ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > خۇلاسە-دوكلات > شەخىسنىڭ خىزمەت خۇلاسە،دوكلاتى > تولۇق مەزمۇنى

ئىلمى مۇدىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش دوكلاتى

ۋاقىت : 2012-12-03 13:02 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : سھىرھ | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

---- بازار مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى يولداش-----نىڭ2012-يىلى ئالدىنقى يىرىم يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش دوكلاتى

 
 

ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر،يولداشلار،كەسىپداشلار!

مەن 2008-يىلى 4-ئايدا ---- بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان،يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىكى رەھبەرلەر، بازىرىمىز مائارىپ سېپىدىكى رەھبەرلەر ۋە كەسىپداشلارنىڭ قوللىشى ۋە يىقىندىن ماسلىشىشى ئارقىسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ خىزمىتىنى ئەستايىدىل ھەم سېستىمىلىق قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى تەكشۈرۈپ ۋە نازارەت قىلىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە ۋە ئىلگىرلىشىگە كاپالەتلىك قىلدىم.يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ھۆججەت-ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ روھىنى چۇڭقۇر ئۈگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ سىياسى سەزگۈرلىكىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم رۇشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مائارىپ بازىسىنىڭ پاكلىقىنى قوغدىدىم. ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولۇپ ئۆز ئىشكىمگە ياخشى قاراپ، ئۆز ئادىمىمگە ياخشى مەسئۇل بولۇپ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ۋە ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى- خىزمەتچىلىرىمدە قىلچىمۇ مەسىلە سادىر بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلدىم. ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقنى بەرپا قىلىش،مۇنەۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيتى، يەكەن ناھىيسى مائارىپ سىستىمىسىنىڭ كادىرلار چوڭ يىغىنىنىڭ روھى ۋە مائارىپ خزمەت كومتىتىنىڭ {2012}38-نۇمۇرلۇق ھۆججتىنىڭ روھىغا ئاساسەن دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئىلىش جەھەتتە ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيتىمنى تولۇق ئادا قىلدىم.تىرىشىپ ئۈگىنىپ، زامانىۋى مائارىپ ئىددىيىسى ۋە مائارىپ كۆز قارىشىنى تىكلىدىم. كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئىش ئورنۇمنى قەدىرلەپ، مائارىپنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئىش بېجىرىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پاك ئېنتىزامچان بولۇپ، ھەردەرىجىلىك پارتكوم،ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزۈمگە ۋە ئۆزۈمنىڭ كەسپى ساپايىمغا، رەھبەرلىك سەۋىيەمگە بولغان تەلەپنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مائارىپ كەسپى بىلىملىرى ۋە خەنزۇتىلى،كومپيۇتېر بىلىملىرىنى داۋاملىق ئۆگەندىم. ھەرقايسى جەھەتلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا ئەستايىدىل يىتەكچىلىك قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئاڭلاپ، مەكتەپ مۇدىرى ۋەقوشتىل ئوقۇتۇشىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرغا يېقىندىن ماسلىشىپ، مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەرىبيە خىزمەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ، بازىرىمىز باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم.

ئاساسلىق نەتىجە دەپ قارالغان تەرەپلەر:

1.ئىددىۋى سىياسى ۋە ئەخلاق، پاكلىق جەھەتتە:

ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، بايرىقىم رۇشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا بۆلگۈنچىلىككە ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مائارىپ مۇنبىرىنىڭ پاكلىقىنى قوغدىدىم. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيىسى ۋە ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ روھىنى يىتەكچى قىلىپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقنى بەرپا قىلىش،مۇنەۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيتى، ---- ناھىيسى مائارىپ سىستىمىسىنىڭ كادىرلار چوڭ يىغىنىنىڭ روھى ۋە مائارىپ خزمەت كومتىتىنىڭ {2012}38-نۇمۇرلۇق ھۆججتىنىڭ روھىغا ئاساسەن دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئىلىش جەھەتتە ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ ،ئۆزۈمنىڭ سىياسى نەزىريە ساپايىمنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردىم. قانۇن،نېزاملارغا ۋە جەمئىيەت ئېنتزامىغا رىئايە قىلىپ، پاك دىيانەتلىك بولۇپ، ئىستىلدا دىموگىراتىك ۋە دۇرۇس بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇم. ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە دۇرۇس، ئىش بېجىرىشتە ئادىل بولۇپ، ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگنىش پائالىيەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلدۈم. ئاممىۋى ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزۈمدە ياخشى ئەخلاق ئادىتىنى يېتىلدۈردۇم. چوڭلارنى ۋە كەسىپداشلارنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلدىم.ئۆزۈمنىڭ پارتىيە ئەزالىق رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ،پارتىيە - ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە باشقا يولداشلارغا ئۈلگە بولدۇم.«ئۈچنى قوغداپ ئىككىگە قارشى تۇرۇش»نى دەرسخانىلاشتۇرۇش،ھەمدە «ئۈچنى قوغداپ ئىككىگە قارشى تۇرۇش »بويىچە ئالتىنى ھۆددىگە ئىلىش مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە ئۆزەم ھۆددىگە ئالغان يىللىق ۋە كەنىت مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىۋى ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بەردىم،شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىدا مەسلە كۆرۈلمەسلىك،ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىدا مەسلە كۆرۈلمەسلىك ۋە ئۆزۈمنىڭ ئورۇق-تۇققانلىرىمدا مەسلە كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلدىم.

2.ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە:

ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسىنىڭ مەركىزى ھالقىسى دەپ قاراپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە يېڭى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردىم.

ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئوقۇتۇش گورۇپپىلىرىنىڭ دەرىس ئاڭلاش، دەرىس باھالاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشىگە بولغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ فونكىيسىنى ياخشىلاپ، گورۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق بېكىتىپ، مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ دەرىسلىكلىرىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنپ، بىر قىسىم قىيىن، مۇھىم مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ئاكتىپ تەشكىللىدىم.

دەرىس ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بەردىم. دەرس ئاڭلاشنى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش، چۈشىنىشنىڭ ئاساسى قىلىپ، دەرىس ئاڭلاش مەقسىتىمنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نەتىجىلەرنى كېڭەيتىشكە، ساقلانغان مەسىللەرنى تۈزۈتۈشكە ئەھمىيەت بەردىم.

دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ دائىملىق قائىدىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردىم. مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلەرنى دەرىس ئۆلچىمىنىڭ تەلىپى بويىچە تەسس قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا تەلەپنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال بىلىم ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دەرىس يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بەردىم. كەنىت دەرىجىلىك مەكتەپ ئىلمى مۇدىرلىرى بىلەن ۋاقتى ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش جەھەتتە يولۇققان قىيىنچىلىق مەسىللەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلش ۋە مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى مەكتەپ مەمۇرىيتىگە دوكلات قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نۇرمال قانات يىيىشىغا كاپالەتلىك قىلدىم.

مەكتەپلەر ئارا ئۆلگىلىك دەرىس، ئوچۇق دەرىس ئۆتۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاپ چىقىپ ،تەجرىبىلىك، كەسىپچانلىقى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەجرىبىسىنى پائال كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بەردىم. نەتىجدە بۇ ماۋسۇمدا 3نەپەر ئوقۇتقۇچىنى يەكەن ناھىيسىنىڭ ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم.بازىرىمىز باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ماتىماتىكا ،تىل-ئەدىبىيات،خەنزۇتىلى پەنلىرى بويىچە ئۈلگىلىك دەرس،ئوچۇق دەرس،ۋە دەرس لاھىيسىنى سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ،ئوقۇتۇش تەتقىقات خزمىتىدە يىڭى ئۇسۇللارنى كىڭەيتىشكە ئەھمىيەت بەردىم. قوشتىل سىنىپلىرنى تەسس قىلىش، دەرىس ئورۇنلاشتۇرۇش، سىنىپ مۇدىرى ۋە دەرىس ئوقۇتقۇچىسىنى تاللاش، ئىشلىتىش قاتارلىق ھالىقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، قوشتىلدا تەربىيلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دەرىس ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوشتىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوشتىل ئىقتىدارىنى يۇقرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردىم.

مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگنىش قىزغىنلىقىنى بولۇپمۇ، قوشتىل ئۆگنىش قىزغىنلىقىنى يۇقرى كۆتۈرۈش تىما قىلىنغان مول مەزمۇنلۇق نوتۇق سۆزلەش پائالىيتىنى تەشكللەشكە ئەھمىيەت بەردىم.ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خزمەتلىرىنى ئايمۇ-ئاي تەكشۈرۈپ ۋە خۇلاسلاپ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئاشكارىلاشقا ،شۇ ئارقىلىق خزمەتلەرنىڭ ئادىل،باراۋەر، ھەققانى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدىم. يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ ئوقۇتۇش خزمىتىگە دائىر ھۆججەت- ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ روھىنى كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خزمەتچىلەرگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ خىزمەتلەرنىڭ نۇرمال تەرتىپتە قانات يايدۇرلىشىغا ئەھمىيەت بەردىم.

6-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا تەكرارنى كۈچەيتىپ رايۇن ئىچى تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈشتە2012-يىلى 7نەپەر ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، بازىرىمىز باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىن رايۇن ئىچى تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بىرىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى.

ساقلانغان ئاساسى مەسىللەر:

ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى سىجىل چىڭ تۇتۇپ، يىللاردىكىگە قارىغاندا ئىلگىرلەش ھاسىل قىلغان بولساقمۇ، دەرىسلىك ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش قەدىمىمىزنىڭ ئاستىلىقى، ياش، يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش ۋە ئۆزۈمنى كۈچەيتىشىمنىڭ يېتەرسىز بولۇشى تۈپەيلىدىن، ئوقۇتۇش سۈپىتىمىز يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن بولدى.

بۇندىن كىيىنكى تىرىشش نىشانىم:

مەكتەپ مۇدىرىمىزغا ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلارغا يىقىندىن ماسلىشىپ، پىشقەدەم، كەسپتە پىشقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەكچىلىكىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا ئاڭلاپ ھەل قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇنۋىرسال ئىقتىدارىمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يەنىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش قەدىمىنى تىزلىتىپ،دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ،دەرسلەرنىڭ كۆرسەتمىلىك،ئىلىكتىرلىك،تەجرىبىلىك،ئەمىلىيەتچىل ئۆتۈلۈشىگە بولغان تەلەپنى تىخىمۇ كۈچەيتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىپ،ياخشى ئۈگەنگۈچى،ياخشى ھەمكارلاشقۇچى،ياخشى يىتەكلىگۈچى بولۇپ بازىرىمىز مائارىپىنىڭ ھەم ياخشى ،ھەم تىز تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىمەن.  

دوكلاتىم تۈگىدى، يولداشلارغا رەھمەت!
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئالدىنقىسى:ظإچ يئللئق خئزمئتئمدئن قئسقئچە خذلاسە
كېينكىسى: يوق
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سەھرا تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31 11:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-10-20 17:10
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ