بالىلاردىكى تۇغما غەيرىلىكنى قانداق ۋاقىتتا ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك
بالىلاردىكى تۇغما غەيرىلىكنى قانداق ۋاقىتتا ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك
مۆمىن ھەبىبۇللا
كالپۇك يېرىقى(توشقان كالپۇك)، تاڭلاي يېرىقى، قوش بارماق ۋە ئارتۇق بارماقلار ئادەتتە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بالىلاردىكى تۇغما خاراكتېرلىك غەيرىيلىكتۇر. بىر قىسىم بالىلاردا كالپۇك يېرىقى يالغۇز كۆرۈلسە، بىر قىسىم بالىلاردا كالپۇك يېرىقى بىلەن تاڭلاي يېرىقى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بۇنداق غەلىتە، غەيرىي ئەھۋاللار بالىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئېمىشىگە، ياخشى ئوزۇقلىنىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە گەپ قىلغاندا ئاۋازى ياخشى چىقماي دىمىغىدا گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. كالپۇك يېرىقى بىلەن تاڭلاي يېرىقى قوشۇلۇپ كەلسە يۇقىرىدەك ئەھۋاللار تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا يۇقىرىدەك غەيرىيلىك كۆرۈلسە، شۇ زاماتلا دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالاشقا ئالدىراپ كېتىدۇ. بىراق يېڭى تۇغۇلغان ياكى ئېيىغا توشمىغان بوۋاق بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ يۇقىرىقىدەك غەيرىيلىكلەرنى تۈزەشكە قۇلايسىز بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى بوۋاق بالىلار پۈتۈن بەدەنلىك ناركۇز قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلىشنى كۆتۈرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا كالپۇك يېرىقى بولغان بالىلارنى ئېمىشتىن توختىغاندا يەنى بىر ياش ئەتراپىدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش، ئەڭ كېچىككەندە ئىككى-ئۈچ ياشتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا تۈزىتىش كېرەك. ئەگەر بۇنىڭدىن كىچىكىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندا، ئوپېراتسىيە قىلىپ تىككەن ئورۇنلاردىكى يىپ ئىزلىرى يوقاپ كەتمەي كالپۇكنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە تەسىر يېتىدۇ.
تاڭلاي يېرىقى بالىلارنى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ تۈزىتىپ، بالىلارنىڭ گەپ-سۆزلەرنى تولۇق قىلىپ ئۆگىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
قوش بارماق كۆپىنچە باش بارماقنىڭ ئىككى تەرىپىدە ياكى چىمچىلاق بارماقنىڭ سىرتقى تەرەپلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. قوش بارماق بەزىدە بىر بوغۇملۇق ياكى بىر نەچچە بوغۇملۇق بولۇپ ئاساسىي بارماق بىلەن ئوخشاش ئۆسىدۇ. بۇ خىل غەيرىيلىك شۇ بالىلارنىڭ قولىنىڭ سرتقى كۆرۈنۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە قول بارماقلىرىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق غەلىتە بارماقلارنى مۇۋاپىق پەيتتە ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئالدۇرۇۋېتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ قول بارماقلىرىنىڭ ساغلام، كۆركەم ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئارتۇق بارماقلارنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئېلىۋېتىشتىن بۇرۇن شۇ قولنى رېنتىگېندە رەسىمگە ئېلىپ تەكشۈرتۈپ كۆرۈشى، ياخشى بولغان ئاساسلىق بارماقنى ساقلاپ قېلىپ ئارتۇقىنى ئالدۇرۇۋېتىشى لازىم. بۇنداق ئارتۇق بارماقلارنى بالىلار بەش ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۇۋەتسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
كالپۇك يېرىقى، تاڭلاي يېرىقى، قوش بارماق ۋە ئارتۇق بارماقلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ كۆزىتىشىمىزچە، ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ ھامىلە ئىككى-ئۈچ ئايلىق بولغاندا زۇكام بولۇش ياكى باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن دورا يېيىش ياكى ئوكۇل سالدۇرۇشتىن كۆرۈلۈدىغان يامان رېئاكسىيەلەرنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى كۆپرەك بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ ئىككى-ئۈچ ئاي ئەتراپىدا قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلماسلىق ياكى ئوكۇل سالدۇرماسلىقى لازىم.
چەت ئەل ۋە دۆلىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، كالپۇك يېرىقى، تاڭلاي يېرىقى، قوش بارماق ۋە ئارتۇق بارماقلار ئۇرۇقداش يەنى يېقىن تۇققانلار، نەۋرىلەر ئۆز-ئارا توي قىلغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىدە كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن. ئوغۇل بالىلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى قىز بالىلارغا قارىغاندا كۆپرەك بولۇپ، 2:1 نىسبەتتە بولىدىكەن. ئوڭ تەرەپكە قارىغاندا سول تەرەپتە كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن.
ئاپتور: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا كۆيۈك شەكىل تۈزەش بۆلۈمى
‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىدىن››
(تەھرىر : admin)
«بالىلاردىكى تۇغما غەيرىلىكنى قانداق ۋاقىتتا ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلار نېمشىقا كۆكتاتنى كۆپرەك يىېيشى كېرەك؟
- مېۋە چېۋە كۆكتاتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ
- بالىلارغا زىيانلىق ئون قىلىق.
- بوۋاقىنى قانداق ئاپتاپسىندۇرۇش كېرەك.
- بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ؟
- بالىلار قانداق مىشىقىرىش كېرەك؟
- يەتتە ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىېمەك
- يوغان سورتلۇق ھالۋابىدىت يۆتەلگە داۋا.
- بالىلار نېمىشىقا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلە
- بالىلارنىڭ قىسمەن تاماقلارنى يېگۈسى كە
- بالىلارنى كۆكتات يىېيشىكە قانداق كۆندۈ
- بالىلار نېمىشىقا مېۋىلەرنى ئارتۇق ئىست
- 18 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ تەن قۇرۇلما جەھەتت
- 18 ئايلىق بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقىتىدارى
- نېمە ئۈچۈن بالىلارغا ئۆزى تاماق يىېيشىن
- بالىلارنىڭ تاماق قاچىسىنى قانداق تالىل
- بەك پاكىز بولۇپ كەتسە ، بالا ئوڭاي كېسەل
- مېۋە چېۋە كۆكتاتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟
- بالىلارغا زىيانلىق ئون قىلىق.
- بوۋاقىنى قانداق ئاپتاپسىندۇرۇش كېرەك.
- بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ؟
- بالىلار قانداق مىشىقىرىش كېرەك؟
- يەتتە ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىېمەكىلىك ق
- يوغان سورتلۇق ھالۋابىدىت يۆتەلگە داۋا.
- بالىلار نېمىشىقا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۆ
- بالىلارنىڭ قىسمەن تاماقلارنى يېگۈسى كەلمەسى
- بالىلارنى كۆكتات يىېيشىكە قانداق كۆندۈرۈش كې
- كىچىك بالىلار سۇ ئۈزگەندە نىمىلەرگە دىققەت ق
- ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىنى بىلىۋېلىڭ
- بالىلارنىڭ چىشىنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشنىڭ سەۋ
- قۇۋۋەت ئىچىملىكى بىخەتەرمۇ؟
- ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- بالىڭىزدا ‹‹چۈش سەيلىسى›› كېسەل
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا
- بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىستېمال ق
- 12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچ
- ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا
- بالىلارنى بارغانسېرى دۆت قىلىپ قويىدىغان يېم
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- بالىڭىزغا ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى تېلې
- 12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچ
- بالىلار نېمىشقا شورپا ياكى قايناق
- بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغر
- بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىستېمال ق
- بالىلارنىڭ شالۋىقى ئاقسا قانداق ق