مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 18 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 20 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 25 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 28 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 19 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 21 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 25 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 29 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 19 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 24 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 26 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 29 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 81|ئىنكاس: 1

مەكتەپنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
33 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
31 سەر
شۆھرەت
30 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 00:23:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xxxxx ناھىيەxxxxx باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2007- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە مەكتەپ تەرەققىيات يىرىك پىلانى

1- قىسىم :ئىجتىمائىي رايۇن تەرەققىيات ئەھۋالى
xxxكەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورۇندىن غەربىي شىمال تەرەپكە قاراپ 3 كىلومىتىرلىق جايغا جايلاشقان بولۇپ، 5 مەھەللىۋى كىچىك گورۇپپا، 278 ئائىلە، 1710  نوپۇس بار بولۇپ، ھەممىسى ئۇيغۇر مىللىتىدىن.  تېرىلغۇ يەر2820 مو بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.7   مو، دىھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كىپەز قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلمىغان، تەبىئىي شارائىتى ناچار، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ساپ كىرىم 1710 يۈەن.
xxxxx كەنتى 2000- يىلى ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش ۋە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتلىقلار نىسپىتى ٪98 ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسپىتى ٪97.12 ، ئوقۇش يېشىدىكى قىزلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىپىستى ٪98.75، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىپىسىتى٪90.58، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسپىتى .570، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسپىتى1.17 بولدى. 15 ياشلىقلار ئارىسىدىكى باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ تاماملىنىش نىسپىتى ٪100، 17 ياشلىقلار ئارىسىدىكى تولۇقسىز مائارىپىنىڭ تاماملىنىش نىسپىتى ٪98، 15 ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىق نىپسىتى ٪0 . توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مىخاينىزىمىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ كەنت كومىتىتى  بىلەن دىھقانلارنىڭ يۈكى يىنىكلەپ، دىھقانلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىش ئاكتىپچانلىقى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلاردا قوش تىللىق مائارىپ زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، دىھقانلارنىڭ يېزىلاردا تەييارلىق قوش تىللىق مائارىپنى قانات يايدۇرۇشقا بولغان تونۇشى ئۈزلۈكىسىز يۇقۇرى كۆتۈرلۈپ، پەرزەنىتلىرىنى قوش تىل ئۈگىنىشكە ئەۋەتىش قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى. دىھقانلارنى مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، مائارىپنى قوللىشى، بالىلىرىنىڭ ئۈگۈنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى يىتەرلىك بولماي، دىننىڭ مائارىپقا سىڭىپ كىرىش يوشۇرۇن خەۋىپى ساقلىنىپ كەلدى، يېزا، كەنىتنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىشى يىتەرلىك بولمىدى.

2- قىسىم : مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئۆزگىرىشلەر
xxxxx ناھىيەxxxxx باشلانغۇچ مەكتىپى 1957- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 12.4 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 866 كۋادىرات مىتىر، بىر قەۋەتلىك سىنىپ 6 ئېغىز، تەجرىبىخانا 1 ئېغىز، ئىشخانا 7 ئېغىز، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى 2 ئېغىز، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ھاجاتخانىسى تولۇق. ئاددىي تەنتەربىيە پائالىيەت مەيدانى ۋە ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى سەپلەنگەن. مەكتەپتە ھازىر 6 ئوقۇتۇش سىنىپى بولۇپ، 170 ئوقۇغۇچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە قىز 81 نەپەر. مەكتەپ بويىچە 1- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچى 36 نەپەر ، 2- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچى 30 نەپەر  ، 3- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچى 24 نەپەر، 4- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچى 23 نەپەر، 5- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچى 29 نەپەر، 6- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچى 28 نەپەر. 11 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال ئىشچى- خىزمەتچى 8 نەپەر. باشلانغۇچ مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 1 نەپەر، 1- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 6 نەپەر، 2- دەرىجىلىك ئۈنۋانى بار ئوقۇتقۇچى 1 نەپەر، ئۈنۋانى يوق ئوقۇتقۇچى 3 نەپەر. مەكتەپتە پارتىيە ياچايكىسى، مەكتەپ مەمۇرىيتى، ئەخلاقى تەربىيە بۆلۈمى، ئىلىمىي بۆلۈم، ئوقۇتۇش تەتقىقات گورۇپپىسى، پىئونىرلار ئەتىرىتى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن تەشكىلاتلار بار.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپكە بولغان باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قائىدە- تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان دائىملىق تەربىيەنى كۈچەيتىشكە، بولۇپمۇ قوش تىللىق تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەردى. مەكتەپ دەرسخانىسىدىكى ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇشىقا بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئېلىپ بىرىلدى. ئەمما مەكتەپتە مەبلەغ يىتەرلىك بولمىغاچقا ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئاددىي، بولۇپمۇ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل – سەنئەت ئەسلىھەلىرى كەمچىل، پائالىيەت سورۇنلىرى ئۆلچەملىك ئەمەس؛ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە تىگىشلىك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن، بولۇپمۇ خەنزۇتىلى سەۋىيىسى تۆۋەن بولغاچقا ئوقۇتۇش سۈپىىتنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مەكتەپتە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋىپلىرى مەۋجۇت.
3- قىسىم : مەكتەپ تەرەققىياتىغا نەزەر
--- موھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپ ۋە كۆكەرتىپ، مەكتەپ ئىچىنى دائىرىلىك ھالدا قايتىدىن پىلانلاپ، مەكتەپنىڭ كۆكەرتىلگەن كۆلىمى تىرىشىپ ٪30 يەتكۈزۈپ، 2009- يىلىغا بارغاندا ناھىيە دەرىجىلىك «يىشىللاشقان مەكتەپ» ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدۇ.
--- ئوقۇتۇش ئۈسكۈنە ئەسلىھەلىرىگە بولغان سېلىنما ئاشۇرۇلۇپ،  2009- يىلى كومپىيوتىر ئوقوتۇش سىنىپ تەسىس قىلىندۇ، ئوقۇتۇشنىڭ ئىھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدىغان مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل- سەنئەت ئۈسكۈنلىرى تولۇق سەپلىنىدۇ.
--- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى قاتلىمىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، 2010- يىلغا بارغاندا ئالىي تېخنىكوم ياكى ئالىي تېخنىكومدىن يۇقۇرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەر ٪100 گە يەتكۈزۈلىدۇ، خەنزۇتىلى سەۋىيىسى ( (HSKدە 2010- يىلىغا بارغاندا مەكتەپ مۇدىرلىرى 5- دەرىجىدىن يۇقۇرى، خەنزۇتىلىدىن باشقا پەن ئوقۇتقۇچىسى 5- دەرىجىدىن يۇقۇرى، خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى 6- دەرىجىدىن يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ. ٪50 ئوقۇتقۇچى (قوش تىللىق  ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تايانچ ئوقۇتقۇچى قىلىپ يىتشتۈرۈلۈپ، 1-2 گىچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ناھىيە، ۋىلايەتنىڭ ئوقۇتۇش ماھارىتى ۋە باشقا كەسپى جەھەتتىكى چوڭ مۇسابىقىلىرىدە دەرىجىگە ئىرىشىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز.
مەكتەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈستىدە كۈچ سەرىپ قىلىپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەل تۈزۈپ چىقىپ، 2008- يىلىغا بارغاندا ئوقۇتۇشنى دائىمىي قائىدە بويىچە باشقۇرۇشنى مۇنتىزىملاشتۇرىمىز. ھەر يىلى 1 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭ دائىرىسىدىكى تولۇقىسز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈشىنى قولغا كەلتۈرىمىز، 2010- يىلىغا بارغاندا شىنجاڭ دائىرىسىدىكى تولۇقىسز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىنى 3 نەپەرگە يەتكۈزىمىز.
--- ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاق پەزىلىتى ۋە ئۈگىنىش ئىرادىسى دۇرۇس، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ماشلاشقان ، ھەرىكىتى قېلىپلاشقان، ئۈگىنىشتە ئارتۇقچىلىققا ئىگە، ياخشى ئادەت يىتىلدۈرگەن، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بار يېڭى دەۋىردىكى لاياقەتلىك ئوقۇغۇچى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىپ، لاياقەتلىك بولۇش نىسپىتىنى ٪100 گە يەتكۈزىمىز.
---ئەخلاقى تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 2009- يىلىغا بارغاندا ناھىيە دەرىجىلىك «ئەخلاقى تەربىيەدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ»، «ئامان – ئىسەن مەكتەپ» ، «مەدەنىيەتلىك ئورۇن» بولىمىز. 2010- يىلىغا بارغاندا تىرىشىپ ۋىلايەتنىڭ« ئەخلاقى تەربىيەدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ » نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋىلىشتىن ئۆتىمىز.
2009- يىلىغا بارغاندا مەكتەپنى جەمئىيەت رازى بولىدىغان، ئائىلە باشلىقلىرى خاتىرجەم بولىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىغان، تىنىچ- ئامان، ساغلام، ئىناق مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
2010- يىلىغا بارغاندا ئوقۇغۇچى سۆيەر مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايمىز.
4- قىسىم : مەكتەپتە ئالدىن ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەر
مەسىلىنىڭ تۈرى        مەسىلە
1. ھەممىنى قوبۇل قىلىش مائارىپى         1) مەكتەپ ئالماشقان ۋە مەكتەپكە كىرمىگەن بالىلار ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلمىدى.
        2) مەكتەپكە دائىم كەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش يىتەرلىك بولمىدى.
        3) كۈن ئارىلاپ مەكتەپكە كەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش يىتەرلىك بولمىدى.
        4)  ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى بالا باققۇچى، بالا ئىشچى، بالا سودىگەر، بالا شاگىرتلىققا ئەۋەرتىپ بىرىش ئەھۋاللىرى بار.
2. ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش         1) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسى بىلەن ماس كەلمەيدۇ، كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۈگىنىشتە ياخىشى ئوقۇغۇچىلارنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ.
        2) دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى كۆپرەك سۆزلەپ، ئوقۇغۇچى ئاز سۆزلەيدۇ.
        3) ئوقۇتقۇچىنىڭ بەرگەن تاپشۇرۇق مىقتارى ئاز، سۈپەت تەلەپكە يەتمەيدۇ، ئايرىم ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلىمەيدۇ.
        4) ئايرىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى ناچار ، كەسىپكە ھۆرمەت قىلىش روھى كەمچىل، كەسپنى بىرىلىپ تەتقىق قىلمايدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى تۆۋەن، بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئەھۋالىنى ئىگەللىشى ئاز.
        5) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئاددىي، ئوقۇتۇش مىتوتى كەمچىل.
        6) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيىسى تۆۋەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى ئۈگىنىشىگە تەسىر يەتتى.  
        7) ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقنى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرمەيدۇ، تاپشۇرۇقتا ساقلانغان ئورتاق خاراكتىرلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ.
        8) مەكتەپتە قىرائەتخانا ئەسلىھە لىرى ، كومپىيوتىر ئۆيى كەمچىل، يىراق مۇساپىلىق مائارىپ ماترىياللىرىنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن، مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل- سەنئەت ئوقۇتۇش سايمانلىرى ۋە كىتاب ماترىيال بىلەن سەپلىنىشى تولۇق ئەمەس.
2. ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش         9) ئوقۇغۇچىلار قېتىرقېنىپ ئۈگەنمەيدۇ، ئۈگىنىش كەيپىياتى قويۇق ئەمەس.  
        10) ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ۋاقتىدا كەلمەيدۇ.
        11) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈگۈنىشىتە ئارقىدا ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىپ بىرىشى، ئۇلارغا غەمغورلۇق قىلىشى يىتەرلىك ئەمەس.
3. ساغلام ، بىخەتەر موھىت        1) مەكتەپتە چايخانا، ئەخلاتخانا يوق ،دىجۇرنىلىك ئويى يوق.
        2) مەكتەپتە مەخسۇس ساقلىقنى ساقلاش ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۆيى يوق.
        3) مەكتەپنىڭ چورەتاملىرىدىن 321 مىتىرى خەتەرلىك ھەم ئورىلىپ چۇشكەن .
        4) تەنتەربىيە مەيدانى ئۆلچەملىك ئەمەس، يەر يۈزى ئىگىز پەس، پۇتپۇل مەيدانىدىن توپا ئۆلەپ تۇرىدۇ، چىم ياتقۇزۇلمىغان.
        5) مەكتەپتە مەخسۇس 2- دەرسخانا پائالىيەت سورۇنى يوق.
        6) مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتىدىغان ماشىنىلار كۆپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋىپى ساقلانغان.
        7) ئايرىم ئوقۇتقۇچىلاردا تەن جازاسى ياكى شەكىلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش ھادىسىسى بار.
        8) كەنىتتىكى چوڭ كاناي ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋاز ساندۇقىدىن چىقىدىغان ئاۋاز يۇقۇرى، مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇشىغا تەسىر يەتتى.
        9) مەكتەپنىڭ ئاشخانىسى يوق، مەشغۇلات ئۆيى، نەرسىلەرنى ساقلاش ئىشكاۋى، دىزىنفىكسىيە قىلىش ئىشكاۋى قاتارلىق ئەسلىھەلەر يوق.
        10) قىش پەسىلدە ئىسسىنىشتا سىنىپنىڭ ئىچىدىكى مەش كىچىك بولغاچقا ئىسسىق ئەمەس، مەش ۋە كاناي ئىس ياندۇرىدۇ.
        11) بەزى ئوقۇغۇچىلاردا باشقىلارنى تىللايدىغان، ئۇرىدىغان، چوڭلىرى كىچىكلىرىنى بوزەك ئىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
        12) قىشتا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى نېپىز كىيندۈرىدىغان، كونا ئاياقلارنى كەيدۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆپ.
4. جىنسى پەرىق سەزگۈرلۈكى        1) مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بىرىلىدىغان  پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە فىزىئولوگىيلىك ساغلاملىق تەربىيسى كەم.
        2) ئوقۇتقۇچى تەنتەربىيە دەرسى ئۆتكەندە قىز ئوقۇغۇچىلارغا غەمغورلۇق قىلىش يىتەرلىك ئەمەس.
5. مەكتەپ بىلەن ئائىلە  ، ئىجتىمائىي رايۇننڭ ھەمكارلىقى        1) يېزا كەنت كادىرلىرىنىڭ مەكتەپكە كۆڭۈل بۆلىشى، مەكتەپنى قوللىشى يىتەرلىك ئەمەس، مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىشى كەم.
        2) ئائىلە باشلىقلىرى ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا ۋاقتىدا قاتناشمايدۇ. پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۈگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بالىلارنى تەربىيلەش مەكتەپنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
        3) بەزى ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيلەش ئۇسۇلى مۇۋاپىق ئەمەس، بالىلىرىنى ئۇرۇپ تىللايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
        4) ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ئەتىگەنلىك تاماق ئىتىپ بەرمەيدۇ.                بۇ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈدى.
        5) ئىجتىمائىي رايۇندا بالا باققۇچى ياللايدىغان، بالا ئىشچى، بالا سودىگەر، بالا شاگىرىت ئىشلىتىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.


xxxxxxxxxx باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش كومىتىتنىڭ تەشكىل تاپقۇچى خادىملار ئىسىملىكى

مەسلىھەتچى:xxxxxx(مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)
            xxxxxx (مائارىپ سېستىما پارتىكومىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)
مۇدىرى: xxxx (ئەزاسى ھەيئەت پارتىكۇم يىزىلىق)
مۇئاۋىن مۇدىرى :مۇسا مۇختەر  (16-كەنت پارتىيە ياچايكىسىنىڭ شۈجىسى(
               xxxx (مەكتەپ مۇدىرى)
ھەيئەت ئەزاسى: xxxxx (ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى )
             مەمەتتۇرسۇن ئىمىن (ئىلمىي مۇدىر)
             سەلەي سىدىق ( ئاتا – ئانىلار كومىتىتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى )
            مەمەت قۇربان( ئاتا – ئانىلار كومىتىتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى )  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

1

تېما

7

دوست

168

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
25 سەر
تىللا
7 دانە
تۆھپە
38 سەر
شۆھرەت
53 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 00:25:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز ياخىشمۇ سىز؟ بۇ بىر مەكتەپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك خىزمەت پىلانى ناھايىتى ئەتىراپلىق يېزىلىپتۇ ،مەن گەرچە بىرمەكتەپ مۇدىرى بولمىغان بولساممۇ بىرقىسم كەنىت دەرىجلىك مەكتەپلەرگە ناھايىتى ماس كەلگەن تېما ئىكەن، رەھمەت سىزگە  ،قولاي كەلسۇن
ئابدۇىغىنىجان ئابدۇىھلىم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:22, Processed in 0.174129 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش