ئانا تىلىم مەن سېنى سۆيىمەن

ۋاقىت : 2012-03-28 16:09│ مەنبەسى : رادىئو تورى│ يوللىغۇچى : admin│ كۆرۇلىشى : قېتىم

ئانا تىلىم مەن سېنى سۆيىمەن

 

ئىلمىنۇر كېرەم

                

ئەي ئانا تىلىم، ئانام بەرگەن تىل مەن سېنى ئاڭلىسام ئانامنىڭ ئوتلۇق يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن، سېنى سۆزلىسەم شۇ سادايىمنى ياڭراتقاندەك بولىمەن. مۇئەللىم بىزگە «ئانا تىلنى سۆيگەنلىك، ئۆزىنى، مىللىتىنى سۆيگەنلىك»دەپ نەسىھەت قىلاتتى. مەن ھەر قېتىم سېنى ئاڭلىسام، مۇئەللىمىمىزنىڭ بۇ نەسىھىتى قۇلاق تۈۋۈمدە مۇڭلۇق ياڭرايدۇ.

ئەي ئانا تىلىم! ھازىر بىز سېنى قەدىرلەپ ئۆگىنىۋاتىمىز. ئەمما بەزى ساۋاقداشلار مەكتەپ مۇدىرىنى «شوجاڭ»، سىنىپ مەسئۇلىنى «بەنجۇرېن»، دەرس مۇنبىرىنى «جاڭتەي»... دەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا تېلېۋىزورنى «دەنشى»، تاللا بازىرىنى «چاۋشى»، توڭلاتقۇنى «بىڭ شىئاڭ»...دېگەندەك ئاتاشلارنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.

مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتىماتوف «كۆپ تىلنى بىلىش شەرەپ، ئانا تىلنى ئۇنتۇش جىنايەت» دېگەن. كۆپ تىلنى بىلىش ھەقىقەتەن شەرەپ، بولۇپمۇ، ھازىر خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۆگىنىش، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشتە، ھەرقايسى پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز، شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداشمۇ بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. ئانا تىلىمىزنى سۆيەيلى، قەدىرلەيلى! تىلىمىزدا ساقلىنىۋاتقان نۇقسانلارنى تۈزىتىپ، ئانا تىلىمىزنى كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسىرايلى، ئانا تىلىم مەن سېنى سۆيىمەن!

 

(ئاپتورى كورلا شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ باشلانغۇچ بۆلۈم 5-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)

( تەھرىر : admin)