
ھايۋان مۇئەللىم:پۇتۇڭغا نېمە كىيىۋالدىڭ؟ ئوقۇغۇچى:خۇرۇم ئاياق. مۇئەللىم:قېنى،دەپباقە،خۇرۇم نەدىن كەلگەن؟ ئوقۇغۇچى:........ مۇئەللىم:سېنى خۇرۇم ئاياق بىلەن تەمىنلىگەن زادى قايسى ھايۋان دەۋاتىمەن؟ ئوقۇغۇچى:دادام. باشقىلارنىڭ... ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى:ئەگەر ئىشتىنىڭنىڭ بىر يانچۇقىدىن100يۈەننى،يەنە بىر يانچۇقىدىن200يۈەننى تېپىۋالساڭ،ئۇ ھالدا جەمئىي قانچە يۈەن تېپىۋالغان بولىسەن؟ ئوقۇغۇچى:باشقىلارنىڭ ئىشتىنىنى كىيىۋالغان ئوخشايمەن،مۇئەللىم. كۆزەينەكلىك يىلان دادىسى:ئەگەر كۆزەينەكلىك يىلانغا ئۇچراپ قالساڭ قانداق قىلىسەن؟ ئوغلى:تاش بىلەن كۆزەينىكىنى چېقىۋېتىپ قېچىپ كېتىمەن. مۇھەببەت خېتى -سۆيۈملۈكۈم،مەن سىزنى سۆيىمەن،سىز بىلەن توي قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.ئەگەر قوشۇلسىڭىز جاۋاب قايتۇرۇڭ،قوشۇلمىسىڭىز بۇ خەتنى دوستىڭىز مارىيەگە بېرىپ قويۇڭ. ئۇنتۇغاق بىمار:ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم بەكلا ئاجىزلاپ كېتىپ بارىدۇ. دوختۇر:قايسى دەرىجىدە؟ بىمار:قاراڭ دوختۇر،ئاشخانىغا تاماق يېگىلى كىرگەندە پۇل تۆلەشنى،ئاپتوبوسقا چىققاندا بېلەت ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم. دوختۇر:كېسىلىڭىزگە دىئاگنوز قويۇشتىن ئاۋۋال داۋالاش ھەققىنى تۆلىۋېتىڭ. چۈشەنمەيدۇ ئىككى ئاغىنە مەيخانىدا ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ،بىرى يەنە بىرىگە دەپتۇ: -ئايالىم مېنى پەقەت چۈشەنمەيدۇ،سېنىڭ ئايالىڭچۇ؟ -بىلمەيدىكەنمەن،ئايالىم ئەزەلدىن سېنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان. سالام خەت روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىكى بىر بىمار سالام خەت يېزىۋاتقانىكەن،سېستىرا ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: -كىمگە خەت يېزىۋاتىسەن؟ -ئۆزۈمگە. -نېمىلەرنى يازدىڭ؟ -خەتنى تېخى تاپشۇرۋالمىغان تۇرسام،نېمىلەرنىڭ يېزىلغىنىنى مەن نەدىن بىلەي. ئاز سۆزلەش جون:ئايالىڭىزقانداق چاغدا ئاز سۆزلەيدۇ؟ ھېنرى:2-ئايدا. جون:نېمىشقا؟ ھېنرى:2-ئاي28كۈن ئەمەسمۇ؟ |