كۆرۈش: 342|ئىنكاس: 3

مائارىپنى قوللاش نەمۇنىتچىسى قاسىم ئىمىن

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئۆتمۈشتىكى قاراڭغۇ يىللاردىمۇ مەرىپەتكە ئىنتىلگەن، ئەجدادلارنىڭ مەرىپەتسۆيەرلىك روھىنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلار ياندۇرۇپ بەرگەن مەرىپەت ئوتىنى ئۆچۈرمەي كەلگەن خەلقىمىز پارتىينىڭ 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى ئەۋزەل شارائىتتا قايتىدىن قەددىنى كۆتۈرۈش ئىمكانىيتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن گەرچە مەكتەپ قۇرۇش، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كاپالەتلەندۈرۈلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مائارىپقا كۆڭۈل بۈلۈپ مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىش، ھەتتا مەكتەپلەرنى دۆلەتنىڭ قۇرۇپ بېرىشىگىلا قاراپ تۇرماي ئۆزلىرى مەبلەغ چىقىرىپ مەكتەپ قۇرۇشتەك ئالىيجاناپ روھىنى، ئېسىل مەرىپەتسۆيەرلىك، ۋەتەنسۆيەرلىك خىسلىتىنى نامايان قىلدى. يۇرت خەلقنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى ئاستىدا ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىغان بىر تۈركۈم جىگەرلىك ئەزىمەتلىرىمىز بۇ خاسىيەتلىك ئىشتا سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى.
ئەمدى بۇ ئەزىمەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:

قاسىم ئىمىن: 1937- يىلى زاۋا يېزىسىنىڭ چوكانجىلغا كەنتىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ ئايالى ۋە ئۈچ ئوغلىنى يېتەكلەپ دېھقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش يولىغا مېڭىپ، ئۆز يۇرتىنىڭ تۇپرىقىدىن سېغىز كۆپ چىقىشتەك ئەۋزەللىككە ئاساسەن خىش پىشۇرۇش خۇمدىنى قۇرغان. تىجارىتى روناق تېپىپ بېيىغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىنىڭ خەير- ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ يۇرت خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ناھىيىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1989- يىلى ئۆز يۇرتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۆيلىرى كونىراپ خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى، يۇرت پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىش مۇھىتىنىڭ بەكمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، 12.5 مو يەر ئاجرىتىپ ھەم ئۆز يېنىدىن 100 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ باش ئۇرچى كەنتىگە 533 كۋادىراتمېتىر (سەككىز سىنىپ، بەش ئىشخانا)لىق باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ مەرىپەتكە قىلغان ساخاۋىتى ۋە ھىممىتى ئۈچۈن مەكتەپكە «قاسىم ئىمىن باشلانغۇچ مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن. قاسىم ئىمىننىڭ مائارىپنى قوللاپ مائارىپقا ياردەم بېرىشتەك نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، 1989- ۋە 1992-يىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق مەكتەپلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى يېڭىلاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ئۇنىڭغا «ئاپتونوم رايون بويىچە مائارىپنى قوللاش
نەمۇنىچىسى» دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن. قاسىم ئىمىننىڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئانا يۇرتىغا مەكتەپ سېلىپ بېرىشتەك بۇ خىل ئالىيجاناپ، مەرىپەتپەرۋەرلىك روھى زاۋا خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-4-6 09:33:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىلىم سۆيەر كىشىنى بىزگىمۇ تونۇشتۇرغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
ۋاقتى: 2013-4-6 18:01:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى بىر باغۋەننى تۇنۇشتۇرۇپ ياخشى قىپسىز رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-4-9 19:39:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىلىم سۆيەر كىشىنى بىزگىمۇ تونۇشتۇرغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش