يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلارنى كىچىكىدىن
مۇزىكا ئارقىلىق ھامى
بىر ياشىلىق بالىلارغ
يېڭى توغۇلغان بوۋاقل
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق دەسلەپكى ئىككى -ئۈچ ئايدا ئانا سۈتىنى ياخشى ئېمىدۇ، بىراق تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئانا سۈتىنى ياخشى ئەممەيدۇ. بالىنىڭ تەم سەزگۈسىنىڭ تەدرىجى شەكىللىنىشى يۇقىرىقى ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. تەم سەزگۈسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، بوۋاق تەدرىجى تەمىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان ئانا سۈتىدىن بىزار بولۇپ، يېڭىچە تەملىك نەرسىلەرنى يېيىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن ئارتۇقچە غەم قىلماسلىقى، بالىنى ئانا سۈتىنى ئېمىشكە مەجبۇرلىماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، بالىدا سۈت ئىچىشتىن قورقۇش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى نورمال بولسا، ئۇنىڭ سۈت ئىچمەسلىكىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.
ئاتا-ئانىلار بۇنداق ئەھۋالدا بالىغا سۈت بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، يەنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم بېرىشنى ئادەت قىلىشى لازىم. سۈت بىلەن شەربەت قاتارلىقلارنى قوشۇپ، بالىنىڭ ئوخشاشمىغان تەمدىكى نەرسىلەرنى يېيىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش كېرەك.