كومپىيوتېر دەرىجە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن......
ۋاقىت : 2013-08-24 23:37 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : Dulanim | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
نەزەرىيە ئىمتىھان سۇئالى(1)
(ئمتىھان ۋاقتى 40 مىنۇت ، 50 نومۇر)دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
- جاۋاپ بېرىش كارتىسىدىكى ئۇچۇر نوقتىسى (بوياش ئورنى) نى 2B تىپلىق قېرىنداش قەلەم بىلەن توغرا بوياڭ، قەغەز يۈزىنى مەينەت قىلىۋەتمەڭ ۋە جاۋاپ بېرىش كارتىسىنى قاتلىۋەتمەڭ.
- جاۋاپ بېرىش كارتىسىدىكى ئىمتىھان كېنىشكا نومۇرىنى تولدۇرۇش رايۇنىنى چوقۇم توغرا تولدۇرۇڭ ۋە توغرا بوياڭ، بولمىسا شۇ قېتىملىق ئىمتىھان ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
- ئىسىم-فامىلىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەر (ناھىيە) نىڭ نامىنى جاۋاپ بېرىش كارتىسىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېزىڭ.
- ھەر قايسى سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ، جاۋاپ بېرىش كارتىسىدىكى سۇئال نومۇرىغا ماس بولغان ئۇچۇر نوقتىسى (بوياش ئورنى) نى بوياڭ.ئىمتىھان سۇئالىغا يېزىلغان جاۋاب ئىناۋەتسىز.
- بىرنى تاللاپ جاۋاپ بېرىش سۇئالى (ھەر بىر سۇئالغا 1 نومۇردىن، جەمئىي 40 نومۇر بېرىلىدۇ)
A. بۇزغۇنچىلىق قىلىش B. يۇشۇرۇن بولۇش
C. يۇقۇملىنىش D. ئىممۇنىتېتچانلىق
2. كومپيۇتېردىكى بارلىق ئۇچۇرلار ساقلانغاندا ( ) بۇيىچە ساقلىدۇ.
A. ئونلۇق سىستېمىدىكى سانلار B. ئون ئالتىلىك سىستېمىدىكى سانلار
C. ASCII كودى D. ئىككىلىك سىستېمىدىكى سانلار
3. تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە مەشغۇلات سىستېمىسىغا تەۋە بولمىغىنى ( ).
A. Linux B. Windows C. Unix D. Office
4. تۆۋەندىكى ئۈسكۈنىلەردىن چىقىرىش ئۈسكۈنىسىگە تەۋە بولغىنى ( ).
A. كۇنۇپكا تاختىسى B. مائۇس
C. پرىنتېر D. ئوپتىكىلىق قەلەم5. تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە ( ) ساقلاش سىغىمىنىڭ بىرلىكى ئەمەس.
A. Byte B. MIPS C. KB D. MB
6. تۆۋەندىكى پروگراممىلاردىن قوشۇمچە ماتېرىيال (附件) غا تەۋە بولمىغىنى ( ).
A. ھېسابلىغۇچ(计算器) B. يىزىق تاختىسى(写字板)
C. توردىكى قوشنا(网上领居) D. رەسىم سىزغۇچ(画图)
7. Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا، پۈتۈن ئېكران ( ) دەپ ئاتىلىدۇ.
A. كۆزنەك B. مەشغۇلات سۇپىسى
C. خىزمەت رايۇنى D. ئۈستەل يۈزى
8. «كومپيۇتېر ياردىمىدە ئوقۇتۇش يۇمشاق ماتېرىيالى» نىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ( ).
A. CAM B. CAI C. CAD D. PPT
9. ماگنىتلىق دېسكىنى ( ) دىيىش خاتا.
A. كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى B. چىقىرىش ئۈسكۈنىسى
C. ئىچكى ساقلىغۇچ D. سىرتقى ساقلىغۇچ
10. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ( ).
A. CAD B. CAU C. CPU D. CPR
11. ئوقۇشقىلا بولىدىغان ساقلىغۇچنىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ( ).
A. RAM B. ROM C. DAM D. DOM
12. بىر 3.5 دىيۇيمىلىق يۇمشاق دىسكىنىڭ سىغىمى ( ).
A. 1.44B B. 1.44KB C. 1.44MB D. 1.44GB
13. Windows دا، ( ) ئارقىلىق سىستېما تەمىنلىگەن بارلىق يۇمشاق ماتېرىيال ۋە قاتتىق ماتېرىيال مەنبەلىرىنى بىۋاستە كۆرۈشكە ۋە زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.
A. توردىكى قوشنا B. يىغىش پونكىتى
C. Windows مەنبە باشقۇرغۇچى D. مىنىڭ دوكۇمېنتىم
14. خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە خەت كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ( ) كۇنۇپكىنى بېسىش كېرەك .
A. بوشلۇق + Ctrl B. بوشلۇق Alt +
C. بوشلۇق + Shift D. يۇقىرىدىكلەرنىڭ ھەممىسى خاتا
15. Windows دا، قاتتىق دىسكىدىن لوگىكىلىق ياكى ۋاقىتلىق ئۆچۈرۋىتىلگەن ھۆججەتلەر ( ) غا قويۇلىدۇ.
A. غول مۇندەرىجە ئاستى B. يىغىش پونكىتى
C. كونترول تاختىسى D. ئوپتىكىلىق دىسكا
16. Windows نىڭ كۆزنەك تاقاش كۇنۇپكىسى ( ).
A.