ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنى كىچىكىدىن مۇزىكا ئارقىلىق ھامى بىر ياشىلىق بالىلارغ يېڭى توغۇلغان بوۋاقل

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > پىسخىكا > تولۇق مەزمۇنى

پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغا

ۋاقىت : 2012-07-05 12:12 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغاي

 

مۇھەممەدتۇرسۇن ئەخمەت

 

پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغاي
 

   قائىدە يوسۇن تەربىيەسى تەلىم تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. كىشىلەر قائىدە يوسۇنلۇق كىشىنى تەربىيە كۆرگەن، ئۇقۇمۇشلۇق دەپ تەرىپلىسە، قائىدە يوسۇننى بىلمەيدىغان كىشىنى تەربىيە كۆرمىگەن، قارا قورساق، دەپ داتلايدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا ئېسىل قائىدە يوسۇنغا ئەمەل قىلىش ئىشلارنىڭ خەيرلىك بولۇشىدىكى بىر شەرت، دەپ قارالغاچقا، ھەربىر ئىشنىڭ قائىدە يوسۇندىن چەتنەپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا ئاتا ئانىلار پەرزەنتى تۇغۇلغاندىن تارتىپلا، قىز بولسا قىزلارغا خاس، ئوغۇل بولسا ئوغۇللارغا خاس قائىدە يوسۇنلارنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئاتا ئانا بولغۇچى پەرزەنتىگە قائىدە يوسۇنلارنى ئۆگەتمىسە ئاۋام تەرىپىدىن ئەيىپلىنىدۇ، قائىدە يوسۇن بىلمەيدىغان پەرزەنتلەرمۇ جامائەت ئارىسىدا قارشى ئېلىنمايدۇ. قائىدە يوسۇن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئەل يۇرتقا نىسبەتەن ھۆرمەت، مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغۇتىدۇ. قائىدە يوسۇندىن چەتنىگەن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبى ئەل يۇرتتىن يىراقلاپ كېتىدۇ. ئەگەر قائىدە يوسۇنلار بۇزۇلسا، جەمئىيەت تەرتىپىمۇ بۇزۇلىدۇ، ئۇ چاغدا گۈزەللىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

   مۇشۇ نوقتىلاردىن قارىغاندا، پەرزەنتلەرگە قائىدە يوسۇن تەربىيەسى تائامدەكلا مۇھىم. ئۇنداقتا، قائىدە يوسۇن تەربىيەسىنى قانداق بەرگۈلۈك؟ بىرىنچىدىن، كىچىكىدىن باشلاپلا بەرگۈلۈك. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتلەشكەن قائىدە يوسۇنلارنىڭ بۇلىقى. بۇ «بۇلاق» پەرزەنتلەر قائىدە يوسۇننى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن. پەرزەنتلەرنىڭ كىچىك ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى تېز بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرگە كىچىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاتا ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولغۇلۇق. پەرزەنتلەردە ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە دوراش خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا ئانىلارنىڭ يۈرۈش تۇرۇش ۋە ئىش ھەرىكەتلىرى تەبىئىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 150 ئۆسمۈر جىنايەتچىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ %40 نىڭ ناچار ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغانلىقى بايقالغان. شۇڭا، ئاتا ئانىلار پەرزەنتلەرگە قائىدە يوسۇن تەربىيەسى بېرىشتە ئالدى بىلەن ئۆزلىرى قائىدە يوسۇنلۇق بولغىنى تۈزۈك. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىي بولغۇلۇق. تەربىيەدە ئۇنداق قىل، بۇنداق قىل دەپ بۇيرۇق بىلەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا قائىدە يوسۇنلار داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇنداق چاغلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرزەنتلەرگە قائىدە يوسۇننى ئىما ئىشارەت بىلەن، ئۆيگە قايتقاندا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىلدۈرگۈلۈك. شۇنداق قىلىپمۇ قائىدە يوسۇن تەربىيەسىدە ئۈنۈم قازانغىلى بولىدۇ.    

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار