ئامرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق قارىشىدىكى پەرقلەر
![]() |
مىنىڭ بىر دوستۇم كۆپ يىللار ئىلگىرى ۋەتەندىكي چاغدا دادىسى رەھمەتلىك يۈرەك ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتسا بىلمەي، توغرا تەدبىر قوللانماي قۇچىغىدا جان ئۈزدۈرگەنلىگىدىن ھازىرغىچە ئۆكىنىدۇ. ھازىرقى بىلىمىم شۇ چاغدا بولغان بولسا بەلكى دادام بۈگۈن ھايات يۈرەتتى دەپ ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ. يەنە بىر تونۇشۇم ئانىسى مىڭە ھۇجۇمى بولغاندا ۋاختىدا دوختۇرغا ئاپارماي پالەچ بولىشىغا سەۋەپچى بولغانلىغىغا ئىچىنى ئۇۋايدۇ.
يۈرەك ھۇجۇمى بىلەن مىڭە ھۇجۇمىنىڭ ھەر ئىككىسى چان تومۇرلىرىنىڭ ئىتىلىپ قېلىشىدىن چىقىدىغان كىسەللەر. قان تومۇرلىرى ئىتىلىپ قالسا يۈرەك ياكى مىڭە موسكۇللىرىغا ئوكسىگن ۋە باشقا ئوزۇقلار يىتىشمەي ئۆلىشكە باشلايدۇ. ئۇنداقتا قان تومۇرى نىمىدىن توسۇلۇپ قالىدۇ؟ قاندىكى كولېستېرول ۋە ماي نورمالدىن ئېشىپ كەتسە قاندىكى باشقا ماددىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىرىمەس لاتقا پېيدا قىلىپ قان تومۇرلىرىغا يېپىشىۋالىدۇ(خۇددى لاي سۇ ئاقىدىغان دېريانىڭ تېگىگە لاي ئورناپ كەتكەندەك). بۇنداق لاتقىلار ئېشىپ كېتسە يۈرەك ياكى مىڭىنىڭ چان تومۇرلىرىنى توسىۋالىدۇ(مىخانىزىمى ئۈستڭدە توختالمايمەن). بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلي بولىدىكى كولېستېرول ۋە ماي (ئۈچگلىسېرول) ماددىلىرىنىڭ ئېشىپ كىتىشى ئىنساننىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەپ. بۇ سەۋەپتىن دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتڭلىدىغان دۇرىلار ماينى سۇيۇقلاندۇرۇش(كولېستېرولنى چۈشۈرۈش) دۇرىللىرى تۇرىگە كىرىدۇ. دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان دۇرا Lipitor مۇ بۇ تۇردىكى دۇرا. ئۇنىڭ يىللىق سېتىلىش مىقدارى 12-14 مڭليارت، يەنى 12-14000 مىليون دوللار. ماينى قويۇقلاتماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ساغلام يىيىش (ئېغىزنى ئەمەس بەدەننى خوش قىلىدىغان تاماقلارنى كۆپرەك يىيىش)، بەدەن چېنىقتۇرۇش. ئەگەر بۇ ئىككىسىنى قىلالمىسىڭىز ياكى تەسىر قىلمىسا بىر ئۆمۈر كولېستېرول پېسلىتىش دۇرىسىنى يىيىشكە توغرا كىلىدۇ. ئامرىكىدا بۇنداق دۇرا يېيدىغانلار نايىتى كۆپ. شۇڭا Lipitor نىڭ سودىسى ياخشى. مىنىڭ بىلەن ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئارىسىدا 20 نەچچە يېشىدىن باشلاپ دۇرا يەۋاتقانلاردىن ئىككىسى بار. ئامرىكىلىقلار ئاساسەن كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇرا يەيدۇ. 60 تىن ئاشقان ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىچىدە كۈندە نەچچە خىل دۇرا يەيدىغانلار نۇرغۇن. ئۇلار دۇرا يىيىشكە كۆنۈك. ئەمما ئۇيغۇرلار دۇرىنى كىسەل ئادەم يەيدۇ دەپ قاراشقا ئادەتلەنگنلىكتىن دۇرا يىيىشكە قېرىق. ئۇيغۇرلار قان قويغلۇققا سەل قاراپ 50 ياشتىن ئۆتە-ئۆتمەي پالەچ بولىشقا، يۈرەك كىسىلى بىلەن ئۆلۈپ كىتىشكە يولىقىشى مۈمكىن. ئامرىكىلىقلار بولسا دۇرا ئارقىلىق 80-90 ياشقىچە ساغلام ياشايدۇ. 80 دىن ئاشقاندىمۇ ماشىننىللىرىنى ھەيدەپ مۇستەقىل ياشاپ يۈرىدۇ.
يۈرەك ھۇجۇمى
يۈرەك كىسەللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىگى يۈرەك ھۇجۇمى. يۈرەك ھۇجۇمى كىنولاردا تېسۋىرلەنگەندەك تۇساتتىن يۈز بىرىشى ناتايىن(دىمەك خەنزۇچە ئاتالغۇسىدىكى "تۇفا" دىگەن سوزمۇ توغرا ئەمەس). ئەملىيەتتە كۆپ ساندىكى يۈرەك ھۇجۇملىرى سۇس مەيدە ئاغرىغى ياكى بى-ئاراملىغى بىلەن ئاستا باشلىنىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ يۈرەك ھۇجۇمى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ۋاختىدا چارىسىنى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەسلىگىگە سەۋەپ بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا بۇ ئاغرىق مەيدىنىڭ ئوتتۇرسى مۇجۇپ ئاغرىشتىن باشلىنىپ بىر-نەچچە مىنۇتتىن كۆپ داۋام قىلىدۇ. مەيدىدىن باشقا بەدەننىڭ يۇقۇرى قىسمى، مەسلەن جەينەكنىڭ يۇقۇرىسى، گەجگە، مۈرە ۋە ئىڭەك ئاغرىشى مۈمكۈن. تىنىق تەسلىشىش، سوغاق تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، بېشى قېيىش ئالامەتلىرى كۆرىلىشى مۈمكۈن. ئەگەر بىرسى بۇ ئالامەتلەرنى كەچۇرۋاتقاننى كۆرسىڭىز دەرھال دوختۇرنى چاقىرىڭ. ئەگەر ئاسپىرىن تاپالىسىڭىز دەرھال بىر تەبلىت يىگۈزىۋىتىڭ. چوڭلار بار ئۆيدە ئاسپىرىننى ئايرىمىغان ياخشى. ئۇ ھەممە يەردە كەڭرى تېپىلىدىغان ئەرزان دۇرا.
مىڭە ھۇجۇمى
ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى مىڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ئىتىلىپ قېلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ، يەنە بىرى مىڭە تومۇرىنىڭ تىشىلىپ كىتىشىدىن كەپ چىقىدۇ (مىڭىگە قان چۈشۈش دىگەن شۇ). مىڭە ھۇجۇمى بولغان ئادەمگە ئاسپىرىن بىرىش خەتەرلىك. ئاسپىرىن قان سۇيۇلدۇرىدىغان بولغاچقا قان تومۇر تىشىلگەن مىڭىنىڭ قانىشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ. مىڭە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئادەمنى دەرھل دوختۇرغا ئاپىرىش كىرەك. ھەر مىنۇتتا مىليونلىغان نىرۋا ھۈجەيرىللىرى ئۆلىدۇ، شۇڭا ھەر بىر مىنۇت پالەچ بولۇش بولماسلىق، ھەتتا ئۆلۈش-ساق قېلىشنى بەلگۈلەيدۇ. قان قويۇقلىغىدىن سىرت يۇقۇرى قان بېسىمى بىلەن دىيابىت كىسىلى مىڭە ھۇجۇمىنىڭ ئاساسى سەۋەپلىرىدۇر. سېمىزلىك دىيابىت كىسىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى. كۆپ ئىچىش، كۆپ چىكىش، تۇز ۋە ماينى كۆپ يىيىشمۇ مىڭە ھۇجۇمىنى كەلتۈۈپ چىقىدىغان ئامىللار. 35 ياشتىن ئاشقان ئاياللاردا تۇغۇت كونترول قىلىش دۇرىسى قان لاتقىسىنىڭ ھاسىل بولىشىغا سەۋەپ بولۇپ مىڭە ھۇجۇمىنى كەلتۈرۇپ چىقىرىشى مۈمكۈن.
مىڭە ھۇجۇمى ئادەتتە تۇساتتىن يۈز بىرىدۇ. باشتىكى 1-2 كۈندە كىلىپ-كىتىپ تۇرىشى مۈمكۈن. مىدىرلىسىڭىز ياكى يۈتەلسىڭىز تېخىمۇ ئاغرىشى مۈمكۈن. تۈۋەندىكى باشقا ئالامەتلەر مىڭىنىڭ نىرىدە يۈز بەرگىنىگە قاراپ يا كۆرىلىدۇ يا كۆرىلمەيدۇ: سەزگۈرلىگى تۈۋەنلەش، ئاڭلاش، كۆرۈش، تېتىش، ئاغرىق ياكى ئىسسىق-سوغۇقنى سىزىش قابىلىيىتى، سۆزلەش ۋە مېڭىش قابىلىيىتى ئۆزگۈرۈش. بۇ كىسەلنى ۋاختىدا بايقاپ دوختۇرغا كۆرۈنمىسە ئۆلۈم ياكى پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېشى چوڭلار، قېنى قويۇقلار، قان بېسىمى يۇقۇرىلار ياكى دىيابىت كىسىلى بارلار بېشى ئاغرىسا سەل قارىماسلىغى لازىم.
قىسقىسى، يۈرەك ھۇجۇمى بىلەن مىڭە ھۇجۇمى دەرھال تونۇپ تەدبىر كۆرمىسە ئۆلۈم ياكى پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىسەللەر بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرىنى ھەممە ئادەم تۇنىشنى ئۈگۈنىشى كىرەك. ئامرىكىدا پات-پات ئەمدى 4-5 ياشقا كىرگەن بالىلارنىڭ چوڭ ئاتا-ئانىللىرى ياكى ئاتا-ئانىللىرى بۇ كىسەللەرنى كەچۇرۋاتقاندا بايقاپ 911 گە تىلىپۇن قىلغانلىق خەۋەرلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. دىمەك، بۇلار باللىرى بۆشىگىدىن ئايرىلا-ئايرىلمايلا بۇ ساۋاتلارنى بېشىغا سىڭدۈرۈپ بولىدۇ.
(تەھرىر : يانتاق)
«ئامرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق قارىشىدىكى پەرقلەر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: HTC نوكىيانىڭ پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان، دەپ ھۆكۈم قىلىندى
- 7.2 دىيۇملۇق Surface تاختا كومپىيوتېرى
- ئالما شېركىتى itunes نىڭ 11 -نەشىرىنى ئ
- ئۇندىدار دىتالىنىڭ توربەت نۇسقىس
- Gmail گە ئۇيغۇرچە توريۈزى كىرگۈزگۈچ
- قايسى تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەنلەر ئ
- خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ سوۋۇتقۇچىسى
- كىشىلەر يەنىلا Windows XP نى ياقتۇرىدۇ
- دۇنياۋى بۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئىلگىر
- BIOS ئۆزىكى
- ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ كونا _ يېڭىلىقىغ
- HTC نوكىيانىڭ پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇ
- ئامرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلا
- wordنڭ تىزىملىك سىتونىنى ئويغۇرچىلاشتۇرۇ
- Pwn2Own خاككىرلار مۇسابىقىسىدە Win8 ۋە IE10 مەغ
- ئەقلىي قول سائىتى يەنە بىر تېخنىكا جەڭگ
- توردا مال سېتىۋېلىشتا تۈرلۈك توزاقلارد
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
كىچىك زېرەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-03-26 21:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-03-27 22:03
- 7.2 دىيۇملۇق Surface تاختا كومپىيوتېرى
- ئالما شېركىتى itunes نىڭ 11 -نەشىرىنى ئ
- ئۇندىدار دىتالىنىڭ توربەت نۇسقىس
- Gmail گە ئۇيغۇرچە توريۈزى كىرگۈزگۈچ
- قايسى تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەنلەر ئ
- خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ سوۋۇتقۇچىسى
- كىشىلەر يەنىلا Windows XP نى ياقتۇرىدۇ
- دۇنياۋى بۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئىلگىر
- BIOS ئۆزىكى
- ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ كونا _ يېڭىلىقىغ
- توردا مال سېتىۋېلىشتا تۈرلۈك توزاقلاردىن ھەز
- تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى نەرسە ئەمەس
- «چېچەن» ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىندى
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- تور بەت يۇزى ئىلكىتاب كۆرگۇچىسى 网上在线PDF阅读
- iphone 4s پەقەت 1150 يۈەنگە يارايدۇ
- پروگرامماتىلى AJAX
- Basic تىللىرىھەققىدە قىسقىچە ساۋات
- ++C ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن 50 تەۋسىيە
- كۆپ ئىشلىتىلىدىغان شىفىرلاش ئۇسۇللىرى
- بۇ يەتتە چارە كومپيۇتېرڭىزنى پەرۋ
- يانفۇنىڭىزغا چىرايلىق ئۈستەل يۈزى
- دائىم ئىشلىتىدىغان دىتاللارنى چۈش
- بەشتاش تورىدا potoshop ئىشلىتىڭ
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- Word تىن بىلىملەر
- تىزدىن ئىلخىتىڭىزگە كىرىڭ.
- Google مەھسۇلاتلىرى توپلىمى
- كۆپ ئىشلىتىلىدىغان شىفىرلاش ئۇسۇللىرى
- ساقلانمىغان wordھۆججىتىنى قايتۇرۇپ