ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئىمتىھان سۇئاللىرى > تولۇقسىز2-ماۋسۇم > تولۇق مەزمۇنى

2014-2013 - ئوقۇش يىلى 8- يىللىقلارنىڭ سىياسەتتىن (2.ماۋسۇم) باسقۇچلۇق ئىمتىھان سوئالى(60 م

ۋاقىت : 2014-04-25 16:18 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 月和蔼 | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 2014-2013 - ئوقۇش يىلى    8- يىللىقلارنىڭ سىياسەتتىن  (2.ماۋسۇم) باسقۇچلۇق ئىمتىھان سوئالى(60 مىنۇت )
ئىسمى ئاتىسى:        سىنىپى :                  نومۇرى:
. سوئال: تاق تاللاش سوئالى  (ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى جەدىۋەلگە تولدۇرۇڭ 2 دىن جەمئىي20     نۇمۇر بىرىلىدۇ)
سۇئاللار 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10
جاۋابى                    
 
1. تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراسىغا تەۋە بولمايدىغىنى:
A: چەتئەللىك مۇھاجىر
 B: جۇڭگۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن چەتئەللىك
C: دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى
 D: چەتئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلىتىمىزنىڭ ئىشچىسى
2. «قايسى جايدا قانۇن بولمايدىكەن، شۇ يەردە ئەركىنلىك يوق» دېگەن بۇ جۈملە (       ) نى ئىپادىلەيدۇ.
A: ئەركىنلىك بىلەن قانۇن تۇپتىن قارمۇ- قارشى 
B: قانۇن بولسىلا، ئەركىنلىك بولمايدۇ.  
C:  قانۇن رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە ئەركىنلىكنى يۈرگۈزۈش كىرەك.  D: ئەركىنلىك ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
 
3. مەلۇم تاللا بازىرىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ نەرسە كىرەك ئوغۇرلىدى دەپ گۇمان قىلغان خىرىدارنىڭ ئۈستىۋىشىنى ئاقتۇرۇشى: (      )
A: زۆرۈر بولۇپ شۇنداق قىلغاندا بىر قىسىم ئاڭسىز كىشىلەرنىڭ ئوغۇرلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 
B: پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. 
C: ئۇسۇلغا دىققەت قىلمىغان، ئەمما قانۇنغا خىلاپ ئەمەس.
D: پۇقرالارنىڭ ساغلام ياشاش ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىق.
4. تۆۋەندىكىلەردىن باشقىلارنىڭ ساغلام ياشاش ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلمىغىنى:
A: بالىلارنى چوڭ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش. 
B:  يولدا تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كەتكەنلەر ئۇچرىسا بار كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش.
 C:  يارىدارلارغا قان تەقدىم قىلىش.
 D: لى بوۋاينىڭ ئاچچىغىدا باشقىلارغا دائىم زىيان- زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئوغلىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىشى.
5. تۆۋەندە ئىيتىلغان بايانلاردىن خاتاسى:
A:ھاياتىمىزنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە ساغلاملىقىمىزغا دىققەت قىلىپ، ئۆزىمىزنى بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىش- ھەر بىر پۇقرانىڭ ھوقوقى.
 B: ھاياتىمىزنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە ساغلاملىقىمىزغا دىققەت قىلىش- ئۆزىمىزگە بولغان غەمخورلۇق  ۋە مەسئۇلىيەت ھىساپلىنىدۇ.
C: ھەر قانداق بىر جان تۇغۇلغان ھامان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
 D: ھاياتىمىزنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈش- ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
6. پۇقرالار ئەركىنلىكى ۋە ھوقوقىنى يۈرگۈزگەندە:
A: ئۆز مەيلىچە چەكلىمىسىز ھالدا يۈرگۈزۈش كىرەك 
B: ئاساسى قانۇن قانۇنلاردا ئىتراپ قىلىنمىغان ھوقوق ۋە ئەركىنلىكنى يۈرگۈزۈش كىرەك 
 C: قانۇن رۇخسەت قىلغان دائىرىدىن ھالقىپ يۈرگۈزۈش كىرەك  
D: ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ بەلگىلىمىسىگە رۇئايە قىلىش كىرەك.
7. پۇقرالارنىڭ قەدىر قىممەت ھوقوقى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى:
A: ساغلام ياشاش ھوقوقى  B:  ئىسىم- فامىلە ھوقوقىC: نام شۆھرەت ھوقوقى   D: جىسمانى ئەركىنلىك ھوقوقى
8. ساغلام ياشاش ھوقوقىمىزنى پائال يۈرگۈزگەندە(      ) كىرەك.
(1) ئاكتىپلىق بىلەن بەدەن چىنىقتۇرۇش.(2) ئاغرىپ قالغاندا داۋالىنىپ، بەدەن سۈپىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. (3) ھاياتىمىز ۋە ساغلاملىقىمىز قانۇنسىز دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرىغاندا قانۇن بويىچە ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز. (4) باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى مىيىپ قىلىش.
A: (1))(2)(3)(4)   B: (1)(2)(4)    C: (1)(2)(3)  D: (1)(3)(4)
9 .2002- يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى گۇاڭدۇڭ، ئەنجىيا ئاياغ زاۋۇتىدىكى 30 دىن ئارتۇق ئايال ئىشچىنىڭ گازدىن زەھەرلەنگەنلىكى تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغان. كۆپ قىسىم ئايال ئىشچىلاردا پۇت قولى پالەچ بولۇپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. زاۋۇتنىڭ بۇ قىلمىشى ئايال ئىشچىلارنىڭ (      )غا دەخلى تەرۇز قىلغان.
A: ئىنسانىي ئىززەت- ھۆرمەت ھوقوقى  B: سۈرەت ھوقوقىC:  جىسمانى ئەركىنلىك ھوقوقى    D: ساغلام ياشاش ھوقوقى
10.جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىتىنىڭ پۇقراسى  (     ) نى كۆرسىتىدۇ .
A:جۇڭگۇدا تۇغۇلغان كىشى   
 B: جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىتىنىڭ  تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلىكى كىشى C:جۇڭگۇ چىگرىسى ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان كىشى
 D:سىرىق تەنلىككەرگە تەۋە بولغانلىكى كىشى 
Ⅱ. سوئال: توغرا- خاتاسىغا ھۆكۈم قىلىڭ. (2دىن40 نۇمۇر)
1 2 3 4 5 6 7 8 9 10
                   
11 12 13 14 15 16 17 18 19 20
                   
 
1.چىكىدىن ئاشقان ئۇنسۇرلارنى ھەر قانداق كىشىنىڭ خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقوقى بار
2. باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشتۇر. باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئۆزىنى قوغدىغانلىقتۇر.         (       )
3. پۇقرالارنىڭ ئىنسانى قەدىر قىممەت ھوقوقى، بىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ، بىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ.                        (       )
 4. ئاكتىپلىق بىلەن بەدەن چىنىقتۇرۇپ، كىسەل بولغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش – ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.       (       )
5. ئىلىمىزدە خەلق دۆلەتنىڭ خوجايىنى                  (      )
6. دۆلىتىمىز قانۇن يادرو قىلىنغان ھوقوق مەنپەئەت كاپالەت سىستىمىسىنى بەرپا قىلدى. 
7. پەقەت باشقىلارنىڭ ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھوقوقىدىن ياخشى  بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ.             (       )
8. سۆز ئەركىنلىكى بولسا، نىمىنى ئويلىسا شۇنى دىيىشنى، چەكلىمىسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ.   
9.  پەقەت قۇرامىغا يەتكەنلەرلا، ھوقوقتىن بەھرىمان بولىدىغان سوبىكىت، شۇنداقلا مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدىغان سوبىكىت.           (     )
10. ئۆز ھاياتىمىزنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە ساغلاملىقى شەخسىنىڭ ئىشى، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قانداق قىلىشىمىزنى سوراش ھوقوقى يوق.                   
11بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە  ئىگە ھەر-قانداق كىشى  شۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولىدۇ.
12. ئاكتىپلىق بىلەن بەدەن چىنىقتۇرۇپ، كىسەل بولغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش- ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلىكنىڭ  ئىپادىسىدۇر.      (     )
13. ئىنسانىي قەدىر قىممەت ھوقوقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىشكە، تاشلۋىتىشكە، ۋارسلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
14 .ئىنساني قەدىر قىممەت ھوقوقى جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقوقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.    
15. بىز ھاياتىمىزنى قەدىرلەشكە ، ساغلاملىقىمىزنى ئاسراشقا ھوقوقلۇق. (    )
16. ئىلىمىز  ئىشچى- دىھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلىدىغان، خەلق دىموگىراتىيىسى دىكتاتۇرلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت.   (      )
17. بىز بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق، پەقەت ئائىلە كاپالىتى، مەكتەپ كاپالىتى، جەمئىيەت كاپالىتىگە  مۇھتاج.                  (      )
18. ئىلىمىز پۇقرالىرى كەڭ دائىردە ھەقىقىي ئەركىنلىك ۋە ھوقوقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ.   
19. ئەركىنلىك بولسا- قانداق قىلغۇسى كەلسە، شۇنداق قىلىش دىگەنلىكتۇر        .(    )
20. بىز پەقەت ھوقوقتىن بەھرىمان بولۇپ، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىساقمۇ بولىدۇ.        
. سوئال: ئىزاھلاڭ. (3دىن6 نۇمۇر)
1. پۇقرا دىگەن نىمە؟
 
 
2. ئەخلاق مەجبۇرىيىتى دىگەن نىمە؟
 
 
. سوئال: قىسقىچە جاۋاب بىرىڭ. (جەمئىي 21 نۇمۇر)
1. پۇقرالىق ھوقوقىنى يۈرگۈزگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟ 
 
 
2. ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ ئاساسى مەجبۇرىيەتلىرى قايسىلار؟
 
 
3. ئىنسانىي ئىززەت ھوقوقى كونكىرت قايسى شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ؟
 
 
Ⅴ. سوئال: ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ؟ (جەمئىي 7  نۇمۇر)
 مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ما ⅹⅹ ساقچىلار دادىسىنى ئىلىپ ماڭغان چاغدا، ساقچىلاردىن كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشنى ھەمدە دادىسىنى چاقىرتىش سەۋەبىنى سورىغان. ساقچىلار ھىچقانداق ئىسپات كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ئۇنى ئۇرۇپ، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ قولىغا كويزا سىلىپ، چىچىدىن تارتىپ، ساقچى ماشىنىسىغا سۆرەپ چىقارغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تىزلىكتە يىتىپ كەلگەن كومىتىت ئاھالىلىرى غەزەپلىنىپ، ساقچى ماشىنىسىنى ئورىۋىلىپ ما ⅹⅹ نى قاچۇرۋەتكەن.
ماتىرىيالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈگەنگەن بىلىمىڭىزدىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاب بىرىڭ.
1.سۇئال :ماتىرىيالدىكى ساقچىلار ما ⅹⅹ نىڭ قايسى ھوقوقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغان؟
 
 
2.سۇئال: سىزنىڭچە ما ⅹⅹ قىچىپ كەتكەندىن كىيىن قايسى يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كىرەك؟
 
 
 
Ⅵ.ماتىريال تەھلىل قىلىڭ :(6  نومۇر )  
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئامىنە تولىمۇ بەخىتسىز بولۇپ ،دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن ،ئانىسى جاپالىق ئىشلەپ ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئارانلا قامدايتى.كۈتۈلمىگەندە ئاپىسى ئاستا خاراكتىرلىق كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قىلىپ ،ئامىنە ئوقۇشتىن چىكىنىپ ئاپىسىغا قارىماقچى بولىدۇ.سىنىپ مۇدىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن،ئەھۋالنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئىنكاس قىلىپ پارچە ھەقنى كۆتۈرىۋىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ،ھەم ئۆزىنىڭ تويلىقىغا يىققان 4000يۇەن پۇلنى ئانىسىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن بىرىدۇ.ئامىنەگەتەربىيە بىرىپ ،ئىلھاملاندۇرۇپ نەسىھەت قىلىپ مەكتەپكە قايتۇرۇپ كىلىدۇ. ئامىنە ئىسسىق ياشلىرىنى تۆكۈپ ئۆزىنى مۇئەللىمنىڭ قوينىغا ئاتىدۇ .
ئۈگەنگەن بلىمگە بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكى سۇئالغا جاۋاپ بىرىڭ :
1.سىز ئامىنەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى روھى ھالىتىنى چۈشۈنەمسىز ؟ ئەينى ۋاقىتتىكى روھى ھالىتى قانداق ئىدى ؟
 
 
2.سىنىپ مۇدىرى بارلىق كۈچى بىلەن ئامىنەنىڭ قانداق ھوقوقىنى قوغداپ قالدى؟ 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
月和蔼 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-06-25 10:06 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-10-04 21:10
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ