يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلارنىڭ بالدۇر يې
بالىلار بىلىشكە تېگ
بالىلارغا تاتلىقبەر
بالىلار قىزىپ قالغان
چوڭلار ھېيت-بايرام، تۇغۇلغان كۈن خاتىرە كۈنلىرىدە بالىلارنى تەبرىكلەپ پۇل بېرىدۇ، قىسمەن بالىلار بۇ پۇللارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ. يەنە قىسمەن بالىلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ، پۇلنى بىردەمدىلا خەجلەپ تۈگىتىدۇ. ئۇنداقتا بالىلاردا ياخشى ئىقتىساد قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلار. بىرىنچى، پۇلغا نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئىشلىگەندىلا پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، يەنى ئاتا-ئانىلارنىڭ جاپالىق ئىشلىگەندىلا خەجلىگىلى بولىدىغان پۇلغا ئېرىشدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش؛ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يول ياقىسىدا ئىشلەۋاتقان تازلىق ئىشچىسى، ساقچى، تاكسى شوپۇرى، دۇكان خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش لازىم؛ ئۈچىنچى، ھەقىقىي لازىم بولغان نەرسىگە كۈتۈش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.
ئالتە ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلار. بىرىنچى، پۇلىنى قانداق خەجلەش توغرىسىدا پىلان تۈزۈشنى ئۆگىتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى كۆپلىگەن دۇكانلارنى ئارىلاپ سېلىشتۇرۇپ، ياخشىسىنى سېتىۋېلىشقا يېتەكلەش لازىم؛ ئۈچىنچى، بالىلارغا توغرا پۇل يىغىش ئاددىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
11 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان بالىلار. بىرىنچى، بىر يۈەندىن ئاز بولغاندىمۇ بىر مونى يىغقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچى، بالدۇر پۇل يىغقاندا، پۇلنىڭ بارغانچە كۆپىيىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
14 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلار. بىرىنچىسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىراجىتىدىن باشقا ئۆزىنىڭمۇ چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ بەكلا چارچايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش لازىم؛ ئىككىنچى، يىغقان پۇلىنى ئائىلىنىڭ خىراجەتلىرىگە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرۇش لازىم.
18 ياشتىن يۇقىرى بالىلار. بىرىنچى، كېردىت كارتىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بانكا قەرز ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قانۇنلۇق يولدا پۇل تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، جىددىي ئەھۋالغا ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئۈچ ئايلىق خىراجىتىگە لايىق پۇل يىغىشنى تاپىلاش لازىم، بۇ ئىنتايىن مۇھىم؛ تۆتىنچى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى، بىراق مەبلەغ سالغاندا يولۇقىدىغان خېيىم-خەتەر ۋە بارلىق رەسمىيەتلەرنى ئوبدان ئويلىنىشقا يېتەكلەش لازىم.