ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > پىلان-لاھىيە > باشقا تۈرلۈك پىلان، لاھىيەلەر > تولۇق مەزمۇنى

مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقنى ياخشىلاش پىل

ۋاقىت : 2012-12-13 23:26 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : سھىرھ | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

xxxx  مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقنى ياخشىلاش پىلانىنى

يولغا قويۇش لايىھىسى

مەركەزنىڭ پۇتۇن مەملىكەتتكى يىزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقنى ياخشىلاش پىلاننى ۋەگۇۋۇيەننىڭ يىزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقنى ياخشىلاشنى يولغا قۇيۇش خىزمەت يىغنىڭ تەلىۋى، 2011-يىل 12-ئاينىڭ 13-كۇنىدىن 16-كۇنىگىچەگەنسۇ ئولىكسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە ئىچىلغان پۇتۇن مەملىكەتتىكى يىزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقنى ياخشىلاش پىلاننى يولغا قۇيۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەربىيەلەش يىغىننىڭ ۋە يەكەن ناھىيىلك مائارىپ ئىدارسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىن ھۆججەتلىرنىڭ روھىىغا ئاساسەن مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالنى ئاساس قىلىپ يىزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقنى ياخشىلاش پىلاننىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئوزۇقلىنىشى،ساغلام يىتىلشنى ياخشىلاپ تەن سۇپىتنى يۇقىرى كوتۇرۇپ كەلگۇسىگە ياخشى ئۇل سىلىشنى مەخسەت قىلىپ چارەك كونائاۋات  مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھىسى تۇزۇپ چىقىلدى.

بىرىنچى، تەشكىلى رەھبەرلىك:

مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلىقنى ياخشىلاش پىلانىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركۈنى ياخشى ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەكتەپتە ياخشى بولغان تاماق تەمىنلەش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تاماق سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چارەك كونائاۋات  مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلىقنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى قۇرۇپ چىقىلدى.

1)گورۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

گورۇپپا باشلىقى: xxxx(يېزىلىق پارتىكومنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى، مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل يىزا رەھبىرى)

مۇئاۋىن گورۇپپا باشلىقى:xxxx(مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى)

ئەزالىرى:

xxx(مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى)

xxx(مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى)

xxx (مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ ئېنتىزام ھەيئىتى، سىياسى مۇدىر)

xxx(مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ ھەيئىتى، مۇئاۋىن سىياسى مۇدىر)

xxx(مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ ھەيئىتى، ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى)

xxx(مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ ھەيئىتى، مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىر)

xxx(ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ شۇجىسى)

xxx(مەكتەپنىڭ ھېساپ مەلۇماتچىسى)

2)رەھبەرلىك گورۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى:

xxxx: يېزىلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىغا ۋاكالىتەن، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلىقنى ياخشىلاش خىزمىتى ئومۇمى جەھەتتىن يىتەكچىلىك قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئاتا-ئانىلارنى باشقۇرۇش، يىتەكلەش، ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل.

xxxx: مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقنى ياخشىلاش خىزمىتىنىڭ كونكىرىت خىزمەتلىرىگە مەسئۇل، قەرەللىك تۈردە رەھبەرلىك گورۇپپا ئەزالىرىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىش، تەشكىللەش، تاماق سۈپىتىنى، يىمەكلىك سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، يولغا قويۇش داۋامىدا كېلىپ چىققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىللەرنى ھەل قىلىش، يۇقىرغا دوكلات قىلىشقا مەسئۇل.

xxxx: مەكتەپ مۇدىرىغا ياردەملىشىپ ۋە ماسلىشىپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ رەھبەرلىك گورۇپپا ئەزالىرى يىغىنىنى چاقىرىش، گورۇپپا ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، تاماق ۋە يىمەكىلىك سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، رەھبەرلىك گورۇپپا ئىشخانىسى ئەزالىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ساقلانغان مەسىللەرنى يەكۈنلەپ، كىيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل.

xxxx: مەكتەپ مۇدىرىغا ماسلىشىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلىقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتى داۋامىدىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئاساسلىقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇ پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارغا ئاشلىقنى قەدىرلەش، پۇرسەتنى قەدىرلەش، بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۆلۈم ئەزالىرىدىن مەزكۇر رەھبەرلىك گورۇپپىغا قاتناشقان ئەزالارغا قارتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدىكى خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

xxxx: نوقتىلىق قىلىپ، تاماق سۈپىتى ۋە باھاسىنى نازارەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ۋە تاماق تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ تاماق ۋە يىمەكلىك تەمىنلەش تەرتىپى ۋە ئۇسۇلىنى ھەردائىم نازارەت قىلىش، قەرەللىك تۈردە سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن پىكىر ئېلىش، پىكىرنى خۇلاسىلەپ رەھبەرلىك گورۇپپىغا سۇنۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئەرزىيەت، قىزىق نوقتا مەسىللىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا، پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى بېكىتىش، تۇراقلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار داۋامى قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرگە، رەھبەرلىك گورۇپپا ئىشخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان باشقا خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

xxxx: يولداش مەمەت يۈسۈپنىڭ رەھبەرلىك گورۇپپىدىكى خىزمەتلىرىگە ماسلىشىپ، باشلانغۇچ بۆلۈمنىڭ بۇ تۈردىكى خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

xxxx: مەكتەپ مۇدىرىغا ماسلىشىپ، رەھبەرلىك گورۇپپا ئىشخانىسنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئاساسلىقى: تاماق ۋە يىمەكلىك تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشش، نازارەت قىلىش، تارقىتىش ۋە تەمىنلەشنى تەشكىللەش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل.

xxxx: مەكتەپنىڭ تەشۋىقات ۋە تازلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، تۇرسۇنگۈل ھاشىمنىڭ خىزمەتلىرىگە ماسلىشىدۇ. نوقتىلىق قىلىپ، ئاشخانىنىڭ تازلىقىنى نازارەت قىلىش، سىنىپلارنىڭ مۇھىتىنىڭ ھەر ۋاقىت پاكىزە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى تازلىقىنى،بولۇپمۇ قولنىڭ تازلىقىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ، شەخسى تازلىقتا ساقلانغان مەسىللەرنى ھەل قىلىدۇ.

xxxx: تاماق ۋە يىمەكلىك تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشش، سۈت ۋە تۇخۇم قاتارلىق ھۆكۈمەت سېتىۋىلىش شەكىلى ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان خام ماتىريال ۋە تەييار يىمەكلىكلەرنى سېتىۋىلىش پىلانىنى يوللاش، سېتىۋىلىش، ئامبارغا كىرگۈزۈش، ھېساپ يوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

3)رەھبەرلىك گورۇپپا قارمىقىدا ئىشخانا تەسىس قىلىنىدۇ، ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلقنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىىدىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، باشقۇرۇش، تەمىنلەش، تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش، خۇلاسىلەش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرئىشلىنىدۇ.

ئىشخانا مۇدىرى: xxxx (ئىشچىلار ئويۇشمىىسىنىڭ رەئىسى، مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل)

ئەزالىرى:

xxxx (مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل،نوقتىلىق قىلىپ، پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدا ھەركۈنى مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە يىمەكلىك تەمىنلىگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تاماق، سۈت، تۇخۇم ئەۋرىشكىسىنى 48سائەت ساقلاش تۈزۈمىنىڭ ئەمىلىلىشش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا مەسئۇل)

xxxx (سىياسى بۆلۈم مۇدىرى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل)

xxxx (مۇئاۋىن سىياسى بۆلۈم مۇدىرى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل)

xxxx (ھېساپ مەلۇماتچى، تاماق ۋە يىمەكلىك تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشش، سۈت ۋە تۇخۇم قاتارلىق ھۆكۈمەت سېتىۋىلىش شەكىلى ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان خام ماتىريال ۋە تەييار يىمەكلىكلەرنى سېتىۋىلىش پىلانىنى يوللاش، سېتىۋىلىش، ئامبارغا كىرگۈزۈش، ھېساپ يوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.)

xxxx (ساقلىق ساقلاش خادىمى، پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارغا قارتا ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، جىددى ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يۇقىرغا يوللاش، خاتىرلەش خىزمىتىگە مەسئۇل)

xxxx (مەكتەپنىڭ توك يول بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل)

xxxx (ئامبارچى، ئارقا سەپ خادىمى، خىزمەتلەرگە ماسلىشىپ، ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.)

نازارەت قىلىش تەكشۇرۇپ ئوقۇشۇش گۇرۇپپسى:

گۇرۇپا باشلىق: xxxx (مەكتەپ پارتىيە ياچايىكسنىڭ ھەيئىتى،پارتىيە قۇرلۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)

ئەزالىرى: بارلىق سىنىپ مۇدىرلىرى

تاماق سۈپىتى ۋە باھاسىنى نازارەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، تاماق تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ تاماق ۋە يىمەكلىك تەمىنلەش تەرتىپى ۋە ئۇسۇلىنى ھەردائىم نازارەت قىلىش، قەرەللىك تۈردە ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن پىكىر ئېلىش، پىكىرنى خۇلاسىلەپ رەھبەرلىك گورۇپپىغا سۇنۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئەرزىيەت، قىزىق نوقتا مەسىللىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل

ئىككىنچى، مەزمۇنى ۋە ئۆلچىمى:

يۇقىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھوججەتلىرنىڭ رۇھىغا ئاساسەن مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى توۋەندىكىچە: مەكتىۋىمىز توققۇز يىللىق تۇزۇمدىكى مەكتەپ بۇلۇپ مەكتىۋىمىزگە xxxx ناھىيە xxxx بازار تەۋەسىدىكى ئالتە كەنتتىن جەمئى1213 نەپەر ئوقۇغۇچى كىلىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە  تولۇقسىز قىسمىدا 357نەپەر ئوقۇغۇچى  بۇنىڭ ئىچىدەياتاقتا يىتىپ ئوقۇيىدىغان ئوقۇغۇچى 50نەپەر باشلانغۇچ قىسمدا 856نەپەر ئوقۇغۇچى بۇنىڭ ئىچىدە ياتاققتا يىتپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى54 نەپەر بولۇپ جەمئى 104 نەپەر ئوقۇغۇچى ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيىدۇ .

مەكتەپ ئاشخانسىنىڭ ئەھۋالى: مەكتەپ ئاشخانسىنىڭ كولىمى105كۇۋادىرات مىتر بولۇپ ئاشخانا شارائىتى ياخشى،ئاشخانىدا كىرەكلىك بولىغان قاتتىق دىتال قۇرۇلىشى ئولچەمگە يىتىدۇ.

مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق بىلەن تەمنىلەش ئورنى مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاشخانسىدا بولىدۇ. تاماقنى مەخسۇس ئاشپەزتەمنىلەيدۇ. تاماقلىنىش ئورنى ئاشخانىدا بولىدۇ.

يۇقىرنىڭ ئولچىمى بۇيچە ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيىدىغان تولۇقسىز قىسىمدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىر كۇنلىكى ئوچۇن 8يۇۋەندىن باشلانغۇچ قىسىمدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىر كۇنلىكى ئوچۇن 7 يۇۋەندىن تاماق بىلەن تەمنىلەش قىلىنىدۇ.

تولۇقسىز قىسىمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق خىراجىتىنىڭ چىقىم قىلنىشى جەھەتتە ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدىغان 50نەپەرئوقۇغۇچىدىن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەتىگەنىلك تاماق خراجىتى1.50يۇۋەندىن چۇشلۇك تاماق خىراجىتى 3.50يۇۋەندىن كەچلىك تاماق خىراجىتى3.00يۇۋەندىن بولىدۇ.

باشلانغۇچى قىسىمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق خىراجىتىنىڭ چىقىم قىلنىشى جەھەتتە ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدىغان 54نەپەرئوقۇغۇچىدىن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەتىگەنىلك تاماق خراجىتى1.50يۇۋەندىن چۇشلۇك تاماق خىراجىتى 2.50يۇۋەندىن كەچلىك تاماق خىراجىتى3.00يۇۋەندىن بولىدۇ.

ياتاقتا ياتمايىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق بىلەن تەمنىلەش ئورنى:مەكتەپ ئاشخانىسدا بولىدۇ.تاماقلىنىش ئورنى ھەرقايسى سىنىپلار بولىدۇ.

يۇقىرنىڭ ئولچىمى بۇيچە ياتاقتا ياتمايىدىغان چۇشلۇكى ئائىلىسىگە قايتمايىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تولۇقسىزقىسىمىدىكى 307نەپەرئوقۇغۇچىىغا قارتا ھەر كۇنلىك تاماق خىراجىتى3.00يۇۋەن بولىدۇ.

ياتاقتا ياتمايىدىغان چۇشلۇكى ئائىلىسىگە قايتمايىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن باشلانغۇچ قىسىمىدىكى 802نەپەرئوقۇغۇچىىغا قارتا ھەر كۇنلىك تاماق خىراجىتى3.00يۇۋەن بولىدۇ.

ئۈچىنچى،تاماق تەمىنلەش ئۇسۇلى ۋە شەكلى:

 مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق بىلەن تەمنىلەش ئورنى مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاشخانسىدا بولىدۇ. تاماقنى مەخسۇس ئاشپەزتەمنىلەيدۇ. تاماقلىنىش ئورنى ئاشخانىدا بولىدۇ.

ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۇندىلىك تاماقلىنش ئەھۋالىغا ئاساسەن كۇندىىلك ئۇچ قىتىملق تاماقلىنىشغا ئلىمى بولغان مۇۋاپىق بولغان تاماق سەتكىسى تۇزۇلۇپ تاماق تۇرى ۋە باھاسى ئاشكارا بولىشقا كاپالەتلىك قىلىندۇ.كۇندىلىىك ئۇچ قىتىملىق تاماق باھاسىغائاساسەن تاماق بىلىتى تۇزۇلۇپ ھەپتىلك تاماق بىلىتى ئالدىن تارقىتىش ئاشپەز تاماق بىلىتىگە ئاساسەن تاماق سىتىپ بىرش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق سۇپىتى تاماق مىقدارىغا قارتا ھەپتىدە بىرقىتىم پىكىر-تەكلىپ ئىلش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.

ياتاقتا ياتىمايىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇخۇم بىلەن سۈت تەمىنلەش ئورنى:مەكتەپ ئاشخانىدا بولىدۇ.تاماقلىنىش ئورنى ھەرقايسى سىنىپلار بولىدۇ.تاماق تەمنىلەش شەكلى جەھەتتە سىنىپلار بويچە تىزىمىلككە ئاساسەن تارقىتىپ كۇنلىكى يوقلىما قىلىش ھەپتىدە بىرقىتى ئىمزا قۇيۇش ئىلىپ بىرلىدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەردائىىم ئاشكارلاش ئىلىپ بىرلىدۇ.

تۆتىنچى،ئالاقىدار تەلەپلەر:

«يىمەكللىك تازلىق قانۇنى»،«مەكتەپ سەھيە خىزمىتى نىزامى»،«مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپ غىزالىنىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»شۇنىڭدەك ئاپتۇنۇم رايۇن،ۋىلايەت،ناھيىلىك مائارىپ،سەھيە تارماقلرنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئاساسەن مەكتەپ ئاشخانىسنى باشقۇرۇشنى تىخمۇ كۇچەيىتىپ يىمەكلىك ۋە ئىچملىك سۇ تازلىقى بىخەتەرىلكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ يىمەكلىك مەنبەلىك،ئىچىملىك سۇ مەنبەلىك كىسەللكنىڭ تارقىلىشى ۋە يىمەكلكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جسمانى ساغلاملىقى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ نۇرمال ئۇگۇنۇش،تۇرمۇش،ۋە خىزمەت تەرتىۋىنى قوغداپ مەكتۋىمىزنىڭ مەكتەپ ئاشخانىسى،يىمەكىلك تازلىقىنى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى تۇزۇملەشتۇرۇپ ئىمىيلاشقان،قىلىپلاشقان ھالدا نۇرمال،تەرتىپلىك ئىلىپ بىرش ئۇچۇن رەھبەرلىك گۇرۇپپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تىخمۇچۇڭقۇرلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەيمىز،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاش خىزمىتىنى مەكتەپ كۇندىلىك خىزمەتلىرنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى كۇنتەرتىۋىگە كىرگۇزۇپ مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنش شارائىتىيىنى ئەڭ ياخشى شارائىت ئەڭ ياخشى كاپالەت بىلەن تەمنىلەيمىز.

بۇنىڭ ئۇچۇن مەكتەپتىكى مەكتەپ مۇدىرى باشلامچىلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنشىغا كوڭول بولىدىغان باشقىلار كۇنكىرتنى خىزمەتلەرنى ئوز مەسئۇلىتىيى دائىرىسىدە قانات يايدۇردىغان،كەيپىيات يارتىلىدۇ.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سەھرا تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31 11:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-10-20 17:10
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ