بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-16 03:43
ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە ئەھىميەت بېرىشكە تىگشلىك نۇقتىلار
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
1.ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە ئىلىمىي باشقۇرۇش ۋە ئەستايدىل بولۇشقا ئەھىميەت بېرىش كېرەك. بىر قسىم ئوقۇتقۇچىلاردا ئېنتىزامچان،ئەخلاقلىق ۋە ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ياقتۇرۇپ،دەرىستە ئارقىدا قالغان ۋە ئەخلاقتا ئارقىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىبلەپ كەمستىدىغان،كۆزگە ئىلمايدىغان،ھەدېسە تىللايدىغان،ئىلھام،رىغبەتلەندۇرۇشكە سەل قارايدىغان بىر خىل خاھىش مەۋجۇت . بۇنداق بولغاندا، ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ،ئاتا-ئانسىنىڭ ئەيىبلىشى،مەسىخىرە قىلىشغا ئۇچراپ،ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان،يار-يۆلەك بولىدىغانلارنىڭ يوقلۇقنى ھېس قىلىپ،چۈشكۈنلىشىپ،مەكتەپتىن قېچىشقا ئوخشاش قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، خاتا يولغا مېڭشىقا باشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن،ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى توغرا ئىگىللەپ،ئۇلارغا ئۆگىنىش،تۇرمۇش،ئىدىيىدە ئەتراپلىق يېتەكچلىك ۋە غەمغۇرلۇق قىلىپ،ئۆگىنىشكە قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىشى،ئىمكانيەتنىڭ بارچە شەرت-شارائىت ھازىرلاپ،ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كېرەك. 2. ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچلىقنى بايقاشقا ماھىر بولۇش،رىغبەتلەندۇرۇش ۋە ئىلھام بېرىشكە سەل قارىماسلىق، خاتالىقنى ئەمەليەت ئارقىلىق تونۇتۇپ،خاتا يولغا مېڭشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھىميەت بېرىش كېرەك. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئارتۇقچلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى بولىدۇ. ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىشكە ئەھىميەت بېرىپ،ئارتۇقچلىقنى بايقاشقا ماھىر بولۇش ، شۇ ئاساستا ئارتۇقچلىقنى داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈرۈش،جارى قىلىدۇرۇشقا سورۇن ھازىرلاپ بېرىش،رىغبەتلەندۇرۇش،ئەخلاقىي تەرەپلەردە ساقالانغان مەسىللەرنى تۈزۈتۈشكە ئەمليەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش،تونۇتۇش ۋە خاتا يولغا مېڭشنىڭ ئالدىنى ئېلشقا ئەھىميەت كېرەك. 3. ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ئشىنىش تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى تېكلە شىگە ئەھىميەت بېرىش كېرەك. ئۆزىگە ئىشنىش_شەخس،جەميئەت ۋە كوللىكتىپنىڭ ھۆرمىتگە سازاۋەر بولىدىغان بىر خىل ھېسياتنىڭ ئىپادىسى.ئشەنچ-مۇۋاپپەقيەتنىڭ مۇھىم ھالقسى.ئشەنچ بولمغان ئىنساندا ئىلىگىرلەش بولمايدۇ. ئۆزىگە ئشنىش_ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز كوللىكىتپىدا شۆھرەت قازىنىشغا تۈرتكە بولىدۇ. لېكىن ئارقىدا قالغان ئوقۇقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قسىمىدا كوللېكىتپچىللىق تۇيغۇ يېتەرلىك ئەمەس،شەخسيەتچلىك ئىدىيسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ،تەربيلەشتە ئېنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. شۇڭا،ئوقۇتقۇچىلار بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلش بىلەن بىرلا ۋاقتتا،ئۇلارنى كوللېكىتىپ پائاليەتلەرگە ئىمكانيەتنىڭ بېرىچە كۆپرەك قاتناشتۇرۇش،ئويۇشتۇرۇش، سورۇن ھازىرلاپ بېرىش،ئۇلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچلىقىنى جارى قىلىدۇرۇشغا پۇرسەت يارتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئشىنىش تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى تېكلەشگە ياردەم بېرىش كېرەك. 4. ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلشتە ئەمليەتنى چىقىش قىلشقا ئالاھىدە ئەھىميەت بېرىش كېرەك. ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا نسبەتەن ‹‹كېسەلگە توغرا دىئاگۇز قويۇپ،مەنپەت بېرىدىغان دورا بېرىش ئارقىلىق كېسەلگە شىپا قىلىدۇرۇش›› ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ھەققەتنى ئەمليەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا تەھىلل قىلىپ،ھادسىدىن تۈگۈننى تېپىپ،شۇنىڭغا ئاساسەن يېتەكچلىك قىلىش كېرەك.ئەمليەتنى چىقىش قىلماي ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگەندە ئارقدىا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە ياخشى نەتىجگە ئېرشىكلى بولمايدۇ.ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىگەندە پۇزتىسيدە چىن ۋە تەبىئى بولۇشى،ئۇلارنىڭ يېشى،جېنسى خاراكتىرىدىكى پەرقلەرگە ئاساسەن پەرقىلىق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.ئوخشاش بولمغان خاراكېتر ۋە پۇزتىسيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم يېتەكچلىك قىلىپ،ياخشى خاراكلتر،پەزىلەتلەرنى يېتلدۇرۇشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. |