يېڭى ئېرا Access ۋە Excel قورالى
بۇ بىر يېشىل نۇسخىدىكى،شىفىر سېلىنغان Access ھۆججىتىنىڭ شىفىرىنى يېشىدىغان ھەم Access ۋە Excel نى ئۆز ئارا ئايلاندۇرىدىغان قورال بولۇپ،دېتالغا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىدەك؛
بۇ قورال Access ۋە Excel نىڭ 2003 نۇسخىسىدىكى ھۆججەتتە ھازىرلىغان ئىقتىدارلار: 1) شىفىر سېلىنغان Access ھۆجىتىنىڭ شىفىرىنى تېپىش. 2) Access تىكى تاللانغان جەدۋەلنى Excel دىكى يېڭى "Sheet" قا چىقىرىش. 3) Excel دىكى تاللانغان "Sheet" نى Access تىكى يېڭى جەدۋەلگە چىقىرىش.
ئەگەر سىز بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان ھۆججەتلەرنىڭ نەشىرى 2003 تىن يۇقىرى بولسا،ئۇ ھۆججەتلەرنى ئېچىپ "另存为" نى بېسىپ،چىققان ساقلاش كۆزنىكىدىن "保存类型" نى 2003 نۇسخىدىكى قىلىپ ساقلاپ،ساقلانغان ھۆججەتكە مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1) Access ھۆجىتىنىڭ شىفىرىنى تېپىش:سىز دېتالنىڭ Access ھۆجىتى رايونىدىكى "ئېچىش" كونۇپكىسى ئارقىلىق، شىفىر سېلىنغان Access ھۆجىتنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز "شىفىر" كونۇپكىسى يۇرۇيدۇ،سىز بۇ چاغدا،"شىفىر" كونۇپكىسىنى باسسىڭىز،ئاسىتدىكى رامكىدا،مەزكۈر ھۆججەتنىڭ نەشىرى ۋە شىفىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2) Access تىن Excel غا چىقىرىش: بۇ ئىككى باسقۇچ،بىرىنچى باسقۇچ:سىز دېتالنىڭ Access ھۆجىتى رايونىدىكى "ئېچىش" كونۇپكىسى ئارقىلىق، Access ھۆجىتنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز،ئاندىن "جەدۋەل" يازىدىغان رامكىغا ('جەدۋەل' دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى رامكا ) چىقارماقچى بولغان جەدۋالنىڭ ئىسىمىنى توغرا يېزىڭ. ئىككىنچى باسقۇچ:سىز دېتالنىڭ Excel ھۆجىتى رايونىدىكى "ئېچىش" كونۇپكىسى ئارقىلىق، Excel ھۆجىتنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز ،ئاندىن "Sheet" يازىدىغان رامكىغا ('Sheet' دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى رامكا )يېڭى Sheet نىڭ ئىسىمىنى (خالىغانچە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ) يېزىڭ. يۇقارقى ئىككى باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن "Access تىن Excel غا" كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
3) Excel دىن Access قا چىقىرىش: بۇ ئىككى باسقۇچ،بىرىنچى باسقۇچ:سىز دېتالنىڭ Access ھۆجىتى رايونىدىكى "ئېچىش" كونۇپكىسى ئارقىلىق، Access ھۆجىتنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز،ئاندىن "جەدۋەل" يازىدىغان رامكىغا ('جەدۋەل' دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى رامكا ) چىقارماقچى بولغان جەدۋالنىڭ ئىسىمى (ئەسلى ھۆججەتتە بولمىغان خالىغانچە ئىسىم) نى يېزىڭ. ئىككىنچى باسقۇچ:سىز دېتالنىڭ Excel ھۆجىتى رايونىدىكى "ئېچىش" كونۇپكىسى ئارقىلىق، Excel ھۆجىتنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز ،ئاندىن "Sheet" يازىدىغان رامكىغا ('Sheet' دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى رامكا )چىقارماقچى بولغان Sheet نىڭ ئىسىمى (Excel ھۆجىتى ئىچىدىكى سىز چىقارماقچى بولغان Sheet ئىسىمى) نى توغرايېزىڭ. يۇقارقى ئىككى باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن "Excel دىن Access قا" كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
دىققەت: 1) Access تىن Excel غا چىقارغاندا:جەدۋەل ئىسىمى چوقۇم Access ھۆجىتى ئىچىدە باربولغان(Access تىن Excel غا چىقارماقچى بولغان ) جەدۋەل ئىسىمى بولىشى كېرەك، Excel دىكى Sheet نىڭ ئىسىمى خالىغانچە (Excel ھۆجىتى ئىچىدە ئىشلىتىلمىگەن) ئىسىم بولسا بولىدۇ.
2) Excel دىن Access قا چىقارغاندا:Sheet ئىسىمى چوقۇم Excel ھۆجىتى ئىچىدە باربولغان(Excel دىن Access قا چىقارماقچى بولغان ) Sheet ئىسىمى بولىشى كېرەك،Access تىكى جەدۋەلنىڭ ئىسىمى خالىغانچە (Access ھۆجىتى ئىچىدە ئىشلىتىلمىگەن) ئىسىم بولسا بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى 2012-يىل 11-ئاي (ئۈرۈمچى) www.newera.cc
نەشىرى: Ver1.0 رەسمىي نۇسخىسى سىغىمى: 0.7MB چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ چۈشۈرۈش
(ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلىلەرنى بايقىسىڭىز بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!)
|