مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 1153|ئىنكاس: 27

ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

640

تېما

134

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9202 سەر
تىللا
93509 دانە
تۆھپە
5803 سەر
شۆھرەت
6305 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 23:33:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت


رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ


جاپاكەش دىھقان ئاتا-ئانىلار ھال-كۈنىڭلار قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ قانداق بولۇشى ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋتلىك بولغاچقا بالدۇرراق ئۆزۈڭلار كۈتكەن تۇرمۇشقا يېتىشىڭلار مېنى ھەرۋاقىت ئويلاندۇرىدۇ.ئەمما شىنجاڭنىڭ ھەممە يىزىلىرىدا ئەمەس بەلكى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ  قىسمەن يىزىلىرىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشۇغا كۆڭۈل بولمەسلىكى ھەردەم بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئازاپلايدۇ. پېقىر تۆۋەندىكىدەك كۈچلۈك بىر ئىلتىجا بىلەن ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا بۇ مۇراجىئەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.يۈرەك سۆزلىرىمنى يېقىندا بىر دىھقان ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيىدە بولغان ئەھۋاللاردىن باشلاي:
  بىز ئوندەك ئوقۇتقۇچى مەكتەپكە كەلمىگىنىگە خېلى بولغان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئائىلە سۆھبىتىگە باردۇق.ئۇنىڭ ئاتىسى بىزگە ئانچە خۇش چىراي ئېچىپ كەتمىدى.بىز ئۇنىڭغا بالىنىڭ ھازىرقى يېشىدا ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئائىلە قىىيىنچىلىقىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، ئەمما بىلىمسىزلىك ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۇق.بىراق ئۇ «مېنى ئاتام ئوقۇتمىغان، ئاتامنىمۇ ئاتىسى ئوقۇتماپتىكەن، شۇڭا مەنمۇ بالامنى ئوقۇتمايمەن!» دەۋاتىدۇ.بىز يەنە بىر تالاي كاپىشىدۇق،بىراق ئۇ گەپلىرىمىزدىن ھىچ تەسىرلەنمىدى. قايسى بىر تىلىۋىزىيە ئىلانىدا «ئوقىغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ» دىيىلىدۇ.سەھرادىكى دادىلار قاچانمۇ مۇنۇ يىراقىنى كۆرەر دادىدەك دىيەلەيدىغان بولار؟! دىگەنلەرنى ئويلاپ پوق يىگەندەك بولۇپ ئۆيدىن چىقىتۇق.
يىزىلاردىكى ئەشۇ قەدىردان ئاتا-ئانىلار،ھازىر قىسمەن يىزا مائارىپىمىزدا ئەڭ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكى،ئوقۇغۇ چىلارنىڭ  مەكتەپكە كەلمەسلىكى بولىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا كەڭ يىزا ئوقۇتقۇچىلىرى زور كۈچتە خىزمەت ئىشلەپ تىرىشىۋاتىدۇ.يەرلىك ھۆكىمەتلەرمۇ قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ مەكتەپكە جەلىپ قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ چارە-تەدبىر كۆرۇپ ھەل قىلىۋاتىدۇ.ئەمما دىھقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى، بىلىمگە،ئوقۇتۇشقا بولغان تۇنۇشى يىتەرلىك بولمىغاچقا كىيىنكى ئۆپكىدىن ھازىرقى كاناينى ئەۋزەل كۆرۇپ باللىرىنى ئائىلە ئىشلىرىغا ،ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ھۈنەرلەرگە بىرىۋاتىدۇ.مەنمۇ بىر يىزىدا ئىشلەيدىغان خەلق ئوقۇتقۇچىسى،مەن ھەرۋاقىت ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپلەپ بىلىم ئىلىشىنى،ئاخىرغىچە ئوقۇشىنى ئويلايمەن. مەن ئىشلەۋاتقان بۇ يەردە مۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت:بىرى،شۇنداق ئوقۇغۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدۇ.يەنە بىرى، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى ياخشى ئەمەس،بۇلارمۇ ئاقىۋەت يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقىيالمايدۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرى ھىساپتا ئاتا-ئانىلارنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ بالىنى ئوقۇ دىسە ئوقۇيدۇ بولمىسا ئوقۇمايدۇ.قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئوقۇش ئوقۇماسلىقى سىلەرگە باغلىق بولغاچقا سىلەرگە ئىلتىجا قىلاي باللىرىڭلار ئوقۇسۇن،ئائىلە قىيىنچىلىقى پەقەت بىر مەزگىللىكلا.سىلەر تا ھازىرغىچە قىلىپ تۇگىتەلمەيۋاتقان ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى بالىلار تىخىمۇ تۈگىتەلمەيدۇ.ئەمما ئۇلار بىلىم ئىگەللەپ ئاندىن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشسە ئىشنىڭ ئۈنىمى ۋە سۈپىتى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى بولىدۇ.
ھازىر پارتىيە-ھۆكىمەت بارلىق مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمىنى مائارىپقا بولۇپمۇ يىزا مائارىپىغا ئىشلىتىۋتىدۇ.بەلكىم دىھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ مەكتەپلەرگە كىلىپ باقمىغان بولىشىڭلار مۇمكىن،مەكتەپلەرنىڭ قىياپىتى ئىلگىركىدىن ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ.رەت-رەت،ئىگىز بىنالارمۇ يىزا مەكتەپلىرىدە قەد كۆتۇرۇپ ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ،مىھرىبان ئوقۇتقۇچىلار، پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ چەكسىز غەمخورلىقى كەڭ يىزا ئوقۇغۇچىللىرىنى ھەرۋاقىت خاتىرجەم ئوقۇش پۇرسىتىگە نائىل قىلدى.بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ ئىسىل مۇھىتتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ئەشۇ مۇھىتقا ماسلاشمايۋاتىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇلارى شۇ بۇلغاندىن كىيىن دەپ ئىككىلىنىپ قالمايمىز،ھەرزامان ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئىدىيىسىنى يۇقۇرلىتىشقا ، ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۇرۇشكە تىرىشىمىز.بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىمسىز، قاراقورساق بولۇپ قىلىشىنى خالىمايمىز.چۈنكى ھازىرقى شارائىت تۇلىمۇ ئەۋزەل،ئۇلار ئەشۇ مۇھىتتا،مۇشۇنداق شارائىتتا ئوقۇۋالمىسا قاچان ئوقۇيدۇ.شۇڭا سۆيۇملۇك ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئوقۇتۇشتىن ھەرگىز يالتىيىپ قالماڭلار! سىلەر كىچە-كۈندۇز پەرزەنتىڭلارنىڭ گۈزەل كەلگۇسىنى، بەختىيار تۇرمۇش كەچۇرىشىنى ئويلايسىلەرغۇ؟ئۇلاردىن كۈتكەن گۈزەل ئىستىقبال دەل ئەشۇ بىلىم نۇرىنى تارقىتىدىغان مەكتەپلەردە.شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا ئۇلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەيسىلەر؟«بالىمىز ئوقۇپ ئالىم بولامتى» دەيسىلەر،بىز ئالىم قىلىشقا تىرىشىمىز،ئەمما ئۆز نىنىنى ئۆزى تىپىپ يىيىەلەيدىغان ياراملىق،ھەقىقى بىر ۋىجدان ئىگىسى بولۇشمۇ ئەۋزەل ئىشقۇ.تۈزۈك ئادەم بولالماي ياشاپ كىلىۋاتقانلارمۇ كۆپقۇ؟ سىلەر بالىرىڭلارنىڭ پاك دىيانەتلىك،دۇرۇس نىيەتلىك، كۈيۇمچان،راۋۇرۇس بىر ئادەم بولىشىنى تىلەيسىلەرغۇ؟ھازىر قىسمەن ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ ،يامان يولدىن قايتماي،ئاتا-ئانىلىرىنى زار-زار يىغلىتىپ جەمىيىتكە يۈك بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىسىلەر،بۇ ئەسكىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى جىقراق ئوقىمىغان،مەكتەپ يۇزى كۆرمىگەنلەردىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟!
مەن بىلىمەن ،سىلەر ھەرگىزمۇ ئۆز پۇشتۇڭلارنىڭ قاپ يۈرەك چوڭ بولۇپ، كۆزۇڭلاردىن نادامەت يىشى ئاقتۇرىشىنى خالىمايسىلەر.تۈۋەندە مەن سىلەرگە ئەمدىلا 7-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچۇم يازغان«بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر» ناملىق شېئرىنى ئوقۇپ بىرەي:

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
يۈرىكىنى تۈتۈن قاپلاپ كەتمىسۇن.       
ئۇلارنىڭمۇ ئىچىلىشقا ھەققى بار،
غۇنچە تۇرۇپ دىلى ئازاپ چەكمىسۇن.

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
يۇرۇپ كەتسۇن قەبرە تامام نادانلىق.
ئاقىل ئۇۋا سالغان ئەزىز ماكانغا ،
قانات سۆرەپ كىللەلمەيدۇ زاۋانلىق.

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
غۇرۇر،ۋاپا،ۋىجدان بىلەن ياشىسۇن.
ئۇلارمۇ بىر ئوت چاقنىتىپ ئەقلىدىن،
كۆزۇڭلارنى ئىپتىخاردا ياشلىسۇن.

   قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بىشڭلارنى قاتۇرىۋاتقان، بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىككە سەۋەپ بولىۋاتقان ئېتىز-ئېرىق ئىشى باللىرىڭلارنى ئوقۇتقاندىن كىيىن تىخىمۇ ئاسانلىشىدۇ،قولايلىشىدۇ.ئەگەر بالىلار ئوقۇمىسا ئۇلاردا نە غورور،نە ۋىجدان،نە كۆيۇم يىتلمەي سىلەرنى بىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىنىمۇ قوغداپ قالالمايدۇ.سىز ئوقۇتسىڭىز،قوشنىڭىز ئوقۇتسا،تۇققانلىرىڭىز ئوقۇتسا ئۇ چاغدا يىزىمىزدا ئىقساسلىقىلار كۆپىيىپ يىزىمىزنىڭ تەرەققىياتمۇ ئالغا سىلجىيدۇ.ھەممىمىزگە جاپا تۇيۇلغان ئىشلار ئاسانلىشىدۇ.ئۇنداق بولمىسا نىمىشقا ھۆكمەت شۇنچە كۆپ پۇللارنى بالىلارنى ئوقۇتۇشقا ،ياخشى تەربىيلەشكە سەرپ قىلىدۇ؟! قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بىشڭلارنى سلكىۋىتىڭلار،پەرزەنتىڭلارنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئويناشماڭلار ،گەرچە بالىلار سىلەرنىڭ بولسىمۇ ئۇ يەنىلا جەمىئيەتكە تايىنىپ ياشايدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،پارتىيە- ھۆكىمەتنىڭ،پۇتكۈل جەمىئيەتنىڭ بالىلارنى ئوقۇتۇشقا قانچىلىك كۈچەۋاتقانلىقىنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭلار.بالىلارنى ئوقۇتۇش سىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ،بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،كەڭ جەمىئيەتنىڭ ۋىجدانى بۇرچى.شۇڭا بالىلار ئوقۇپ قالسۇن ، ئوبدان ئوقۇپ سىلەردىن كىيىن قالسىمۇ تىنەپ-تەمتىرىمەي ئۆزىنىڭ گۈزەل بەختىنى تاپالايدىغان بولسۇن!!
(ئاپتۇر يۇپۇرغا ناھيىە 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە)

ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:01:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-4 00:03  

بەك ياخشى تىما يوللاپسىز  مۇراجەتنامىنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم . راستىنلا يېزا مەكتەپلىرىدە  بەزى كۆپ قىسىم ئاتا- ئانىلار پەرزەنتىنى مەكتەپكە چىققىلى قويماسلىق چىققىلى قويسىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈپ مەكتەپ پۈتتۈرۈشنىڭ كۇيىدا بۇلۇپ ئۆز بالىسنىڭ ئۇقۇشىنى توختىتىش   كۇيىدا بۇلىۋاتىدۇ.  ئۇلار نىمىشقا پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ  شۇ دىھقان پەرزەنتىگە سالغان مەپلىخىنى بىلمەيدىغاندۇ. ھازىر مەكتەپلىرىمىزگە يۇقىردىن  ئۇقۇشتىن ئاۋالقى قوش تىل يەسلى سىنىپ بىر ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن  بىر كۈنلۈك تاماق راسخۇتى 4.5 يۈەندىن ، ئاساسى مائارىپتىكى بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ  ھەر بىر ئۇقۇغۇچىغا بىر ۋاخ تاماق بىرىپ خاتىرجەم ئۇقۇشى ئۈچۈن 3 يۈەندىن پۇل بىرۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا پەرزەنتىنى مەكتەپكە بەرمەسلىك . ، بەرگەن تەقدىردىمۇ ھەرخىل سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ بالىسنى ئاجىرتىش . ياكى يۇقاپ كەتتى دەپ ئۇقۇتقۇچىغا بۆھتام چاپلاپ  بالامنى مۇئەللىم ئۇرۇپتۇ . دىگەندەك خاتا پىتنە ئىغۋالارنى تارقىتىپ بالىسىغا ھە رخىل تىلىۋىزور ئارقىلىق ئىلان بىرىش . گىزىتتە ئىلان بىرىشتەك ئەھۋاللار ئارقىلىق بالىسنى ئاجىرتىش كۈيىدا بۇلىۋاتىدۇ . بۇنداق ئەھۋاللار ئىنتايىن ئېغىر . شۇ ڭا كەڭ ئاتا - ئانىلارنىڭ  پەرزەنتىنى مەكتەپكە تۇلۇق بىرىپ پەرزەنتىنىڭ بىلم ئېلىپ جەمىيەتكە ياراملىق بۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن مەدەت بىرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

640

تېما

134

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9202 سەر
تىللا
93509 دانە
تۆھپە
5803 سەر
شۆھرەت
6305 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:16:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلايمەن بۇ بارلىق يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر. مەنمۇ ھەر قېتىم بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ۋە ئاڭلىسام مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان شۇ بالىلاردىن خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەشتەك بىر خىل تۇيغۇ مىنى بىئارام قىلىدۇ. توغرا بالىلىرىمىز ئوقۇشى كېرەك. ئۇلار ھەرگىزمۇ مەڭگۈ باش كۆتۈرمەي كەتمەن چېپىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان جاپاكەشلەردىن بولۇپ قالمىسۇن! ھەي دېھقانلار سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلارمۇ راھەت كۆرۈشكە، بىلىم ئىگەللەپ بېشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ياشاشقا ھەقلىق.

باھا سۆز

مەرىپەت پىكرىڭىزنى قوللايمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 22:54
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:27:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا:‹‹كۆپ ياشىغان نېمىنى بىلەر،كۆپ ئوقۇغان ھەممىنى››دېگەن ھىكمەتلىك سۆز بار،بۇ تېمىنى باشتىن-ئاخىر ئوقۇپ تولىمۇ سۆيۈندۈم ۋە ئاشۇ جاپاكەش،مېھرىبان ئۇستازلانىڭ مېھنەتسىز ئەجرىلىرىدىن مەمنۇن بولدۇم،ئەي،ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتىڭلارنىڭ بىلمىگە بولغان تەشنالىقىنى ھەرگىزمۇ چۈشەپ قويماڭلار!
ئۇلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھر ئېلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق!!!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

133

تېما

21

دوست

2899

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
655 سەر
تىللا
148 دانە
تۆھپە
566 سەر
شۆھرەت
550 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:34:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئەمما مىنىڭچە بۇنى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىلاردىن كۆرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئەسئۇلىيىتىمىز بار. ئەگەر بىز بىر ئىككى قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقساقلا بوشۇشۇپ بەل قويىۋەتمەي. ئارتۇچ ئەپەندىم ئېيىتقان ئالتۇندەك گەپلەرنى ھەر بىر ئاتا-ئانىغا ئۈزۈلدۈرمەي تەشۋىق قىلالىساق، ئاتا-ئانىلار يىغىنلىرىنى بىلىم ئىگەللەشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇنبەرگە ئايلاندۇرالىساق، ئاتا-ئانىلار قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇلدا ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرەلىسەك، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشمۇ ئۇنچىۋىلا تەس ئەمەس دەپ قارايمەن.

باھا سۆز

tursunjan پىكىرىڭىزنى قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 13:16
بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!

448

تېما

73

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6158 سەر
تىللا
12307 دانە
تۆھپە
9294 سەر
شۆھرەت
4501 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:43:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
..... بالىلىرىمىز ئوقۇشى كېرەك. ئۇلار ھەرگىزمۇ مەڭگۈ باش كۆتۈرمەي كەتمەن چېپىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان جاپاكەشلەردىن بولۇپ قالمىسۇن!......

توغرا دەيسىز، ھازىرقى دەۋىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى، ئىختىساس ئىگىلىرى دەۋرى. بالىلىرىمىز ئوقۇشى، بىلىم ئېلىشى، ھېچ بولمىغاندا دەۋىر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، مۇستەقىل ياشاش، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ئىختىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك. 80-ۋە 90-يىللارغا قارىغاندا ھازىر خەلقىمىزنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى، مائارىپ قارىشى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ چاغلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېرىم ئۆمرى ئوقۇغۇچىلارنى ئېتىزلىقتىن ھەيدەپ ئەكىلىش، بالىلار سەۋەپلىك ئاتا-ئانىلار بىلەن زىددىيەتلىشىش، ئوقۇغۇچى تۇراقلاشتۇرۇش نىسپىتى ئۆلچەمگە يەتمەي، جەرىمانە تۆلەش.... قاتارلىق زىددىيەتلەر ئىچىدە ئۆتكەن.... شۇنداق زىددىيەتلىك خىزمەت سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋاقىتسىز قېرىپ كەتكەن، نۇرغۇنلىغان ئىختىدارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مائارىپچىلار قوشۇنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

باھا سۆز

مەرىپەت پىكرىڭىزنى قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 22:54
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

121

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
596 سەر
تىللا
311 دانە
تۆھپە
411 سەر
شۆھرەت
478 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 03:28:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىلىم ئىگەللەپ، «كەكىنىڭ دەستىسى» بولماي، ۋىجدانلىق ئادەملەردىن بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:06, Processed in 0.506800 second(s), 45 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش