مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 45|ئىنكاس: 0

يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش تەييار لايھىسى بويىچە مانىۋىر ئىلىپ بى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
33 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
31 سەر
شۆھرەت
30 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 00:30:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش تەييار لايھىسى بويىچە مانىۋىر ئىلىپ بىرىش لاھىيەسى

1.        يىتەكچى ئىدىيە ۋە نىشان
يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ «تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى»غا ئاساسەن، مەكتەپنىڭ تاسادىبىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش تەييار لاھىيسىنى تۈزۈپ چىقىپ ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ، خەتەر يوللىرىنى كونتىرول قىلىش، توسۇش، ئاپەتنىڭ يامراپ كىتىشى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، بىخەتەرلىك بىرىنجى، ئالدىنى ئىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپكە، ئوقوتقۇچى-ئوقوغوچىلارغا، پۈتكۈل جەمىيەتكە يۈزلىنىپ، بىخەتەرلىك قۇرلىشنى زوركۈچ بىلەن ئلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىككە ئائىت قانۇن، بەلگلىمىلەر ۋە بىخەتەرلىك بىلىملىرنى ئوموملاشتۇرۇپ، كەڭ ئوقوتقۇچى-ئوقوغوچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت ئىڭنى نوقتۇلۇق كۈچەيتىپ، كەڭ ئوقوتقۇچى-ئوقوغوچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەليەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوقوتقۇچى-ئوقوغوچىلارنىڭ بىخەتەرلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىڭى ۋە ئۆز-ئۆزنى قۇتقۇزۇش ئىقدىدارىنى ئومومىيۇزلىك يۇقۇرى كۆتۆرۈپ، مەكتىۋىمىزنىڭ تەلىم-تەربىيە ئوقوتۇش تەرتىۋىنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش، بىخەتەر، ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىشنى كۈچلىك جامائەت پىكىرى ۋە روھى مەدەت تەمىن ئىتىپ، ئوقو-ئوقوتۇش ئىشلىرىنىڭ مۇقۇم،بىخەتەر،ماس ھالدا ئومومى يۇزلىك تەرققى قىلىشنى ئالغا سلجىتىشتىن ئىبارەت.
2  .مەكتەپنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى:
بولاقسۇ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ 1950-يىلى قۇرۇلغان. ھازىر مەكتپىمىزدە11 ئوقۇتۇش سىنىپى بار بولۇپ، 37 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئىشچى- خىزمەتچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر ئوقۇتقۇچى 14 نەپەر،  ئايال ئوقۇتقۇچى22 نەپەر بولۇپ،  جەمئى ئوقۇغۇچى 428 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوغۇل ئوقۇغۇچى 217 نەپەر، قىز ئوقۇغۇچى 211 نەپەر، جەمئى پىئونىر 361 نەپەر بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار كەنتىمىزنىڭ 10 مەھەللىۋى گورۇپپا، بىر مەيدان ۋە ئىدارە- ئورگاندىن كىلىدۇ.
مەكتىپىمىزدەبىر دۇڭ 3قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى،بىر دۇڭ بىر قەۋەتلىك تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان ئۆيلەر،بىر ھاجەتخانا قاتارلىق ئىمارەتلەر بار.


يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش مانىۋىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى :

1)بۇلاقسۇ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش مانىۋىرىنىڭ قوماندانلىق قىلىش گورۇپپىسى

باش قوماندان:
مىرئادىلجان ئابلىز (مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى)
ئومۇمى جەھەتتىن يىتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل.
مۇئاۋېن قوماندان :
ئىسمايىل تاجى     (مەركىزى مەكتەپ ياچيكا شۇجىسى)
تەشكىللەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل.
ئەزالىرى:
ئاينۇر ئابلەت – تەشۋىقى تەربىيە ئىشلەش، ئەھۋال ئىگەللەشكە، دوكىلاتقا مەسئۇل.
قاۋۇلجان روزى – تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش خىزمەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە مەسئۇل.
بۇخلىچەم سالاھىدىن –ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار سانىنى ئىگەللەش.
ھوشۇراجى مەمەت –ئارقا سەپ خىزمەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە مەسئۇل.
مىرئالىمجان مەمەت –ئۇچۇر خىزمىتىگە مەسئۇل.
ئاينۇر مامۇت - ئارخىپ،خۇلاسە يىزىش ئىشلىرىغا مەسئۇل.
بارلىق سىنىپ مۇدىرلىرى – ئوقۇغۇچىلار ئىددىيە ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە مەسئۇل.



جىددى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كىچىك گۇرۇپپىسى

        سىنىپلارنى تارقاقلاشتۇرۇش كىچىك گۇرۇپپىسى:
ئەزالار:ھەرقايسى سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە شۇ سائەتلىك دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى
مەسئۇليىتى: شۇ سائەتلىك دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ، پەلەمپەي ئىغىزىغا ئىلىپ بارىدۇ ۋە پەلەمپەي ئىغىزىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەر تاقاقلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، سىنىپ مۇدىرىلىرى ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدىكى مەيداننىڭ بايراق مومىسى كەينىدىكى پائالىيەت مەيدانىغا ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تىنىچلاندۇرۇدۇ.
        ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇشقا مەسئۇل كىچىك گۇرۇپپىلار:
1.        3-قەۋەت شىمالى پەلەمپەي ئىغىزىغا ئارزىگۇل مەخسۇم ،جەنۇبى پەلەمپەي ئىغىزىغا قاۋۇلجان روزى،2-قەۋەت شىمالى پەلەمپەي ئىغىزىغا ۋاڭپىن،جەنۇبى پەلەمپەي ئىغىزىغا گاۋجۈەن،1-قەۋەت شىمالى پەلەمپەي ئىغىزىغا دەناگۇل ئابلىز،جەنۇبى پەلەمپەي ئىغىزىغا ئىمىگۇل توختى مەسئۇل بولىدۇ.ھەرقايسى سىنىپلارغا شۇسائەتلىك دەرس ئوقۇتقۇچىسى مەسئۇل بولىدۇ.
2.        بىر قەۋەتلىك تۇرمۇش ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا ئوقۇغۇچى بىرىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا ئامانگۇل ئابلا،ھاجەتخانا ئالدىغا ئوقۇغۇچى بىرىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا گۈزەلنۇر باۋۇدۇن مەسئۇل بولىدۇ.
3.         ئاڭلىتىش ئۆيىگە مىرئالىمجان مەمەت مەسئۇل بولۇپ،جىددى سىگىنال بىرىشكە ۋە تىنىچلاندۇرۇش تەشۋىقاتى ئىلىپ بىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
يۇقارقى ئورۇنلارغا مەسئۇل خادىملار ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇشقا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىستىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشنىڭ ۋە دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

جىددى ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش جىددى قۇتقۇزۇش گورۇپپىسى
        جىددى قۇتقۇزۇش گورۇپپىسى
گورۇپپا باشلىقى:
مىرئادىلجان ئابلىز (مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى)
ۋەزىپىسى :ئەھۋال ئىگەللەپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، تەشكىللەشكە مەسئۇل.
ئەزالىرى:
بۇخلىچەم سالايدىن :دوكىلات ئىلىشقا مەسئۇل
1-قەۋەتكە ئىلىجان جۈمە،2-قەۋەتكە ئاينۇر مامۇت،3-قەۋەتكە ئايسىگۇل ئىلى مەسئۇل بولىدۇ،ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇشقا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىستىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشنىڭ ۋە دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.تاساددىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە جىددى تاقابىل تۇرۇپ،قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلار تارقىلىپ بولغاندىن كىيىن مەسئۇل رايۇنلارنى تەكشۈرۈپ ،ئەھۋالنى گۇرۇپپا باشلىقىغا ۋە باش قوماندانغا دوكىلات قىلىدۇ.
        داۋالاش گۇرۇپپىسى
گورۇپپا باشلىقى:
ئاينۇر ئابلەت (مەركىزى مەكتەپ مۇئاۋىن ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى)
ئەزالىرى:
نۇرگۇل سەمەت (دوختۇرخانىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىشقا مەسئۇل)
ئارزىگۇل ئۇرايىم، ئىمىگۇل توختى، ئارزۇگۇل مۇسا
(نەخ مەيداننى ئىگەللەپ، يارىدارلارنىڭ يارىسىنى تېڭىپ قۇتقۇزۇش، دوختۇرلار بىلەن ماسلىشىش خىزمىتىگە مەسئۇل.


        ئامانلىق ساقلاش گورۇپپىسى
گورۇپپا باشلىقى:
ئابدۇرۇسۇل ئابلىكىم  (مەركىزى مەكتەپ ئىشخانا مۇدىرى)
ئەزالىرى:
ھوشۇراجى مەمەت،ئامانگۇل ھامىت،ۋاڭ پىڭشى،تۇداجى داۋۇت،
مەسئۇليىتى:مانىۋىر جەريانىدا مەكتەپنىڭ دەرۋازا ئامانلىقى ۋە مەكتەپ ئىچى-سىرتى ئامانلىقىغا ۋە نۇرمال تەرتىپنى قوغىداشقا مەسئۇل بولىدۇ.
        تىنىچلاندۇرۇش،تەشۋىقات گۇرۇپپىسى
گورۇپپا باشلىقى:
ئىسمايىل تاجى (مەركىزى مەكتەپ ياچىيكا شۇجىسى)
ئەزالىرى:مىرئالىمجان مەمەت، ئاينۇر ئابلەت، نۇرگۇل سەمەت، رەيھانگۇل تۇراق
مەسئۇليىتى: مانىۋىر جەريانىدا مانىۋىر تەشۋىقاتى ئىلىپ بىرىش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەر تەۋرەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگەللەش، ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنى تىنىچلاندۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
        سىگىنالنى تونۇش
ئالدىن سىگىنال: 36سىكىنوت چىلىنىپ 24 سىكىنوت توختايدۇ(بىر مىنۇت)
تارقاقلاشتۇرۇش سىگىنالى: 6سىكنوت چىلىنىپ،6 سىكنوت توختايدۇ (ئىككى مىنۇت داۋاملىشىدۇ).
        مانىۋىر ۋاقتى:2010-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى 4-سائەتلىك دەرس ۋاقتى
        تارقاقلاشتۇرۇش لىنيىسى:
سىنىپلار ئۆزىگە ئەڭ يىقىن بولغان پەشتاق بىلەن تارقاقلىشىدۇ،تۆۋەنگە چۈشۈپ، بىنا ئالدىدىكى مەيدان بايراق مومىسى ئارقا تەرەپتىكى يىغىلىش ئورنىغا تىزدىن يىغىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار سىنىپ بويىچە 20-30 سانتىمىتىر ئارلىق قويۇپ رەتلىك تىزىلىدۇ، سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلار سانىنى ئىلىپ تىزدىن باش قوماندانغا سان بىرىدۇ.
        يىغىلىش ئورنى :ئوقۇتۇش بىناسى ئالدى مەيدان بايراق مومىسى ئارقىسىغا 6-يىللىقدىن 1-يىللىققىچە بولغان تەرتىپ بويىچە كۈندىلىك تىزىلىش تەرتىۋى(شىمالدىن جەنۇپقا )بويىچە تىزىلىدۇ،سىنىپ مۇدىرى يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
مانىۋىرنىڭ تەرتىۋى:
        ئالدىن تەييارلىق قىلىش،
1.        مەكتەپ مانىۋىر لايھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ،رەھبەرلىك گۇرپا مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتىپ،لايھىنى ئوقۇتقۇچىلارغا تارقىتىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچلارنى تەربىيلەش.
2.        تەنتەربىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئوقۇغۇچىلار يىغىلىش ئورنىنى ئىنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
3.        مەكتەپ رادىئۇ ئۇزىلىدىن تەشۋىقات گۇرۇپپىسى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپچانلىقىنى ئۆستۈرىدۇ.
4.        سىنىپتا سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش ئىلىپ بارىدۇ.
        مانىۋىر ئىلىپ بىرىش قەدەم –باسقۇچلىرى
1.        مانىۋىردىن 10 مىنۇت بۇرۇن خادىملار ئۆز ئورنىغا يىتىپ بارىدۇ.
2.        تەييارلىق سىگىنالى چىلىنغاندا ئوقۇغۇچىلار ئىككى قولىنى بىشىغا قويۇپ،زوڭزويۇپ ئولتۇرۇپ،بىخەتەر ئورۇندا ئۆز-ئۆزىنى قوغىداش ئىلىپ بارىدۇ.
3.        تارقاقلاشتۇرۇش سىگىنالى ئاڭلانغاندىن كىيىن يىتەكچىلەرنىڭ مەسئۇللىقىدا بىخەتەر رايۇنغا بىرىپ ئولتۇرىدۇ.
4.        ھەرقايسى سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆز سىنىپدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى،سالامەتلىك ئەھۋالىنى،بخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ھەر قەۋەتكە مەسئۇل خادىملارغا دوكىلات قىلىدۇ،مەسئۇل خادىملار باش قۇماندانغا دوكىلات قىلىدۇ،سىتاتىسىتكا قىلغۇچى خادىم خاتىرلەيدۇ.( سىتاتىسىتكا قىلغۇچى خادىم:بۇخلىچەم سالايدىن)
باش قوماندان بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا مانۋىر ئەھۋالىدىن خۇلاسە دوكىلاتى بىرىدۇ،
8.يۇقارقى گورۇپپىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيتى:
1) ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەر ئورۇنلارغا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.
2)ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتى بويىچە جىددى بىر تەرەپ قىلىش لاھىيەسىنى قوزغىتىپ ئېغىر ھادىسە يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3)يارىلانغان، ۋە ئاغرىغان ئوقۇغۇچىلارنى توپتىن ئايرىپ چىقىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.
ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نۇمۇرى : ،3164564 ، 3164002 ، 3164018 ، 3164110  3252599،





مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ
xxxx- يىلىxxx- ئاينىڭ xx- كۈنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:22, Processed in 0.175802 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش