xxxx مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى xxxx نىڭ 2012-2013 ئوقۇش يىلى 1- ماۋسۇملۇق سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت پىلانى ئاساسى ئەھۋال: 1-يىللىق 1-سىنىپتا 35 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 23نەپىرى قىز ، 12نەپىرى ئوغۇل ،بۇلارنىڭ ھەممىسى پىئونېر،بۇلار 2كەنت 11 مەھەللىۋى زۇدىن كىلىپ ئوقۇيدۇ. مەن بۇ ئوقۇش ماۋسۇمى سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى تۆۋەندىكىدەك ياخشى ئىشلەيمەن . يىتەكچى ئىددىيە ۋە نىشان: پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ ساپا مائارىپىنى ھەقىقى تۈردە يولغا قويۇپ، مائارىپ كومېتىتى تارقاتقان ئوقۇتۇش خىزمتىىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى توغىرسىدىكى ھۆججەتلەرنى يىتەكچى قىلىپ، سىنىپ باشقۇرۇشنى نىشانلىق باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېرىشىش شۇنداقلا سىنىپمىزدا كەسپى جەھەتتىن لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى بەرپا قىلىپ جەمىيەت ئۈچۈن بىر تۈركۈم ياراملىق ئەۋلاتلارنى تەربىيلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.. 1.ئوقۇغۇچىلارغا سىياسى ئىددىيۋى تەربىينى كۈچەيتىپ، ھەر بىر كىىشىدە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەۋرەنمەس مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ تۇرغۇزۇپ، ساپا مائارىپىنىڭ ھەقىقى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپتىن يىتەكلەشنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە بىر تۈركۈم ئىقىتىساسلىقلارنى يىتەكلەشكە ئاساس سالىمەن. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساپاسى، بەدەن ساپاسى، ئەقلى ساپاسىنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىپ، ئەلالار نىسبىتىنىڭ يىلمۇ-يىل كۆپىيشى ۋە ھەرقايسى پەنلەرنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىنى ئىشقا ئاشۇرمەن 2 .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئارا رىقابەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى نامايەن قىلىشقا ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئاساس سالىدىم . ئوقۇتۇش خىزمتىىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئوقۇتۇش نىشانىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرگە بولغان باشقۇرۇش كۈچەيتىمەن. 3.ئوقۇتۇشقا بولغان يىتەكچىلىكنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ماۋسۇم بېىشىدا ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى مۇھىم خىزمەتلەر تەتقىق قىلىنىپ ئوقۇتۇشنىڭ دائىمى تەرتىپلىرى ياخىشى ئورۇنلاشتۇرمەن . دەرىسلىك پىروگىراممىسى بويىچە پىلان تۈزۈلۈپ ھەرقايسى پەنلەر ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇرمەن . ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ لاھيىسى، باھالاش لاھىيسى قاراپ چىقىلىپ، ھەرقايسى ئاپپاراتلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئاشۇرىمەن. ئوقۇتۇش تەتقىقات گورۇپپىسى خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلنىپ، تۈزۈتۈش تەدبىرلىرى بەلگىلىنىپ، بۇ ماۋسۇملۇق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاساس يارتىمەن . ئوقۇغۇچىلار ئەخلاقى بارلىق ئوقۇتۇشقا يىتەكچى قىلنىپ، ئوقۇغۇچىلاغا ئۈلگە بولۇش، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش ئۇلارنى ئاسىراش، ئۆز مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلش ئىشقا ئاشۇرمەن . 4 .ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىللىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم .بولۇپمۇ كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش قۇراللىرىدىن پايدىلنىشقا كاپالەتلىك قىلدىم .باشقا پەنلەردىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىرىدىن تولۇق پايدىلنىمەن . 5.دەرىسخانائوقۇتىشىغا ئەھمىيەت بىرىمەن . دەرىسىخانا ئوقۇتۇشى مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسى .شۇڭا دەرىسخانا ئوقۇتۇشىغا بولغان يىتەكچىلىك كۈچەيتىمەن . 6.ھەرتۈرلۈك ئىشلەك ماتىرياللارنى تولۇق ،سۈپەتلىك ئىشلەيمەن كونسىپىكنى 15كۈن بۇرۇن تۈزۈش ،ھەپتە بۇرۇن تەستىق سالدۇرۇش دائىمى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئىشقا ئاشۇرىمەن . تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىش،تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىمەن . 7.پەن ئوقۇتىشىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىددىۋى سىياسى تەلىم-تەربىيە بىرىش شۇئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئىددىيسىنى تۇراقلاشتۇرۇپ دىننىڭ مائارىپقا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئوقۇتۇش مۇنبىرىنىڭ پاكلىقىنى قوغدايمەن. 8.بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا ئالدى بىلەن ئۆتكەن ئوقۇش ماۋسۇمىدىكى باشقۇرۇشتىكى ئەمىلي تەجىرىبىلەرگە ئاساسەن ئۆز-ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرمەن . 9.ھەرقايسى پەنلەر بويىچە كۇرژىك تەشكىللەپ،ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ بېكىتپ، ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرمەن . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرمەن . 10.سىنىپىمدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغابولغان غەمغورلۇقنى كۇچايتىپ ئۇلارنىڭ تۈرلۈك قىينچىلىقتىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ پائال ئالدىنى ئالىمەن.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ئتتىپاقلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىمەن بۇ ئوقۇش ماۋسۇمى پۈتۈن سىنىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائال ماسلىششى ئارقىسىدا بۇسىنىپ كوللىكىۋىنى مەكتەپ بويىچە ئىلغار سىنىپ كوللىكتىۋى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن زورتېرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. |