ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئىمتىھان سۇئاللىرى > كومپىيۇتىر سۇئاللىرى > تولۇق مەزمۇنى

كومپيۇتىر ئىمتىھان سۇئالى

ۋاقىت : 2011-08-27 02:12 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : يولۋاس22 | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

كومپيۇتېر ئىمتىھاننىڭ تەقلىدى سۇئاللىرى
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كومپىيۇتىر سەۋىيىسىنى سىناش ئىمتىھانىنىڭ نەزىرىيە ۋە ئەملىيەتتىن تەقلىدى ئىمتىھان سۇئاللىرى
نەزەرىيە ئىمتىھان سۇئالى
I.    بىرنى تاللاپ جاۋاپ بېرىش سۇئالى (ھەر بىر سۇئالغا 1 نومۇردىن، جەمئىي 40 نومۇر بېرىلىدۇ)
1. تۆۋەندىكىلەردىن سىستېما يۇمشاق ماتېرىيالىغا تەۋە بولغىنى(     ).  
A.  WPS            B.  Word                C. DOS            D.  Excel
2. كومپيۇتېر  بىۋاستە تونۇيدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلالايدىغان تىل (     ).
A. ماشىنا تىلى    B. ئالى دەرىجىلىك تىل
C. ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن تىل    D. ئاسسېمبېل تىلى
3. مىكرو كومپيۇتېردا، CPU نىڭ تىپى" P4 2.4G" بولسا، ئۇنداقتا 2.4G ، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ (     ) نى بىلدۈرىدۇ.
A. تىپىنىڭ 2.4G ئىكەنلىكى     
B. ئاساسىي چاستوتىسى 2400MHz ئىكەنلىكى
C. بۇففېر سىغىمىنىڭ 2.4G ئىكەنلىكى     
D. ھېسابلاش سۈرئىتىنىڭ 2.4G MIPS ئىكەنلىكى
4. تۆۋەندىكى ساقلىغۇچلاردىن ساقلاش ۋە ئوقۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى (
     ).
A. ئىچكى ساقلىغۇچ    B. قاتتىق دىسكا
C. ئوپتىك دىسكا    D. يۇمشاق دىسكا
5. تۆۋەندىكلەردىن كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تەۋە بولمىغىنى (     ).
A. بۇزغۇنچىلىق قىلىش                                 B. ئىممۇنىتېتچانلىق
C. يۇقۇملىنىش                                            D. يوشۇرۇن بولۇش
6. كومپيۇتېردا، 1GB (      ) ئۇچۇرنى ئىپادىلەيدۇ.
A. 1024 كىلو بايت    B. 1024K دانە خەنزۇچە خەت
C. 1024 مىگا بايت    D. 1024M دانە خەنزۇچە خەت
7. كومپيۇتېردا (     ) غا ساقلانغان ئۇچۇرلار كومپيۇتېرنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن يوقىلىپ كېتىدۇ.
A.  ROM             B.  RAM        C. قاتتىق دىسكا             D.  يۇمشاق دىسكا
8. تۆۋەندىكى ئۈسكۈنىلەردىن كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسىگە تەۋە بولمىغىنى (      ).
A. ئېكران                                                   B. مائۇس  
C. سكاننېر    D. كۇنۇپكا تاختىسى
9. Windows دا، ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ سىنبەلگىلىرىنىڭ كۆرسىتىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن (     ) تىزىملىكىدىكى بۇيرۇقنى تاللايمىز.
A. «文件» (ھۆججەت)                                 B. «编辑» (تەھرىرلەش)
C. «工具» (قورال)                                      D. «查看» (تەكشۈرۈپ كۆرۈش)
10. Windows دا، ھۆججەت نامىغا ئاساسەن ھۆججەت ئىزدەشتە، (    ) بەلگىسى خالىغان بىر ھەرپكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
A.  ?                    B.  *            C. !              D.  %
11. Windows نىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەرنى قايتا رەتلەپ تىزىشتا، ئالدى بىلەن مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقلىق (     ) نىڭ بوش ئورنىنى تاق چىكىش كېرەك.
A. ئۈستەل يۈزى                                         B. ۋەزىپە ئىستونى
C. ئېچىلغان كۆزنەك                                    D. "باشلاش" تىزىملىكى
12. Windows دا، نۆۋەتتىكى ھۆججەت قىسقۇچتىكى بارلىق ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنى تاللاش ئۈچۈن، (       ) بىرىكمە كۇنۇپكىسىنى باسساقمۇ بولىدۇ.
A.  Ctrl+V              B.  Ctrl+A         C. Ctrl+X         D.  Ctrl+C
13. Windows دىكى "دىسكا بوشلۇقىنى رەتلەش پروگراممىسى" نىڭ ئاساسلىق رولى (      ).
A. بۇزۇلغان دىسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش               B. دىسكا بوشلۇقىنى كىچىكلىتىش
C. ھۆججەت زىيارەت قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش     D. دىسكا بوشلۇقىنى چوڭايتىش
14. Windows دىكى يىغىش پونكىتى ئەمەلىيەتتە (     ).
A. ئىچكى ساقلىغۇچ رايونى                         B. دوكۇمېنت
C. قاتتىق دىسكىدىكى بوشلۇق       D. ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنىڭ تېزلەتمە شەكلى
15. Windows دا، (     ) ۋە PrintScreen كۇنۇپكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا بېسىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى كېسىپ چاپلاش تاختىسىغا كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.
A.  Alt           B.  Ctrl          C. Tab        D.    Shift
16. Windows نىڭ "باشلاش" تىزىملىكىدە، يېقىندا ئىشلىتىلگەن ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن (      ) نى تاللاش كېرەك.
A. «程序» (پروگرامما)                                 B. «文档» (دوكۇمېنت)
C. «查找» (ئىزدەش)                                      D. «运行» (ئىجرا قىلىش)
17. Windows دا، ۋەزىپە ئىستونى ئارقىلىق تاماملاشقا بولمايدىغان مەشغۇلات (     ).
A. سىستېمىنىڭ چېسلاسى ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش
B. ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەرنى رەتلەش
C. كۆزنەكلەرنى تىزىش ۋە ئالماشتۇرۇش
D. "باشلاش" تىزىملىكىنى قوزغۇتۇش
18. Windows دا، ئەگەر تىزىملىكتىن كەينىدە (...) بەلگىسى بار تىزىملىكنى تاللىساق (     ).
A. بۇ تىزىملىك بۇيرۇقى ئىجرا بولىدۇ
B. تارماق تىزىملىك ئېچىلىدۇ
C. بۇ تىزىملىك ئەزا  تاللىنىدۇ.
D. بىر دىئالوگ رامكا  ئېچىلىدۇ
19. Word دا، بىر قۇر يېزىقنى تاللىغاندىن كېيىن مائۇسنى سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆچۈرۈشتە، (     ) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇش كېرەك.
A.  Esc                B.  Ctrl          C. Alt        D.    Shift
20. Word دا، دوكۇمېنت ABC نى ئېچىپ تەھرىرلىگەندىن كېيىن نامىنى ABD غا ئۆزگەرتىپ ساقلىساق، دوكۇمېنت ABC (      ).
A. دوكۇمېنت ABD تەرىپىدىن قاپلىنىدۇ
B. ئۆزگەرتىلىدۇ، لېكىن ئېتىلمەيدۇ
C. ئۆزگەرتىلىدۇ ھەم ئېتىلىدۇ
D. ئۆزگەرتىلمەيدۇ، ئەمما ئېتىلدۇ
21. Word دا، ماقالىدىكى بارلىق "计算机" نى "Computer" غا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، (      ) بۇيرۇقىنى ئىشلىتىمىز.  
A. خەنزۇچە–ئېنگلىزچە ئايلاندۇرۇش (中英文转换)   B. ئۆزگەرتىپ يېزىش (改写)
C. چاپلاش (粘贴)                                D. ئالماشتۇرۇش (替换)
22. Word نىڭ تەھرىرلەش ھالىتىدە، خەت نومۇرىنىڭ چوڭ–كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرۇشقا ئائىت تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى(     ).
A. "四号" خەت "36" قاداقلىق خەتتىن چوڭ
B. "四号" خەت "五号" خەتتىن چوڭ
C. "36" قاداقلىق خەت "48" قاداقلىق خەتتىن چوڭ
D. "五号" خەت "36" قاداقلىق خەتتىن چوڭ
23. Word نىڭ تەھرىرلەش ھالىتىدە، مەلۇم ئابزاسنى سولغا توغرىلىغاندىن كېيىن، قورال ئىستونىدىكى   كۇنۇپكىسىنى ئىككى قېتىم باسساق، توغرىلىنىش شەكلى (      ) بولىدۇ.
A. ئىككى ئۇچقا توغرىلىنىش (两端对齐)        B. ئوتتۇرىغا توغرىلىنىش (居中)
C. ئوڭغا  توغرىلىنىش (右对齐)                        D. تارقاق توغرىلىنىش (分散对齐)
24. Word دا، كىرگۈزۈش نوقتىسى جەدۋەلدىكى مەلۇم قۇرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كاتەكچىسى ئىچىدە تۇرغاندا، Enter كۇنۇپكىسىنى باسساق (      ).
A. قىستۇرۇش نۇقتىسى تۇرۇشلۇق قۇر ئېگىزلەيدۇ
B. قىستۇرۇش نۇقتىسى تۇرۇشلۇق ئىستون كېڭىيىدۇ
C. جەدۋەلدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ
D. كىرگۈزۈش نوقتىسى تۇرۇشلۇق قۇر ئاستىغا بىر قۇر قوشۇلىدۇ
25. تۆۋەندىكى Excel فورمۇلالىرى ئىچىدە توغرىسى (     ).
A. =B2*Sheet2!B2              B. =2B*Sheet2!B2
C. =B2*Sheet2$B2
          D. =2B*Sheet2:B2     
26. Excel خىزمەت جەدۋىلىدىكى سانلىق–مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتسەك، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دىئاگرامما (     ).
A.ئۆزگەرمەيدۇ                                      B. ئۆزگىرىشى مۇمكىن
C. تەڭشىگەندىن كېيىن ئۆزگىرىدۇ             D. ئاپتۇماتىك ئۆزگىرىدۇ
27. يېڭى قۇرۇلغان Excel خىزمەت دەپتىرى (     ) دانە خىزمەت جەدۋىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
A.  1             B.  256               C. 65536         D. 3
28. Excel قوزغىتىلغاندىن كېيىن، (      ) ناملىق بىر خىزمەت دەپتىرى ئاپتۇماتىك قۇرۇلىدۇ.  
A.  文档1              B.  Sheet1        C. Book1         D. Excel1
29. Excel خىزمەت جەدۋىلىنىڭ مەلۇم بىر كاتەكچىسىگە ھەرپ–بەلگە تىزىقى "0123" نى كىرگۈزۈشنىڭ توغرا ئۇسۇلى (      ).
A.  0123           B.  ‘0123         C. =0123              D. “0123
30.
PowerPoint
كۆرسەتمە ئورىگىنال ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى (     ).
A.  ppt           B.  pwt         C. xls              D. doc
31. PowerPoint نىڭ پرويېكسىيە پلاستىنكىسىغا كۆز يۈگۈرتۈش كۆرمە سۈرەت ھالىتىدە تاماملاشقا بولمايدىغان مەشغۇلات (     ).
A. پىلاستىنكىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش
B. پىلاستىنكىنى ئۆچۈرۈش
C. پىلاستىنكا مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش
D. پىلاستىنكىنى كۆچۈرۈش
32. PowerPoint دا، «自定义动画» (ھەرىكەتنى ئۆزى بەلگىلەش) ئارقىلىق بەلگىلەشكە بولمايدىغان مەشغۇلات (     ).
A. ئوبيېكتنىڭ قويۇلۇش سۈرئىتى
B. ئوبيېكتنىڭ قويۇلۇش تەرتىپى
C. پرويېكسىيە پىلاستىنكىسىنىڭ ئالمىشىش ئۈنۈمى
D. ئوبيېكتنىڭ قويۇلۇش ئۈنۈمى
33. پرويېكسىيە پىلاستىنكىسىنى قويۇشتىن توختۇتۇش ئۈچۈن (      ) كۇنۇپكىنى بىۋاستە باسساقمۇ بولىدۇ.  
A.  Ctrl+C          B.  Esc         C. End              D. Del+F4     
34. تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلاردىن پرويېكسىيە پىلاستىنكىسىنى قويالمايدىغىنى(      )
A. كـۆرمە سـۈرەت (视图) تىزىملىكىدىكى پرويېكــسىـيە پىلاســتىنكىــسىغا كۆز يـۈگۈرتـۈش (幻灯片浏览) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش
B. پرويېكـــسىيە پىلاستـــىنكىسىنى قويۇش (幻灯片放映) تىزىملىكىدىكى قويــۇپ كــۆرۈش (观看放映) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش
C. F5 كۇنۇپكىسىنى بىۋاستە بېسىش
D. ئاساسىي كۆزنەكنىڭ سول ئاستىنقى بۇلۇڭىدىكى پرويېكسىيە پىلاستىنكىسىنى قويۇش (幻灯片放映) كۇنۇپكىسىنى بېسىش  
35. تۆۋەندىكىلەردىن كۆپ مېدىئالىق كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق ماتېرىيال سەپلىمىسىگە تەۋە بولمىغىنى(     ).
A. ئاۋاز كارتىسى                                      B. سۈرەت كارتىسى
C. ئوپتىكىلىق دىسكا قوزغاتقۇچ                     D. مەخپىي سىفىرلاش كارتىسى
36. تور ئۇزىتىش سۈرئىتىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى (      ).
A. سېكۇنت/كۆرۈنۈش                                 B. سېكۇنت/ھۆججەت
C. سېكۇنت/بىت                                        D. سېكۇنت/مېتىر
37. تۆۋەندىكىلەردىن (     ) ئېلېكترونلۇق يوللانما ئادرېسى.
A. www.263.net.cn                      B. cscc@263.net
C. 192.168.0.100                                   D. http://www.sohou.com
38. تۆۋەندىكى ئىنتېرنېت رايون ناملىرى ئىچىدە،(      ) ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.
A.  com            B.  edu            C. gov                   D. net
39. ئىنتېرنېتتا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئۆلچەملىك تور كېلىشىمى (      )
A.  TCP/IP        B.  CSMA/CD       C.IPX/SPX            D. NetBEUI     
40. نۆۋەتتە، تور ئۇزىتىش ۋاستىلىرى ئىچىدە ئۇزىتىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى (      ).
A. قوش ئوراملىق سىم (双绞线)                  B. ئورتاق ئوقلۇق كابېل (同轴电缆)
C.نۇر كابېل (光缆)                                  D. تېلېفۇن سىمى (电话线)

II.    توغرا-خاتالقىغا ھۆكۈم قىلىش سۇئالى (ھەر بىر سۇئالغا 1 نومۇردىن، جەمئىي 10 نومۇر بېرىلىدۇ)
1. Word نىڭ فورمات چوتكىسى ئارقىلىق يېزىقنىڭ فورماتىنى كۆچۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئابزاسنىڭ فورماتىنىمۇ كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.      (     )
2. Excel نىڭ خىزمەت جەدۋېلى بىر مۇستەقىل ھۆججەت.     (     )
3. كۆرسەتمە ئورىگىنالى ئىچىدىكى ۋاقتىنچە قويۇلمايدىغان پرويېكسىيە پىلاستىنكىلىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق يۇشۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ.     (      )
4. كۆپ ئۇچرايدىغان كۆرۈنمە چاستۇتا (视频) ھۆججەت فورماتلىرىدىن: AVI, MPEG, JPG قاتارلىقلار بار.     (     )
5. بىر ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە دوكۇمېنت my.doc ۋە MY.DOC نى تەڭ ساقلاشقا بولمايدۇ.    (     )
6. كۆپ دوكۇمېنت ئېچىلغان ھالەتتە، "ھۆججەت" تىزىملىكىدىكى "ئېتىۋېتىش" بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق، بارلىق ھۆججەتلەر ئېتىلىدۇ.    (    )
7. ئەگەر كومپيۇتېردىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھۆججەتلەرنى ئىجرا قىلمىساق، كومپيۇتېر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.    (     )
8. كەڭ دائىرلىك تورنىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى LAN .     (     )
9. كومپيۇتېرنى ئىنتېرنېتقا ئۇلىغاندا، چوقۇم مودېم (Modem) دىن پايدىلىنىش ناتايىن.    (      )
10. Windows نىڭ ئۈستەل يۈزى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەلۇم بىر دوكۇمېنت  كۆزنىكىنى كۆرسىتىدۇ.       (      )


مەشغۇلات ئىمتىھان سوئالى

1. (3 نومۇر) D دىسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىمتىھان كىنىشكا نومۇرى بىلەن ئىسمىڭىزنى ھۆججەت نامى قىلىپ بىر ھۆججەت قىسقۇچ تۇرغۇزۇڭ. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھۆججەت قىسقۇچى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىمتىھان كىنىشكا نومۇرى 0010 بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىسمىنى ئالىم دىسەك، ئۇنىڭ ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ نامىAlim 0010 بولۇشى كېرەك.

2. (12 نومۇر) دوكۇمېنت c:jskhjiaoxuetiyuolympic-2.doc نى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن 7– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تونۇشتورۇلغان تېما ۋە مەزمۇننى يېڭى دوكۇمېنتقا كۆچۈرۈپ، تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن ئىسمىڭىزنى ھۆججەت نامى قىلىپ ھۆججەت قىسقۇچىڭىزغا ساقلاڭ.
1) دوكۇمېنتتىكى بارلىق مەزمۇننى ئوڭدىن سولغا يۆنىلىشتە تىزىپ، يېزىقنىڭ رەڭگىنى كۆك رەڭگە ئۆزگەرتىڭ.
2) دوكۇمېنتقا "ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى" دىگەن خەتنى ماۋزو قىلىپ كىرگۈزۈڭ، ھەمدە قۇرنىڭ ئوتتۇرىغا توغرىلاپ خەت نومۇرىنى 20، خەت نۇسخىسىنى UKK Unicode Esliye قىلىڭ.
3) دوكۇمېنتتىكى تېكىستنىڭ قۇر ئارىلىقىنى 23 قاداق قىلىپ بەلگىلەڭ.

3. (15 نومۇر) خىزمەت دەپتىرى c:jskhjiaoxueguanlichengji-1.xls.xls نى ئېچىپ، تۆۋەندىكى  تەلەپلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن ئىسمىڭىزنى ھۆججەت نامى قىلىپ ھۆججەت قىسقۇچىڭىزغا ساقلاڭ.  
1)  natijaخىزمەت جەدىۋىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىىسىگە ئاساسەن ئوتتۇرىچە نومۇرى ۋە ئومۇمىي نومۇرىنى ھېسابلاڭ، ئوتتۇرىچە نومۇرى كەسىر چېكىتىدىن كېيىن ئىككى خانىغىچە ئېلىنسۇن.
2) natija خىزمەت جەدۋىلىنىڭ «نومۇرى» ئىستونىنى "0001" دىن باشلانغان تەرتىپ نومۇرى بىلەن تولدۇرۇڭ .
3) جەدۋەلنىڭ ئۈستىگە بىر قۇر قىستۇرۇپ، كەتەكچىلەرنى بىرىكتۈرگەندىن كېيىن "ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسى" دىگەن خەتنى تېما قىلىپ كىرگۈزۈڭ، ھەمدە تېمىنىڭ خەت نومۇرىنى 22، خەت نۇسخىسىنى UKK Unicode Kufi   قىلىپ بەلگىلەڭ .  

4. (15 نومۇر) كۆرسەتمە ئورگىنالىc:jskhjiaoxuemingrenYusufu.ppt  نى ئېچىپ، تۆۋەندىكى  تەلەپلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن ئىسمىڭىزنى ھۆججەت نامى قىلىپ ھۆججەت قىسقۇچىڭىزغا ساقلاڭ.
1)  پرويېكسىيە پلاستىنكىلىرىغا ھەر ئىككى سېكونىتتا ئۆزى ئاپتوماتىك ئالمىشىدىغان بەت ئالمىشىش ئۈنۈمى لايىھىلەڭ.
2) ئۈچىنچى پرويېكسىيە پلاستىنكىسىغا رەسىم yusup has hajip.jpg نى قىستۇرۇڭ، ھەمدە چوڭ–كىچىكلىگىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ. (رەسىمنى  c:jskh jiaoxuemingrentupian دىن ئېلىڭ).
3) ئىككىنچى پرويېكسىيە پلاستىنكىسىدىكى "يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمى" دىگەن خەتكە ئۈچىنچى پرويېكسىيە پلاستىنكىسىغا ئۇلىنىدىغان ئۇلترا ئۇلىنىش بەلگىلەڭ.  

5. (5 نومۇر) ھۆججەت قىسقۇچ  c: jskh دىن ئاۋاز ھۆججىتى 国歌.wav نى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ ھۆججەت قىسقۇچىڭىزغا كۆچۈرۈڭ.

مەنبە:مىسرانىم مۇنبرىدىنdolanlikيازمىسى

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(7)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«كومپيۇتىر ئىمتىھان سۇئالى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
xingfudejia844108 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-25 14:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-09-29 21:09
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ