ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > تەييارلىق > باشلانغۇچ 2-ماۋسۇم > ماتىماتىكا > تولۇق مەزمۇنى

4-يىللىق 2-ماۋسۇم ماتېماتىكا ئۇيغۇرچە دەرس تەييارلىقى

ۋاقىت : 2014-05-03 19:10 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : م.قانات | كۆرۇلىشى : قېتىم
ماتېرىيال تىپى : دەرس تەييا ھوقۇق شەكلى : ھەمبەھىر ماتېرىيال تىلى : ئۇيغۇرچە ماتېرىيال سىغىمى : 1.8MB ھۆججەت تىپى : .doc ئىجرا مۇھىتى : Win2003,WinXP,Win2000,Win9X تەۋسىيە دەرىجە : ★★★★★ يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-05-03 ماتېرىيال باھاسى : چەكلىمىسىز چۈشۈرۈش چۈشۈرلۇش سانى :
ماتېرىيال ئېزاھاتى

سىز نۆۋەتتە كۆرىۋاتقان 4-يىللىق 2-ماۋسۇم ماتېماتىكا ئۇيغۇرچە دەرس تەييارلىقى بۇ دەرس تەييا بولسا .doc شەكلىدىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىيال بولۇپ، سىغىمى 1.8MB تور بېتىمىزگە قوشۇلغان (يېڭىلانغان) ۋاقتى بولسا 2014-05-03 -كۇنى بولۇپ، بۇ 4-يىللىق 2-ماۋسۇم ماتېماتىكا ئۇيغۇرچە دەرس تەييارلىقى نى يوللىغان م.قانات گە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز ھەمدە سىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز. بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىڭىز بولۇپ قالغۇسى !



4-يىللىق 2-ماۋسۇم ماتېماتىكا ئۇيغۇرچە دەرس تەييارلىقى

دەرس تېمىسى:              ئۈچۈنچى بۆلەك . ئەمەللەر قانۇنى ۋە ئاددى ھېساپلاش
ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى:             2 . كۆپەيتىش ئەمىلىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش ۋە گۇرۇپپىلاش قانۇنىنى
6- مەشق( 1~4)مىساللار
ئوقۇتۇتۈش نىشانى:
       بىلىم ۋە ئىقتىدار: كۆپەيتىش ئەمىلىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش ۋە گۇرۇپپىلاش قانۇنىنى  بىلدۈرۈش ھەمدە ئۇنى ئەمەلىي ھېساپلاشلاردا توغرا قوللۇنالايدىغان قىلىش
    جەريان ۋە ئۇسۇل: بايقاشقا، مەشققە يېتەكلەش ئارقىلىق كۆپەيتىش ئەمىلىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش ۋە گۇرۇپپىلاش قانۇنىنى قانۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش
ھىسسىيات، پوزىيسىيە ۋە قىممەت قارىشى: ماتىماتىكىدا ھېساپلاش يوللىرىنىڭ كۆپ خىل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش
دەرس سائىتى:            7- سائىتى
دەرس تىپى:         مەشق دەرس
مۇھىم نۇقتا:  : « كۆپەيتىش ئەمىلىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش ۋە گۇرۇپپىلاش قانۇنىنى »نى ئىگىلىتىش
قىيىن نۇقتا: « كۆپەيتىش ئەمىلىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش ۋە گۇرۇپپىلاش قانۇنىنى » نى ئەمەلىي ھېساپلاشلاردا توغرا قوللۇنۇش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۈزىتىش ، مەشققە يېتەكلەش، چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرى
ئوقۇتۇش ۋاستىسى:  كىتاپتىكى قىستۇرما رەسىم . دوسكا ، بور، دەرسلىك دېتالى
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: بىز كۆپەيتىش ئەمىلىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش ۋە گۇرۇپپىلاش قانۇنلىرىنى ئۆگىنىپ بولدۇق . بۇ سائەتلىك دەرسىمىزدە بىز ئەمىلىي مەشق ئارقىلىق ئۈگەنگەن بىلىملىرىمىزنى مۇستەھكەملەيلى.  
ئوقۇتۇش جەريانى:
1- مىسال: قېنى كىمنىڭ ئېغىزچە ھېساپلاش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقۇرى. بۇ مىساللارنىڭ نەتىنجىسىنى قايسى گۇرۇپپىدىن كىم ئەڭ توغرا ھەم تېز ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟
رەت بويىچە تېز جاۋاپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ مىساللار ئىشلەپ چىقىلىدۇ.
2.مىسال: كۆپەيتىشنىڭ ئەمەللەر قانۇنىغا ئاساسەن □نىڭ ئىچىگە سان تولدۇرۇڭ. قېنى كىم توغرا تولدۇرالايدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار بىردىن- بىردىن قول كۆتۈرۈپ □نىڭ ئىچىگە سان تولدۇرۇدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇىچىلارنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن ئېكراندا كۆرسۈتۈلگەن □نىڭ ئىچىگە سان تولدۇرۇدۇ.
3- مەسىلە: مەسىلە ئوقۇپ چىقىلىدۇ.
تەھلىلگە يېتەكلەش: بىز سۇ ئۈزگۈچىنىڭ ئىسمىنى سەردار دەپ تۇرايلى.
(1) سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ ئۇزۇنلىقى قانچىلىك قانچىلىك؟
(2) سەردار بىر قېتىم  بېرىپ كەلسە قانچە مېتىر ئۈزۈدۇ؟قانداق تېپىلىدۇ؟
(3) سەردار ھەر بىر نۆۋەت سۇ ئۈزگەندە قانچە قېتىم بېرىپ كېلىدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇنىڭ سۇ ئۈزگەن ئومۇمى يولى قانداق تېپىلىدۇ؟
( ئوقۇغۇچىلار يۇقۇرقى يېتەكلەش سۇئاللىرى ئاساسدا پىكىر يۈرگۈزۈپ ھېساپلاش ئىپادىسى تۈزۈپ چىقىدۇ.
[دوسكا خېتى]
50×2×7
قېنى سىلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار. قانداق ئۇسۇل قوللۇنۇش كېرەك؟ قانداق ھېساپلىسا ئاسان بولىدۇ؟ سىلەر ھېساپلاپ بېقىڭلار. ( ئوقۇغۇچىلار ھېساپلاشقا كىرىشىدۇ. )
50×2×7
=(50×2)×7   (كۆپەيتىشنىڭ گۇرۇپپىلاش قانۇنى قوللۇنۇلغان)
=100×7
=100(مېتىر)
جاۋابى: ئۇ ھەر بىر نۆۋەتتە 700 مېتىر ئۈزىدۇ.
4. مەسىلە: رەسىمنى كۈزۈتۈپ تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭلار.( ئوقۇغۇچىلار ئېكراندا كۆرسۈتۈلگەن رەسىمنى كۈزۈتۈپ چىقىدۇ.)
(1) بۇ ئوقۇتۇش بىناسى قانچە قەۋەت؟ھەربىر قەۋەتتە قانچە سىنىپ بار؟
(2) ھەربىر سىنىپقا قانچە يۈرۈش پارتا – ئورۇندۇق سەپلەنگەن؟
(3) مەكتەپ جەمئى قانچە يۈرۈش پارتا ئورۇندۇق سېتىۋېلىش كېرەك؟
مۇنداق ئويلايلى. بىر قەۋەتتە 7 سىنىپ بولسا 4 قەۋەتتەجەمئى  قانچە سىنىپ بار؟ قانداق ھېساپلايمىز؟
( ئوقۇغۇچىلار ئىپادىسنى ئېيتىپ بېرىدۇ. )
بىر سىنىپقا 25 يۈرۈش پارتا – ئورۇندۇق سەپلەنسە 28 سىنىپقا جەمئى قانچە يۈرۈش پارتا ئورۇندۇق سېتىۋېلىش كېرەك؟ قانداق ھېساپلايمىز؟ قېنى ئومۇملاشتۇرۇلغان ھېساپلاش ئىپادىسىنى تۈزۈپ بېقىڭلار.
( ئوقۇتقۇچى ھېساپلاش ئىپادىسىنى دوسكىغا يازىدۇ.)
7×4×25
 بۇ مىسالنى ھېساپلاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى بارمۇ؟ كىم دەپ باقىدۇ؟( ئوقۇغۇچىلار سۆزلەپ باقىدۇ، ئوقۇتقۇچى دوسكىغا يازىدۇ.)
=7×(4×25)
=7×100
=700(يۈرۈش)
دەرستىن كېيىنكى كىچىك خۇلاسە:  
بۇ سائەتتە سىلەر نىمىلەرنى ئۈگىنىۋالدىڭلار. قانداق قانۇنىيەتنى  ھىس قىلدىڭلار؟ مىساللارنى قانداق ئۇسۇلدا ھېساپلىسا ئاسان بولىدىكەن؟   ( ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى خۇلاسىلاپ چىقىدۇ.)

-----------------------------------------------------
ئەسكەرتىش:مەزكۇر دەرس تەييارلىقى ئۇ ئىزدەۋاتىدۇ (http://www.tazhao.co) دىن ئېزدەپ چىيەنناۋ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۋىلىنغان (چىيەنناۋدىكى ماتىرىياللار ئەركىن ھەمبەھىر ۋە ئىشلىتىشكە ئىچىۋىتىلگەن ماتىرىياللاردۇر، ئەگەر چىيەنناۋغا يوللانغان ماتىرىياللارنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇق دائىرىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز چىيەنناۋ تودىكى مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتنى كۆرۇڭ.) ، ئەسلى دەرس تەييارلىغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ساقلاپ قىلىندى. پىقىر رەتلەش ئىلىپ بارغانلىقتىن رەتلىگۇچى دەپ ئۆزۇمنىڭ نامىنى قىتىپ قويدۇم. شۇڭلاشقا بۇ يەردە ماتىرىيالنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، رۇخسەتسىز ئىشلىتىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، پىقىرغا ئارتۇقچە گۇناھ ئارتىشمىغايلا.

----------------------------------------------------------------------------

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ئېسىلكەن
(6)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
چۈشۈرۇش ئادرىسى
    چۈشۈرۈش ئادرىسىغا كىرىڭ
بېكەت ئەسكەرتمىسى

تور بىتىمىزدىكى دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللار بىردەك WinRAR دا قىسىلغان،شۇڭلاشقا سىزنىڭ چۇشۇرگەندىن كىيىن WinRAR نىڭ يۇقىرى نۇسخىسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى سورايمىز.

ئەگەر  دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللار نورمال چۇشمىسە خاتالىق مەلۇم قىلغايسىز.
ئەگەر تور بىتىمىزدىكى دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللار چۇشمىسە،ئىھتىمال تور بىتىمىزنىڭ شۇ كۇنلۇك ئەڭ چوڭ چۇشۇرۇش چىكى توشقان بولىشى مۇمكىن،شۇڭا سەل ساقلاپ يەنە سىناپ بىقىڭ.
تور بىتىمىزدىكى دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللارنى باشقا توربەتلەردە تارقىتىش قارشى ئېلىنمايدۇ،ھەممەيلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى مەزمۇن قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى.
تور بىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللار كەڭ تورداشلارنىڭ تەمىنلىشى ۋە توردىن يىغىلغان،ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز تىزدىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!

 

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
م.قانات تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-13 16:12 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-05-03 19:05
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ