كۆرۈش: 659|ئىنكاس: 2

قاراقاش ناھىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                           قاراقاش ناھىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى

قاراقاش ناھىيىسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقاش دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتە قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن، لوپ ناھىيىلىرى بىلەن، شىمالدا تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، غەربتە چۆللۈك ئارقىلىق گۇما ناھىيىسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. زېمىنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق '51°°80 − '79°80، شىمالىي كەڭلىك '38°39 − '36°°33 ئارىلىقىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3600- 1122 مېتىر كېلىدۇ.
يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس. جەنۇبىي قىسمى قاراقۇرۇم تېغى، ئوتتۇرا قىسمى بوستانلىق، شىمالىي قىسمى قۇملۇق بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىغا يەلپۈگۈچسىمان سوزۇلغان، خوتەن- قاراقاش- لوپ بوستانلىقىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 25 مىڭ 312.5 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلىقى 319.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 45 كېلومېتىردىن 112.5 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ.
قاراقاش زېمىنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك بولۇپ، مۇھىم دېھقانچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي قىسمىمۇ تىنما تۈزلەڭلىك، بۇ يەر ناھايىتى كەڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق ۋە يۇلغۇنلۇق. ناھىيە تەۋەسىدە ئىككى دەريا، توققۇز بۇلاق بار. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 509 كىلومېتىر، سۇغىرىش مەيدانى 19 مىڭ 983 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان قاراقاش دەرياسىنىڭ يىللىق ئېقىن سۇ مىقدارى 1 مىليارد 458 مىليون 540 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا مەنسۇپ. ئاساسىي ئالاھىدىلىكى تۆت پەسىل ئېنىق، ئەتىيازدا تېمپېراتۇرا تېز ئۆزگىرىدۇ، كۈزدە تېز تۆۋەنلەيدۇ. ھۆل-يېغىن ئاز، پارغا ئايلىنىشى تېز، كۈن نۇرى تولۇق، قىروسىز مەزگىلى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ئەتىياز پەسلىدە بوران كۆپ چىقىدۇ. كۈننىڭ يورۇتۇشى تولۇق، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2668.6 سائەت بولۇپ، ئوتتۇرىچە كۈنلۈك يورۇتۇش نىسبىتى% 60.3، ناھىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق رايونىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى C°11.6، C°0 تىن چوڭ بولغان يىغىندى تېمپېراتۇرا C°4450. ھاۋارايى خاتىرىسى قالدۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 1973- يىل 7-ئاينىڭ 16- كۈنى كۆرۈلگەن بولۇپ، C°42.7 قا يەتكەن. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 1968- يىل 12- ئاينىڭ 7- كۈنى كۆرۈلگەن بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن C°23.7 قا چۈشكەن. ھۆل- يېغىن ئىنتايىن ئاز، ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېھقانچىلىق رايونىدا ئاران 35.2 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ئېقىن سۇغا تايىنىپ يەر سۇغىرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ھاۋارايىدىكى ئاساسلىق ئاپەتلەردىن قۇم-بوران، ئەتىيازلىق جۇدۇن، ئىسسىق شامال، ئەتىيازدىكى قۇرغاقچىلىق قاتارلىقلار بار.ناھىيە تۇپرىقى: لايلاتما تۇپراق، نەم تۇپراق، شاللىق تۇپراق، لايلاتما قۇم تۇپراق، قوڭۇر قۇم تۇپراق، چىم تۇپراق، قۇم تۇپراق، شور تۇپراق ۋە سازلىق تۇپراقتىن ئىبارەت توققۇز خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭدىن لايلاتما تۇپراق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %62.4 نى
ئىگىلەيدۇ. ناھىيە تۇپرىقىنىڭ ئوغۇت يەتكۈزۈپ بېرىش ئۆتۈشچانلىقى ۋە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى. لېكىن ئوغۇت ۋە سۇ ساقلاش رولى ناچار، يەرلەر شورلۇققا مايىل بولۇپ، ئورگانىك مىقدارى تۆۋەن. ئازوت ئومۇميۈزلۈك كەم، فوسفور ئىنتايىن ئاز.
ھاۋا كىلىماتى ۋە تەبىئىي شارائىتى تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا باب كەلگەنلىكتىن، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق، شالچىلىق تارىخى ئۇزۇن بولۇپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. يەنە بۇ ناھىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئاساسلىق پاختىچىلىق رايونى، شۇنداقلا ئاساسلىق پىلىچىلىك رايونى، قاراقاش خەلقىنىڭ ئۈجمە ئۆستۈرۈپ، پىلە بېقىش تارىخى ئۇزۇن.
ناھىيىنىڭ تاغ، يايلاقلىرى ۋە جاڭگاللىرىدا ياۋايى ھايۋانلاردىن: بۆرە، چىلبۆرە، قىزىل تۈلكە، ئاق تۈلكە، بۇلغۇن، يىلپىز، تىبەت ياۋا ئېشىكى، ياۋا قوتاز، ئارقار، كۆكمەت، تاغ ئۆچكىسى، ھىمالايا سۇغۇرى، كۈلرەڭ قۇيرۇقلۇق توشقان، ئۇلار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا ئات، ياۋا توڭگۇز، ياۋا ئۆردەك، كەكلىك، ياۋا تۈلكە، قارا تايغان، بۇغا، كىيىك قاتارلىقلار بار.
ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن: توشقانزەدىكى، قانتېپەر، قار لەيلىسى، رەۋەن، چاكاندا، مەرزەنجۇش، چۈچۈكبۇيا، يەر مەدىكى، ئالقات، قېرىقىز قاتارلىقلار بار.
كان بايلىقلىرىدىن: قاشتېشى مەشھۇر بولۇپ قارا قاشتېشى، سەيۋەرەڭ قاشتېشى، زۇمرەت قاشتېشى، قىزىل قاشتېشى، سېرىق قاشتېشى قاتارلىقلار بار. قاشتېشىدىن باشقا يەنە ئالتۇن، ئالماس، كۋارتىس، ھاك تېشى، تۇز، گەج، چىرىمتال قاتارلىقلار بار.
قەيسەر، ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك، يۇرت سۆيەر قاراقاش خەلقى تارىختىن بېرى بۇ تۇپراقتا ياشاپ قاراقاش دەرياسىنىڭ تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلۇپ تاۋلانغان، مېھىرلىك قۇياش نۇرلىرىدا پاكلانغان ئەركەك سۇلىرىنىڭ خاسىيىتىدە ھاياتلىق ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئەجرى بىلەن قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى بۇ جەننەت ماكاننى ــ قارا قاشتېشى دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمكى يۇرت قاراقاشنى بەرپا قىلغان.   
بۇ يۇرتنىڭ قاچانلاردا بەرپا بولغانلىقى ھەققىدە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئېنىق تارىخىي مەلۇمات ھازىرچە يوق. ئەمما خەلق ئارىسىدا ساقلانغان رىۋايەت- تەزكىرىلەردىكى تارىخىي ئۇچۇرلار، شۇنداقلا ناھىيە تەۋەسىدىكى قەدىمكى تارىخىي ئىزلاردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئاساسەن بۇ زېمىندا ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى باشلانغىنىغا كەم دېگەندىمۇ4 مىڭ يىلىدىن ئاشقانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى، يەر تۈزۈلۈشى ۋە قەدىمكى ئىزلارنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا قارىغاندا، دەسلەپتە ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلىرى ھازىرقى بوستانلىقنىڭ غەربىي جەنۇبى تەرەپلىرىدىكى چىنماچىن، بەلقۇم قەدىمكى شەھەرلىرى ئىزى ۋە قۇمرابات بۇتخانا خارابىسى ئەتراپلىرىدا بولۇپ، يېقىنقى مىڭ يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتنىڭ مابەينىدە بۇ
زېمىندىكى ئىنسانلار قۇم- بوران ۋە ئۇرۇشتىن ئىبارەت تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك شەرققە سىلجىپ، قاراقاش دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەلپۈگۈچسىمان تۈزلەڭلىكتە بۈگۈنكى قاراقاش بوستانلىقىنى يېڭىباشتىن بەرپا قىلغان.
بۇ ماكاننىڭ قەدىمكى نامى ھەققىدە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە: «قاش ئۆگۈز- خوتەن شەھىرىنىڭ ئىككى يېنىدا ئاقىدىغان ئىككى دەريادۇر. بىرى ئۇرۇڭقاش (يۇرۇڭقاش) ئۆگۈز دەپ ئاتىلىدۇ. سۈزۈك ئاق قاشتېشى مۇشۇ دەريادىن چىقىدۇ. دەريانىڭ نامىمۇ مۇشۇ تاشنىڭ نامىغا بېرىلگەن. يەنە بىرى قاراقاش ئۆگۈز دېيىلىدۇ، بۇ يەردىن سۈزۈك قاراتاش چىقىدۇ. بۇ تاش دۇنيادا پەقەت مۇشۇ يەردىنلا چىقىدۇ.» دىگەن مەلۇمات ئۇچرايدۇ. («تۈركىي تىللار دىۋانى»Ⅲ توم 1984- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 208- بەت)
جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخىي ماتېرىياللىرىدىمۇ بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. مىلادى 551-يىلى يېزىلغان «ۋېينامە» دە قاراقاش دەرياسى «大利水-تارىغسۇ» دەپ، 656-يىلى يېزىلغان «بەش دەۋر تارىخى-ئۇدۇن تەزكىرىسى»دە «乌玉河» دەپ خاتىرىلەنگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە «قاراقاش بازىرى»، «شىنجاڭ ھەققىدە چۈشەنچە» دېگەن كىتابتا: «قاراقاش-قاراقاش دەرياسىنىڭ غەربىدە» دەپ خاتىرىلەنگەن (فېڭ چېنجۈن :«غەربىي يۇرت يەر ناملىرى» جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1982- يىل خەنزۇچە نەشرى 42- بەت).
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يۇقىرىقى خاتىرىلەردىن دەريا نامى بىلەن يۇرت نامىنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، «قاراقاش» ئاتالغۇسىنىڭ ھەم يۇرت نامىنى ھەم دەريا نامىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅳ-Ⅴ ئەسىرلەردە غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان مەشھۇر يىپەك يولى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ يولنىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ سوزۇلغىنى جەنۇبىي يىپەك يولى، شىمالىنى بويلاپ سوزۇلغىنى شىمالىي يىپەك يولى دەپ ئاتالغان. خوتەن جەنۇبىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلانغان. قاراقاش بولسا جەنۇبىي يىپەك يولىدىكى بىر ئۆتەڭ ئىدى. چاڭئەن، دۇنخۇاڭ (دەشت ئاتا)، كروران شەھەرلىرىدىن غەربىي ئاسىيا ۋە غەربىي ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەرگە بارىدىغان ۋە ئۇ يەرلەردىن كېلىدىغان سودا كارۋانلىرى بۇ جايدىن ئۆتەتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە ئۇدۇن خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن قاراقاش ئۇدۇن خانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىدارە قىلىنىشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى  Ⅰئەسىردە بۇددا دىنى ئۇدۇندا تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا زور كۆلەم ھاسىل قىلىپ، ئۇدۇن خانلىقى تېررىتورىيسىدىكى ھەر قايسى جايلاردا كۆپلەپ ئىبادەتخانىلار قۇرۇلغان. قاراقاش تەۋەسىدە «قۇمرابات بۇددا ئىبادەتخانىسى» (ھازىرقى ئاتىلىشى) قاتارلىق چوڭ ئىبادەتخانىلار قۇرۇلغان. بۇ دەۋردە ئۇدۇن رايونىدا ساك، توخرى (توخار)، ھون، تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمكى مىللەتلەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى -60 يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى بۈگۈر ئەتراپىدا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمسىنى تەسىس قىلىپ، غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندا ئۇدۇن غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قاراشلىق36  بەگلىكنىڭ بىرى بولغان. مىلادىنىڭ باشلىرىدا ھونلار كۈچىيىپ تارىم ئويمانلىقىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن قاراقاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇدۇن رايونى ھونلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. كېيىن ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاجىزلىشىپ ئۇدۇن خانلىقى
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ كونتروللىقىدا بولغان.
جۇڭگونىڭ ۋېي، جىن دەۋرلىرى ۋە جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرلىرىدە) مىلادىنىڭ -220 يىلىدىن-581  يىللىرىغىچە  بولغان ۋاقىتلار (ئۇدۇن تارىم ئويمانلىقىدىكى چوڭ بەگلىككە ئايلىنىپ ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىملىشىپ، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىدۇ. بۇددا دىنى راسا گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ .سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە) مىلادىدىن بۇرۇنقى 581- يىلىدىن 907- يىلىغىچە بولغان ۋاقىتلار (بۇ خىل تەرەققىيات ئىزچىل داۋام قىلىدۇ، ئۇدۇن تەۋەسىدىكى ھەر قايسى جايلاردا ئىشلەپچىقىرىش زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدۇ، مۇستەھكەم شەھەر- قەلئەلەر بارلىققا كېلىدۇ. بۇ دەۋردە تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئۇدۇننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ئاساسىي ئورۇنغا چىقىدۇ. بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا مۇنداق دېيىلىدۇ» :تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان ئۇدۇندا تۈركلەرنىڭ تەسىرىنىڭ ئالامەتلىرى روشەن بولغان .مەسىلەن شۇ چاغدىكى) ئۇدۇن ھۆكۈمرانلىرىدىن ۋىسارا ئاكا- ئۇكىلارنڭ ›يابغۇ‹ دەپ ئاتىلىشى بۇنىڭ روشەن مىسالى. مىلادى Ⅹ ئەسىردىكى پارسلارنىڭ جۇغراپىيە كىتابى ›ھۇدۇدۇلئالەم‹ )دۇنيانىڭ چېگرا-پاسىللىرى)دە قەشقەردىن ئۇدۇنغىچە بولغان يول ئۈستىدە ›نۇرغۇن توققۇز ئوغۇزلار بار‹ دېيىلگەن .بۇنىڭدىن تىبەتلەر تارىم ئويمانلىقىنى ئىشغال قىلغان چاغدا) تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە) ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇدۇن رايونىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ». «تۈركلەر ئۇدۇننى ئىدارە قىلغان دەۋردە يەرلىك كىشىلەر ئۇدۇن بىلەن چېگرىداش بەزى جايلارنى ‹تۈركلەر ئايمىقى› دېگەن مەنىدە ‹تۈركچۇر› دەپ ئاتىغان. مازار تاغ قەلئەسىدىن تېپىلغان ياغاچ پۈتۈكلەردىمۇ ‹تۈركچۇر› دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ.» )«بۇددا ئېلى ئۇدۇن» -329 بەت، -95 يىل  -8ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى(.
ئۇدۇندا مەدەنىيەتنىڭ راسا گۈللەنگەن مانا مۇشۇ مەزگىللىرىدە مىلادىنىڭ  -644يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر راھىبى شۈەنزاڭ غەربكە بېرىپ نوم ئېلىپ قايتىش سەپىرىدە ئۇدۇنغا كەلگەن .شۈەنزاڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدىن قالدۇرغان خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ غەربتىن نوم ئېلىپ خوتەنگە كېلىۋاتقىنىدا ئۇدۇن پادىشاھىنىڭ شەھەرنىڭ غەربىدىن 300 يول يىراقلىقتىكى يول ئۈستىدىكى بۇقارى قەلئەسىگە ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالغانلىقىنى يازغان .ئۇ يەنە بۇ يەردە بۇتلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەڭ ئېگىزىنىڭ يەتتە گەز كېلىدىغانلىقىنى، بۇتلارنىڭ رەڭلىك ئىكەنلىكىنى، باشلىرىغا ياقۇت بىلەن گۈھەردىن ياسالغان تاج كىيگۈزۈلگەنلىكىنى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ بۇتلار كەشمىر دۆلىتىدىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى… يازغان) .يۇشى لىياۋتى:»غەربتە بۇددىزم« تەرجىمە نۇسخا 2- قىسىم 25- بەت .(شۈەنزاڭ ئېيتقان بۇقارى قەلئەسى ھازىرقى قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان چۆللۈكتىكى «چىنماچىن» شەھىرى خارابىسىنىڭ ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ.
مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تىبەتلەر ئۇدۇننى بېسىۋالىدۇ .شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدۇننىڭ ئۇزاق بىر مەزگىللىك تىنچلىق- خاتىرجەملىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى چېكىنىپ كېتىدۇ. 100 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان تىبەتلەر ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىن قەشقەردىكى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئارقىدىنلا ئىسلام دىنىنى ئەتراپقا كېڭەيتىشكە كىرىشىدۇ. ئۇ مىلادى 942-يىلى ئۇدۇنغا يۈرۈش قىلىدۇ. قاراخانىيلار دۆلىتى شۇنىڭدىن كېيىن پات- پاتلا ئۇدۇنغا قوشۇن تارتىپ ئىسلام دىنىنى ئۇ يەرگە تارقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. مىلادىنىڭ -1006 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇدۇن بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدا 8 قېتىم چوڭ-كىچىك ئۇرۇش بولىدۇ. شۇ يىلى
قاراخانىيلار پادىشاسى يۈسۈپ قادىرخان غازىنىڭ قوماندانلىقىدا 9- قېتىملىق ئۇرۇش پارتلايدۇ ۋە ئۇدۇن قوشۇنلىرىنىڭ تارمار بولۇشى بىلەن شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇدۇن ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ ھەم ئىسلام مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن شۈەنزاڭنىڭ خاتىرىسىدىكى ئۇدۇن پادىشاھ ئوردىسىنىڭ300  يول غەربىگە جايلاشقان بۇقارى شەھەر قەلئەسى ئەينى چاغدا ئۇدۇندىكى بۇددىزمنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت ئورۇنلىرىنبڭ بىرى بولۇپ، شەھەر تەۋەسىدە بىر قانچە جايدا بۇددا ئىبادەتخانىلىرى بار ئىدى. ئۇدۇن بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان كۆپ قېتىملىق دىنىي ئۇرۇشلار سەۋەبلىك كېيىنكى چاغلاردا بۇ شەھەر ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقلىرىدا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن قۇم- بورانمۇ بۇ جايغا خىرىس قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شەھەر ئاھالىسى شەرققە يۈرۈشۈپ يېڭى ماكان قۇرۇشقا كىرىشىدۇ. يەرلىك تەزكىرىلەردىكى رىۋايەتلەردە بۇ جايلاردا ئىسلام دىنى جارىي بولغاندىن كېيىن يەرلىك خەلق پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخان ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ باشچىلىقىدا قاراقاش دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تۈزلەڭلىكتە4 جايدىن ئۆستەڭ قېزىپ (ھازىرقى زاۋا، كۇيا، ماكۇيا، بەھرام سۈيى ئۆستەڭلىرى) ھەم بۇ ئۆستەڭ بويلىرىدا تېرىقچىلىق قىلىپ، دەل- دەرەخ ئۆستۈرۈپ، باغۇ- بوستانلىق يۇرت بىنا قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرقى قاراقاش بوستانلىقى شەكىللەنگەن ۋە بۇ جايلاردا ئىسلام دىنىنىڭ پائالىيەت ئورۇنلىرى بولغان مەسچىت ۋە مەدرىسەلەر قۇرۇلۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان. مىلادىنىڭ -1212 يىلى قارا قىتان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى كۈچلۈك تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىدىكى قەشقەر، يەكەن، خوتەنلەرنى بېسىۋالىدۇ. ئۇ مۇسۇلمان بولمىغاچقا يەرلىك مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن يېنىشقا مەجبۇرلايدۇ. مۇسۇلمانلار قارشى تۇرغانلىقتىن پاجىئەلىك باستۇرۇشقا ئۇچرايدۇ .بۇ مەزگىلدە شىمالدا باش كۆتۈرگەن موڭغۇللار پادىشاھى چىڭگىزخان ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى غەربكە قاراپ ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىلكىگە ئېلىپ بولغان ئىدى. -1218 يىلى ئۇنىڭ سەركەردىسى جەبە نويان باشچىلىقىدىكى بىر تارماق قوشۇنى كۈچلۈككە ھۇجۇم قىلىپ قەشقەر، يەركەن، خوتەنلەرنى تارتىۋالىدۇ ۋە قېچىپ كەتكەن كۈچلۈكنى سېرىققۇل) بۈگۈنكى تاشقورغان) تاغلىق رايونىدىن تۇتۇپ كېلىپ ئۆلتۈرىدۇ -1221 .يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ جايلار چىڭگىزخاننىڭ ئۆزىگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان
دارۇغاچ )يەرلىك ئەمەلدار) تەيىنلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ .چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ئۇنىڭ ئوغلى چاغاتاينىڭ قول ئاستىدا بولىدۇ-1241 . يىلى چاغاتايخان ئۆلۈشتىن ئىلگىرى بۇ جايلارنى موڭغۇللارنىڭ دوغلات جەمەتىگە ئىنئام قىلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ دوغلاتلار جەمەتى بۇ رايوننىڭ ئاتا مىراس ھۆكۈمرانى بولۇپ قالىدۇ-1348 . يىلى دوغلات جەمەتىنىڭ قەبىلە ئاقساقىلى ئەمىر بۇلاجى تۇغلۇق تۆمۈرنى خان قىلىپ تىكلەيدۇ .بۇ خانلىق تارىختا» شەرقىي چاغاتاي خانلىقى« دەپ ئاتىلىدۇ. شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى -1513 يىلى سۇلتان سەئىدخاننىڭ يەكەننى پايتەخت قىلىپ سەئىدىيە خانلىقىنى تىكلىشىگىچە داۋام قىلىدۇ-1389 . يىلى ئەمىر بۇلاجىنىڭ ئوغلى ئەمىر خۇدايدات تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ كىچىك ئوغلى خىزىر خوجىنىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللاپ ياردەم بەرگەچكە، خىزىر خوجا تەختكە چىققاندىن كېيىن خۇدايداتقا ناھايىتى كۆپ ئىمتىياز بېرىدۇ. خۇدايدات قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق جايلارنىڭ ئەڭ چوڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىدۇ-1399 . يىلى خىزىر خوجا ئۆلۈپ ئوغلى شەمئى جاھان خان بولىدۇ. بۇ چاغدا خوتەننىڭ ھۆكۈمدارى خۇدايداتنىڭ ئاتا باشقا، ئانا بىر ئىنىسى قىدىرشاھ ئىدى.1460 - يىللىرى قىدىرشاھ ئۆلگەندىن كېيىن خوتەنگە نەۋرىلىرى خاننەزەر مىرزا بىلەن قۇلنەزەر مىرزا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ .ئۇلار خۇدايداتنىڭ كەنجى ئوغلى سەئىدئەھمەد مىرزا ۋە نەۋرىسى ئابابەكرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇشنى خالىمىغاچقا خوتەن بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ-1462 . يىلى خوتەندە خاننەزەر مىرزا بىلەن قۇلنەزەر مىرزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شەھەر مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىلچى ھىسار سېپىلى ياسىلىدۇ .بۇ سېپىلنىڭ تۆت دەرۋازىسى بولۇپ، شەرق تەرەپتىكىسى» سۇ دەرۋازىسى«، جەنۇب تەرەپتىكىسى »گۇجان دەرۋازىسى«، غەرب تەرەپتىكىسى »قىزىق دەرۋازىسى«، شىمال تەرەپتىكىسى »ھېيتگاھ دەرۋازىسى «دەپ ئاتىلىدۇ. قاراقاش بۇ مەزگىلدە خوتەننىڭ تەركىبىدە ئىدارە قىلىنىدۇ. 1477- يىلىغا كەلگەندە خۇدايدات ئەۋلادىدىن مىرزا ئابابەكرى خوتەنگە قوشۇن تارتىپ كېلىپ خاننەزەر مىرزا بىلەن قۇلنەزەر مىرزىنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈپ خوتەننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن خوتەنگە ھاكىم بەلگىلەپ ئىدارە قىلىدۇ. مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى 40 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە قەشقەرىيە خەلقى ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراپ، خەلق تۇرمۇشى خانىۋەيرانچىلىققا يۈز تۇتقان ئىدى. 1514- يىلى خىزىر خوجىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن سەئىدخان يەكەن، قەشقەر، خوتەنلەرگە قوشۇن تارتىپ مىرزا ئابابەكرى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. مىرزا ئابابەكرى خوتەن تاغلىرى ئارقىلىق تىبەتكە قېچىشنى كۆزلەپ يەكەندىن نۇرغۇن دەپپى- دۇنيانى ئېلىپ خوتەنگە قاچىدۇ. سەئىدخان قوشۇنى ئابابەكرىنى قوغلاپ ئىز بېسىپ خوتەنگە كېلىدۇ. خوتەن خەلقى مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلمىنى يېرىم ئەسىردەك تارتىپ جېنىدىن جاق تويغاچقا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ سەئىدخان قوشۇنىغا ياردەملىشىپ مىرزا ئابابەكرىنى تۇتۇشقا ئاتلىنىدۇ. خوتەن ئاھالىسى يەنە خوتەن خەزىنىسىدە ساقلانغان مال- مۈلۈك ۋە ئالتۇن- كۈمۈشلەرنى سەئىدخان قوشۇنىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خوتەن رايونى تاكى-1680  يىللارغىچە سەئىدىيە خانلىقى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ.
سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىگە ئائىت تارىخىي ماتېرىياللاردا سۇلتان سەئىدخان ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى خانلىق تەۋەسىدىكى ھەر قايسى جايلار قاتارىدا قاراقاشقىمۇ ھاكىم بەلگىلەپ ئىزچىل ئىدارە قىلىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. قاراقاش بۇ چاغدا خانلىق تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئالايلۇق: شۇ دەۋر تارىخچىسى شاھ
مەھمۇد جوراسنىڭ «تارىخى رەشىدىي-زەيلى»، موللا مىرسالىھ  قەشقەرىينىڭ «قەشقەر تارىخى (چىڭگىزنامە)» ئەسەرلىرىدە ئابدۇرەشىتخان ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە خوتەنگە ئاۋۋال سوپى سۇلتان، كېيىن قۇرەيش سۇلتان خانلىققا ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى خانلىرىدىن سۇلتان ئەھمەدخان ۋە ئابدۇللا خانلار دەۋرىدە قاراقاشقا ئاۋۋال مىرزا شاھ مەنسۇر بەگ ھاكىم بولۇپ، كېيىن مىرزا شاھ مەنسۇر بەگ يەركەننىڭ ئاتالىق ھاكىملىقىغا تەيىنلىنىپ، قاراقاشنىڭ ھاكىملىقىغا ئەرەببەگ تەيىنلەنگەنلىكى، ئابدۇللاخان دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە قاراقاشقا ئىسمائىل بەگ ھاكىم ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئومۇمەن ئېيتقاندا سەئىدىيە خانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن 170 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە قاراقاش خانلىقنىڭ مەركىزىي رايونلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىدارە قىلىنغان. ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلغان. ئاھالە كۆپىيىپ ۋە تېرىلغۇ يەرلەر كېڭەيتىلىپ، كۆپلىگەن كەنت-مەھەللىلەر يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان. خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ بىر قانچە جايدا چوڭ مەدرىسەلەر قۇرۇلغان.
مىلادى 1680- يىللىرى سەئىدىيە خانلىقى مۇناپىق ئاپاق خوجىنىڭ سۇيىقەست پىلانلىشى بىلەن جۇڭغارلار ھاكىمىيىتىگە مۇنقەرز قىلىپ بېرىلگەندىن كېيىن، قاراقاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خوتەن رايونى جۇڭغارلار تەرىپىدىن قورچاق خان قىلىپ تىكلەنگەن دانىيال خوجىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولىدۇ. جۇڭغارلار دەۋرىدە ئالۋان- ياساق، زۇلۇم- سىتەم ھەددىدىن ئېشىپ، قەشقەرىيە رايونىنىڭ ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ.
1755- يىلى 2- ئايدا چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى سەددىچىندىن چىقىپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ، جۇڭغارلارنى تىنچىتىپ شىمالىي شىنجاڭنى، 1759- يىلى چوڭ- كىچىك خوجىلارنى مەغلۇپ قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىن تەۋەلىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، باشقا جايلار قاتارى خوتەندىكى ئىلچى، قاراقاش، يۇرۇڭقاش، كېرىيە، چىرا، تاغ قاتارلىق ئالتە شەھەردە يامۇل تەسىس قىلىپ ئەمەلدار تۇرغۇزىدۇ. خوتەندە خان ئامبال ۋە يانداش ئامبال تەسىس قىلىپ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، يەكەن مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ بىر تۇتاش تەۋەلىكىدە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويىدۇ. قاراقاشتا يامۇل تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن شەھەر سېپىلى مۇستەھكەملىنىپ، يامۇلنىڭ تەرتىپ- قائىدىلىرى كۈچەيتىلىدۇ. شۇ چاغدىكى يامۇلنىڭ ئورنى ھازىرقى كونا شەھەر ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدە - چۇقۇر كوچىنىڭ غەربىدىكى ئېگىزلىكتە («سېپىل ياقىسى» دېگەن يەردە) بولۇپ، ماتېرىياللاردا «قاراقاش شەھەر سېپىلىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقى 2.9 چاقىرىم، شەرق، شىمال ۋە غەرب تەرەپلىرىدە ئۈچ دەرۋازىسى بار» دەپ خاتىرىلەنگەن («خوتەننىڭ قىسقىچە تارىخى» 1- قىسىم 72- بەت، 2005- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى).
چىڭ ئارمىيىسى جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتۇرىۋېلىشتا بىر قىسىم يەرلىك بەگلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ تېز غەلىبە قىلغاچقا، خىزمەت كۆرسەتكەن بەگلەر چىڭ ئوردىسىغا مەلۇم قىلىنىپ تۆھپە يېزىلغان ۋە ئۇلارغا يەنە يېڭىدىن ئۇنۋان- ئاتاقلار ئىنئام قىلىنىپ، بەگلىك مەنسىپى ساقلاپ قېلىنغان ئىدى.
1761- يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى بەگلىك تۈزۈمىنى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇپ ھەر دەرىجىلىك بەگلەرگە رەسمىي دەرىجە بېكىتىدۇ. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ، ھاكىمبەگ تەيىنلەيدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىلىك رايونغا ئايرىلغان باي، كورلا، بۈگۈر، پەيزاۋات، كەلپىن، ئاتۇش، قاغىلىق، كېرىيە، يۇرۇڭقاش، چىرا...قاتارلىق رايونلار
قاتارىدا قاراقاشقىمۇ ھاكىمبەگ قويۇلىدۇ. مۇشۇ قېتىم چىڭ ئوردىسىغا يوللانغان مەلۇماتتا قاراقاشنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدا 4272 تۈتۈن (ئائىلە)، 12 مىڭ 976 ئادەم بارلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.
چىڭ ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يەرلىككە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىدۇ. ئالۋان- سېلىقلىرىنىڭ سالمىقىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇپ يەرلىك بەگلەرنىڭ زۇلمىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىنىپىي ۋە مىللىي زىددىيەت بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ. بۇ خىل زىددىيەت ئاخىرى بېرىپ يەنە يەرلىك خەلقنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغىلىشىغا، قوراللىق قوزغىلاڭلارنىڭ كەينى- كەينىدىن كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
خوتەننىڭ تاغ- دەريالىرىدىن سۈپەتلىك قاشتېشى، ئالتۇن چىققاچقا بۇلار چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزىنى قىزارتىدۇ. نەتىجىدە يەرلىك خەلققە قويۇلىدىغان قاشتېشى، ئالتۇن سېلىقىنى ھەددىدىن زىيادە ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. ھەتتا ئاشلىق سېلىقلىرىغىمۇ قاشتېشى، ئالتۇن ھېسابلاپ ئالىدۇ. بۇ خىل يولسىز ئالۋان- سېلىقلاردىن جاق تويغان قاراقاش خەلقى 1784- يىلى باشاقچى كەنتلىك مۇھىددىن ھەزرەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە قاشتېشى، ئالتۇن ئالۋىنىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار دەسلەپتە قاراقاشنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردىكى مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، غەلىبە خۇشاللىقىدا خوتەنگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ كېيىن باستۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ گەرچە خەلقنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئالۋان-سېلىققا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مانجۇ ھۆكۈمرانلىرى ئالۋان-سېلىقنى يېنىكلەتمەيدۇ. 1794- يىلىغا كەلگەندە قاراقاش خەلقى قاياش كەنتلىك مەمەتشاھ بەگنىڭ باشچىلىقىدا يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئەمما بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭمۇ بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرىۋېتىلىدۇ.
1826- يىلى قەشقەردە چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك خەلق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلۈپ تېزلىكتە ئەتراپتىكى يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغىچە كېڭىيىدۇ. بۇ چاغدا قاراقاش خەلقىمۇ ئاۋاز قوشۇپ، زۇلۇمغا قارشى تۇرىدۇ. 1830- يىللىرىغىچە داۋاملاشقان بۇ قوزغىلاڭ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا جايلاردىن لەشكەر يۆتكەپ كېلىشى بىلەن باستۇرۇلىدۇ. قوزغىلاڭ تىنچىتىلغان بىلەن يەنىلا يەرلىك خەلقنىڭ بېشىدىكى زۇلۇم قامچىسى، ئالۋان-ياساق يۈكى يوقالمايدۇ.
1864- يىلىغا كەلگەندە خوتەننىڭ مۇفتىسى ھەبىبۇللا مۇفتىھاجىنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان خان خوتەندىكى مانجۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار قاراقاشنىڭ قاراساي كەنتىدىن قوزغىلىپ چىقىپ، زاۋادىكى ھەربىي راباتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن قاراقاشقا باستۇرۇپ كىرىدۇ ۋە قاراقاشنىمۇ ئىگىلەپ، خوتەنگە يۈرۈش قىلىپ چىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ خوتەندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىدۇ ۋە ئابدۇراخمانخاننىڭ ئاتىسى ھەبىبۇللا مۇفتىھاجىنى خوتەننىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئولتۇرغۇزىدۇ. 1866- يىلنىڭ ئاخىرىدا ياقۇپبەگ قەشقەردىكى بۈزرۈكخان تۆرىنىڭ نامىدا ھەبىبۇللا خانغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خوتەندىكى ئىماملارنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلىشقا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە مۇشۇ باھانىدا خوتەندىن زاۋاغا ئۆزىنى قارشى ئېلىشقا چىققان ھەبىبۇللاخاننى ئالداپ، تۇتۇپ باغلاپ خوتەننى ئىگەللىۋالىدۇ. 1875- يىلى 5- ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى زوزۇڭتاڭنى خان مۇپەتتىشى قىلىپ، ليۇ جىنتاڭ قوماندانلىقىدا 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىدۇ. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يۈرۈشى 1878- يىلىغىچە داۋام قىلىپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى تولۇق قولغا كىرگۈزىدۇ. 1878- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى ليۇجىنتاڭنىڭ
قول ئاستىدىكى قوماندانى دۇڭ فۇشىياڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق بىرلەشمە جەڭ ئارقىلىق خوتەننى ئىگىلەيدۇ. 1882- يىلى ليۇ جىنتاڭ ئوردىنىڭ يارلىقىغا بىنائەن «جەنۇبىي يولدا ۋىلايەت، ناھىيە تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى مەلۇمات»نى جاكارلىغاندىن كېيىن، خوتەن بىۋاسىتە ئايمىقى تەسىس قىلىنىدۇ ھەمدە خوتەن بىۋاسىتە  ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا قاراقاشتا كېرىيە ناھىيە مەھكىمىسى قۇرۇلىدۇ. خوتەن بىۋاسىتە ئايمىقى قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن چىڭ ئوردىسى بۇ يۇرتلارنىڭ «ئۇزۇنغىچە تىنچ-ئامان بولۇشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1884- يىلى «شىنجاڭ» دېگەن نامنى رەسمىي بېكىتىپ ئۆلكە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ھەر قايسى جايلاردا ئەسلىدىكى ھەربىي مەھكىمە تۈزۈمى بىلەن بەگلىك تۈزۈمى بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ۋىلايەت، ناھىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. 1884- يىلىغا كەلگەندە قاراقاش شەھىرى خوتەن بىۋاسىتە ئايمىقىغا يېقىن بولغاچقا، خوتەننىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رايونلارنى باشقۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، كېرىيە ناھىيە مەھكىمىسى قاراقاشتىن كېرىيە شەھىرىگە يۆتكىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ناھىيىدىن تۆۋەن ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا مىڭلىك تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىۋاتقان بولۇپ، قاراقاش تەۋەسىدىكى قاياش، كىمخاب، ماكۇيا، كۇيا قاتارلىق تۆت مىڭلىك خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. ھەر بىر مىڭلىكتە بىردىن شاڭيو (مىڭبەگ)، بىردىن مىراببەگ، ھەر قايسى كەنتلەردە شاڭيوغا ياردەملىشىپ ئىش بېجىرىدىغان يۈز بېشى قويۇلغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قاراقاشتا ئاھالە، نوپۇسنىڭ بىرقەدەر كۆپلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بەھرامسۈيى، قاراساي مىڭلىكلىرى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مىڭلىك سانى 11 گە يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 6 مىڭلىك قاراقاش تەۋەسىدە بولۇپ ئۇلار:
1. بەھرامسۈيى مىڭلىكى (شەھەرنىڭ 70 چاقىرىم غەربىگە جايلاشقان، تەۋەلىكىدە 9 كەنت بار ئىدى).
2. قاياش مىڭلىكى (شەھەرنىڭ 95 چاقىرىم غەربىدە بولۇپ، تەۋەلىكىدە 7 كەنت بار ئىدى).
3. ماكۇيا مىڭلىكى (شەھەرنىڭ 90 چاقىرىم غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، تەۋەلىكىدە 12 كەنت بار ئىدى).
4. كۇيا مىڭلىكى (شەھەرنىڭ 70 چاقىرىم غەربىدە بولۇپ، تەۋەلىكىدە 15 كەنت بار ئىدى).
5. كىمخاب مىڭلىكى (شەھەرنىڭ 115 چاقىرىم شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ. تەۋەلىكىدە 4 كەنت بار ئىدى).
6. قاراساي مىڭلىكى (شەھەرنىڭ 140 چاقىرىم شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، تەۋەلىكىدە 2 كەنت بار ئىدى).

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-3-29 16:11:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارقاش ناھىسىنى . تولىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز .خۇرسەن بولدۇم . ھەممىسى سىز ئىگىلگەن ماتىرلاركەندە ؟ تولىمۇ تەپسىلى ئىگىلەپسىز
ۋاقتى: 2015-12-6 18:56:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزلىپتۇ يۇرتىمىز نىڭ تارىخى  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش