ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت ساغلاملىقى > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ يېمەكلىكلىرىمۇ بالىلارنىڭ دۆت ياكى ئەقىللىق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ

ۋاقىت : 2013-07-10 01:13 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1

 
بالىلارنىڭ يېمەكلىكلىرىمۇ بالىلارنىڭ دۆت ياكى ئەقىللىق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلارنىڭ يېمەكلىكلىرىمۇ بالىلارنىڭ دۆت ياكى ئەقىللىق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلارغا يېمەكلىك تەييارلىغاندا، نۇرغۇن ئانىلار ئاساسلىقى يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تەمىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما بەزى يېمەكلەرنى بالىلارغا بەرمىگەن ياخشى، چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەر بالىلارنى بارغانچە «دۆت» قىلىۋېتىدۇ، ئانىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، ھېچقانداق خەتىرى يوقتەك كۆرۈنگەن يېمەكلىكنىڭ ھېچقانداق خەتىرى يوق بولىشى ناتايىن.

تۆۋەندىكى بەش خىل يېمەكتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ:

1. تەركىبىدە پېروكسد بولغان مايلىق يېمەكلىكلەر

تەركىبىدە پېروكسىد بولغان مايلىق يېمەكلىكلەر چوڭ مىڭىنىڭ بالدۇر قېرىشى ۋە دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ مىڭىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سۈر گۆش، ئىسلانغان بېلىق قاتارلىق 200 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى قىزىقلىقتىكى مايدا قورۇلغان ياكى ئۇزۇن مەزگىل ئىسلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە پېروكسىد ماددىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بۇنداق يېمەكلىك ئاز يىگۈزۈشى كېرەك.

2. تەركىبىدە قوغۇشۇن بولغان يېمەكلىكلەر

تىببىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قوغۇشۇن مېڭە ھۈجەيلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، مېڭىنى زەخىملەندۈرىدۇ. قوناق ئېتىلدۇرمىسى، ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم، پىۋا قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە قوغۇشۇن بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بۇنداق يېمەكلىك ئاز يىگۈزۈشى كېرەك.

3. تەركىبىدە ئاليۇمىن بولغان يېمەكلىكلەر

بالىلارغا دائىم تەركىبىدە ئاليۇمىن بولغان يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىنكاسىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ ھەتتا دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا پىلتە قۇيماق، قۇيماق قاتارلىق تەركىبىدە ئاليۇمىن بىر قەدەر كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يىگۈزۈشى كېرەك.

4. زىيادە تۇزلۇق يېمەكلىكلەر

زىيادە تۇزلۇق يېمەكلىكلەر يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئارتېرىيە قان-تومۇرلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ھەم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئاستا بولىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەم تىنىنىڭ تۇزغا بولغان ئېھتىياجى قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە يەتتە گرامدىن تۆۋەن، بالىلار كۈنىگە تۆت گرامدىن تۆۋەن بولىشى كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا تۇزلىغان سەي دېگەندەك تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز بېرىشى كېرەك.

5. تېتىتقۇسى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر

تىببىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ئەگەر ھامىلىدار مەزگىلىدە دائىم تېتىتقۇسى كۆپ يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ھامىلىنىڭ سىنك ماددىسىنىڭ كام بولىشى كېلىپ چىقىدۇ، بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلار تېتىتقۇسى كۆپ يېمەكلىكلەرنى يېگەندە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈنىگە ئىستېمال قىلىدىغان تېتىتقۇسى تۆت گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار ۋە بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلار تېتىتقۇ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. بالىلار چوڭ بولغاندىمۇ تەركىبىدە تېتىتقۇ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ