىتاپ ئالايلى دىسەك مالىيەگە مەسئۇل باشلىقلىرىمىزنىڭ كاللىسىدىن ئوتمەيدۇ. چۈنكى كىتاپخانىدا كىتاپ كۆپ دەپ قارايدۇ.ئەمما كىتاپخانلىرىمىزدا توپا بىسىپ كەتكەن«سۇ بۇيىدا»،«چەكسىز ئورمان،قارلىق دالا»قاتارلىق كىتاپلار ئوقۇغۇچىللىرىمىزنىڭ ھازىرقى چاڭقاقلىقىنى قاندۇرالمايدۇ.گەرچە مەن بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى بولساممۇ ئەمما نىمىشقىكىن بالىلارغا ئۆز تارىخىمىز ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بىرىشتە رولۇم بەكلا يۈكسەك ۋە مۇھىم دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان كىتاپلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىمىز تەرىپىدىن ئوقۇشىسز قالماسلىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ باھادىر ئىش.چۈنكى بىز ئۇلارغا يەتكۈزمىسەك،تارقىتىپ تەشۋىق قىلمىساق ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە ھىچىنىمىنى بىلمەي چوڭ بولىدۇ.كىتاپ مەدەنىيىتىمىز ياخشى تەشۋىق قىلىنمىسا مىللي مەدەنىيىتىمىزمۇ ئىز باسارسىز قىلىشى مۇمكىن.چۈنكى كىتاپلىرىمىز كىتاپ جازىللىرىدا تۇلۇق تۇرۇقلۇق،ئۇنى ئوقۇشقا ھىرىسمەن كىشللىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى ئوقۇيالمىساق ۋە ئوقۇتالمىساق بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش بولىدۇ!!! كىتاپ ئوقۇش كۈنىگە يەنە 9 كۈن ۋاقىت قالدى،ئىشىنىمىزكى جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ساخاۋاتچى،كۆپىنى كۆرگەن كىشلىىرىمىزنىڭ قورسىقى يېتىم بۇ باللىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ تارىخى كىتاپلىرىنى ئىلىپ بەرگىنىگە ئاغرىمايدۇ ،گەرچە پارتىيە-ھۆكۈمەت مائارىپىمىزنى شۇنچە قوللاۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۆزلۈك مائارىپىمىزنى ئۆزىمىز بىر ئىزغا سالمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى.ئەگەر بىزنى قولىساڭلار بۇ قېتىمىقى كىتاپ ئوقۇش كۈنىىنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن بولاتتۇق. بۇ خەۋەرنى qq توپلىرىغا ،ئۇندىدار توپلىرىغا ،كىتاپخانا خۇجايىنىلىرىغا ئەۋەتىپ قويساڭلار، يۇپۇرغا ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئارتۇچ 13899198079 |
|