تۇلۇقسىز 7-يىللىق2-قىسىم تىل-ئەدىبىيات ئايلىق سىناق ئىمتاھان سۇئالى
7- يىللىق –سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ( -نومۇر) نىڭ 3-ئايلىق تىل-ئەدەبىيات سىناق ئىمتىھان قەغىزى (ئىمتىھان ۋاقتى : 45 مىنۇت تولۇق نومۇر - 100 جەمئىي ئېرىشكەن نومۇرى - ) 1. مەنىسىنى ئىزاھلاڭ.( 12نومۇر) 1)رەسەتخانا - 2)ئاسترونوم – 3)سىمفونىيە - 4)ۋىروس – 2.بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. ( 40نومۇر) (1) تەرجىمىھال (بىئوگرافىيە) ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:بىرى يەنە بىرى .(2) مۇھەممەد تاراغاي ئۇلۇغبەگ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەنجى ئويغىنىش دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر .(3) بىتخوۋېن گېرمانىيىلىك .1978-يىلى ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىشقا باشلاپ،1820-يىلىغا كەلگەندە بولۇپ قالغان. (4) كۇماراجىۋا مىلادىيە -يىلى دە تۇغۇلغان.‹‹كۇماراجىۋا››دېگەن بۇ ئىسىم ھىندىستانلىق دادا بىلەن كۈسەنلىك ئانا نىڭ نامىدىن ئېلىنغان. (5)مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق) -يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. -يىلى ۋىلايىتىدە يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنى باشلىغان مەرىپەتپەرۋەر،مىللەتسۆيەر،ئوت يۈرەك خەلق ئوغلانى.ئۇ -يىلى جاللات تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. (6)جورجى ۋىتولكاس لىك ئالىم.ئۇ ئۇسۇلىنى تارقاتقانلىق تۆھپىسى ئۈچۈن ،1996-يىلى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ئۇنىڭ ‹‹بىز نېمىشقا كېسەل بولىمىز›› دېگەن خاراكتېرلىك تىببىي ساۋات ئەسىرىدىن ئېلىنغان ‹‹بەدىنىمىز بىزگە مۇنداق دېمەكتە: سەن مېنى خارلىدىڭ،شۇڭا سېنىمۇ خارلايمەن.›› دېگەن جۈملىدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن . بىلەن قوللىنىلغان. 3.جاۋاب بېرىڭ.(16 نومۇر)1) ئۇلۇغبەگ كىم؟تونۇشتۇرۇڭ. 2) بىتخوۋېن كىم؟تونۇشتۇرۇڭ. (3) ئاساسىي لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە؟ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دېگەنچۇ؟مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. 4.كۆز قارىشىڭىزنى يېزىڭ.(8نومۇر ) (1)سىزنىڭچە قايسى ئامىللار نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ (2)بىز نېمە ئۈچۈن كېسەل بولىدىكەنمىز؟ 5.يېزىقچىلىق سوئالى (كەينىدىكى بەتكە يېزىپ ئىشلەڭ) (24نومۇر) (1) مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمىگە تىل-ئەدەبىيات يېزىقچىلىق كۇرژۇكىغا قاتناشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ ،بىر پارچە ئىلتىماس يېزىڭ.(8نومۇر) 2) ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ،‹‹ئۇنتۇلماس بىر ئىش›› دېگەن تېمىدا بىر پارچە بايان ماقالىسى يېزىڭ.(ھەجمى بىر يېرىم بەتتىن كەم بولمىسۇن.خەت ئىملايىڭىز توغرا،سۆز – جۈملىلەر راۋان،باش-ئاخىرى ماسلاشقان بولسۇن.(16نومۇر) |