| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ياشنار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-23 12:58
يۈرەك سۆيدۈم دەپ قىلمىسا جاكار ئېيىت جانان، قايسى مەخلۇق بېرۇر ئىدى ساڭا پىدالىق . دۇنيا سۆيگۈسى بولسا قەلىب سۆيگۈسگە خاقان ، ئەقىدىگە يار تۇرارمۇ دىل سۇنساڭ جۇدالىق. ئۇنتۇش شۇنچىلىك ئاسان بولسىيدى ، بۇ دىللاردا ھىچبىر ئارمان قالمىغان بولاتتى .......... سۆيگۈ ئۈچۈن زار-زار يىغلاپ ئاھ ئۇرغۇچە دەرت يۈتۈپ شەپقەت تىلەپ ياراتقاندىن ئۆتەي مەڭگۈ يۈكۈنۈپ ....
بىلمەيسەن كۈتكەن تەشنا دەملىرىمدە بىدارسەن زىنھار ، مەۋجۇتلۇقۇم ئارا قانلىق قارا كېشەن بولۇپ. نە بولدى يار قىلسام نىيەت بولماسقا دىدار ، يوللۇرۇمدا يۈرىيسەن يەنە ھەر يانە ئۇچۇپ.
رامدۇر دىلىم ئەمما جىسمىم يەنە ياپ يالغۇز ، سەن تاشلىغان ھىجران چۆلىدە قاغجىراپ ۋەيران. ئاڭلىدى قەلبىم ئاھىنى پەلەك ھەتتا ئاي يۇلتۇز ، يەنىلا يوقتۇر سەندىن سادا قىلما دەپ غەليان .
مەھكۇم سۆيگۈم قەبرىدە ئۆتتۈم نەچچە يىل ، پۇچىلاپ ئوتلۇق باغرىمنى سۈكۈتۈم ئارا . بولغاچ ساڭا سىغمىدى ئىخلاسمەن چىن دىل ، دىلگە ئۆزگە چەكسەڭمۇ پۈتمەسكە يارا .
سۆيدۈم سېنى ئۆكۈنمەيمەن ئۆكسۈمەيدۇ دىل ، نە قىلساڭمۇ ساڭا رىشتىم باغلانغان چۇڭقۇر . خۇشال بولساڭ قىينا مەيلى ئەمما جانان بىل ، ئاخرلاشماس ھىجران كۈيى ھىچقاچان يوقتۇر ......
**********************************************
2013-يىل24-فېۋرال
+++++++++++++++++++++++++++++++++
گەر بولمىسا ئەخلاق زىننەت پەزىلەت ھەمراھ ، كۆيمەس ئىدى ساڭا يۈرەك بولساڭمۇ تەنھا .......
مەنبەسى :http://www.dolanlik.com مەن ياقتۇرۇپ يوللاپ قويدۇم. |
|