ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنى كىچىكىدىن مۇزىكا ئارقىلىق ھامى بىر ياشىلىق بالىلارغ يېڭى توغۇلغان بوۋاقل

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > پىسخىكا > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولۇشقا يېتەكلىشى لازىم

ۋاقىت : 2014-07-17 16:24 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولۇشقا  يېتەكلىشى لازىم

بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولۇشقا  يېتەكلىشى لازىم

 بالا  تەربىيەسى  بالىلارنىڭ  ساغلام  ئۆسۈپ  يېتىلىشىدە كەم  بولسا  بولمايدۇ. بالا  تەربىيىسىدە  ئاتا- ئانىلار، جۈملىدىن  ئوقۇتقۇچىلار  ئائىلە بىلەن مەكتەپ تەربيەسىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولۇشقا  يېتەكلىشى لازىم.
   راستچىل  ئادەم  ھەرقانداق چاغدا  مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ. بىزدە « يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام»،« يالغانچى  يالغان گەپ تاپالمىغاندا، راست سۆزلەپ سالىدۇ» دەيدىغان گەپلەر بار. دېمەك، يالغانچى  ئادەمنىڭ  مەيلى  ئائىلىدە ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن، ئىناۋىتى بولمايلا قالماي، بەلكى ھامان بىر كۈنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ. يالغانچىلىق ۋاقىتلىق ھادىسە، يالغانچى ئادەمنىڭ ھەقىقىي دوستىمۇ بولمايدۇ.  يالغانچى ئادەم ساختىپەز، ھىيلىگەر  ھەمدە باشقىلارنى ئالداپ ئارىدىن پايدا ئېلىشنى  مەقسەت قىلىدىغان بولغاچقا،  يالغانچىغا  ھەممە ئادەم ئۆچ.  خۇددى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى« يالغانچى بالا» دەك يالغاندىن « بۆرە كەلدى» دەپ  كىشىلەرنى ئالداپ كۆڭلىنى خوش قىلغان بىلەن،« بۆرە ھەقىقىي كەلگەن»دە بولسا ھېچكىم   يالغانچىغا  ئىشەنمەيدۇ، ياردەم  قىلمايدۇ.
    ▲بالا  تەربىيىسىدە  ئاتا-ئانىلار بالىلار ئالدىدا راستچىل بولۇپ ۋە بالىلىرىدىن  راست سۆزلەش،  يالغانچىلىق قىلماسلىقنى  تەلەپ  قىلسا؛  ئوقۇتقۇچىمۇ بالا تەربىيىسىدە راستچىل، سەمىمىي بولۇشنى  تەكىتلەش  بىلەن  بىللە، ئۇلاردا كۆز بويامچىلىق، يالغانچلىق قىلمىشلىرىنى  بايقىغان ھامان دەرھال  تەنقىدىي - تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى يامان قىلمىشلاردىن  توسسا   بالىلاردا  راستچىل، سەمىمىي بولۇشتەك ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ يېتىلىشىگە ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
   ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەرقانداق  ئەھۋالدا  چوقۇم  راستچىل   بولۇشى، بالىلارنى  يالغانچىلىق  قىلىشقا  دەۋەت  قىلماسلىقى  كېرەك. بالىلارنىڭ يالغانچىلىق  قىلمىشى  ئالدى  بىلەن  ئائىلىۋى  تۇرمۇشتا  ئاتا- ئانىلارنىڭ يالغانچىلىق قىلىپ  بىر- بىرىنى  ئالدىشى  سەۋەپلىك  پەيدا  بولىدۇ. بىر  قىسىم ئاتا-ئانىلار راست  سۆزلەپ زىيان تارتقاندىن كۆرە يالغان سۆزلەپ پايدا ئېلىشنى، راست سۆزلەپ تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن يالغان سۆزلەپ قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلىدۇ- دە، بىر- بىرىگە  يالغان سۆزلەيدۇ. بۇ خىل خاراكتېر بالىلار پىسخىكىسىغا تەسىر قىلىپ بالىلارمۇ دەرس تەكرار قىلالمىسا  تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلىيەلمىسە،«  ئاخشام ئۆيدە توك يوق ئىدى».....دېگەندەك   باھانە- سەۋەبلەرنى   كۆرسىتىدىغان  بولۇپ  قالىدۇ.
    ▲يالغانچىلىق  ھامان  ئاشكارلىنىدۇ. ئاتا- ئانا  بولغۇچى گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتتە  بالىلارغا  ئۈلگە   بولۇپ  راستچىل بولغاندا، ئوقۇتقۇچى راستچىلىقنى تەۋسىيە  قىلىپ، سەمىميەتسىزلىك ۋە يالغانچىلىققا  رەددىيە بەرگەندىلا، بالىلاردىكى يالغانچىلىق خاھىشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
     بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولغاندىلا  سەمىمىي،ئەمەلىيەتچان ھەم ھەق- ناھەق  قارىشى  ئېنىق  بولىدۇ، شۇڭا  بالىلاردىكى راستچىللىق  تەربىيەسى بالىلارنىڭ غورۇرى  ۋە  كەلگۈسى  ئىستىقبالىغا  مۇناسىۋەتلىك . ئاتا- ئانىلار  مەيلى ئائىلىۋى  ئىشلاردا  ياكى  ئېلىم- بېرىم، سودا-سېسىق   ئىشلىرىدا  بولسۇن، چوقۇم  بار ئىمكانىيەت  بىلەن  راستچىل  بولۇشى، سەمىمىيلىكنى  مىزان، راستچىلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى  ھەم  بالىلارنىمۇ  مۇشۇ  خىل  تەلەپنى  چىقىش قىلىپ  يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
   ▲بالا تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىلار ئۆزىمىزگە  يۇقىرى  تەلەپ  قويماي  پايدا  مەنپەئەت  ئۈچۈن يالغانچلىق  قىلساق، بالىلىرىمىزمۇ بىزدىن ئۈگىنىدۇ  كىچىك ئىش ھەم ئادەتتىكى ئىش دەپ بالىلارنىڭ   بىرەر  قېتىملىق  يالغانچىلىقىنى   بولدى قىلساق، يالغانچىلىق  قىلىپ  تاسادىپىي   تەنقىدلەردىن  قۇتۇلۇشىغا  پۇرسەت بەرسەك چوڭ سەۋەنلىككە  يول  قويغان  بولىمىز، ھەتتا  يالغانچىلىق سەۋەبلىك زور پۇشايمانغا  قالىدىغان ئەھۋاللار   بولىدۇ. دېمەك، ئىنسان ئۈچۈن راستچىللىق گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت، راستچىللىق  ئىشەنچ  ھەم ئىستىقبال، بالىلار ئۈچۈن راستچىلللىق كەلگۈسىدىكى تەقدىر ھەم  ئىناۋەت.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار