ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى

ۋاقىت : 2015-02-05 19:09│ مەنبەسى : 未知│ يوللىغۇچى : admin│ كۆرۇلىشى : قېتىم

    ئۇيغۇرلار قەدىمكى شەرق مەدىنىيىتىدە ئۆزىنىڭ يېزىق تىلى ئارقىلىق يۈكسەك مەدىنىيەتنى بەرپا قىلغان  قەدىمكى مۇنەۋۋەر مىللەت . ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئالتاي تىلى  سېستىمىسىدىكى تۈركىي تىل ئائىلىسىنىڭ ﻫۇن تىلى تارمىقىغا كىرىدۇ . ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە تۈرك-رونىك يېزىقى، سوغدى ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسى يېزىق ۋە باشقا بەى قىسقا مەزگىللىك كىچىك كۆلەمدىكى يېزىق سېستىمىلىرىنى ئىشلەتكەن.

    ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈرك يېزىقىنى قوللانغان .
قەدىمكى تۈرك يېزىقى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا تېپىلغان بولۇپ بۇ يېزىقنىڭ شەكلى قەدىمكى شىمالىي ياۋروپادىكى رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئورخۇن - رونىك يېزىقى دەپ ئاتالغان .
تۈرك يېزىقى ئەڭ دەسلەپتە يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدا قاما دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغان قىرغىزلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغانىدى . بۇ يېزىق قەدىمكى تۈرك - رونىك يېزىقى دەپ ئاتىلىپ كەلدى . شۇنداقلا بۇ يېزىقتىكى ئاساسلىق تارىخ ئابىدىلىرى موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا سىبىرىيىدىكى يەنسەي دەرياسى ۋادىلىرىدىن تېپىلغانلىقتىن كىشىلەر ئۇنى ئورخۇن - يەنسەي يېزىقى دەپ ئاتىدى . تۈرك يېزىقى تاۋۇش ئامىلى بىلەن بوغۇم ئارىلىشىپ كەتكەن يېزىق . بۇ يېزىقنىڭ ﻫەرپى 38 - 40 بولۇپ ئۇنىڭدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇش تۆت قوشۇمچە بەلگە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . تاۋۇش ئىچىدىكى بەزى ﻫەرپلەر ئوخشاش بولمىغان ئىككى يۈرۈش بەلگە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . شۇڭا ، سوزۇق تاۋۇش ﻫەرپلىرى خەت ئوتتۇرىسىدا قىسقارتىۋېتىلىپلا قالماستىن ، بەلكى ﻫەرپ بېشىدا كېلىدىغان سوزۇق تاۋۇشمۇ كۆپ ﻫاللاردا يېزىلمايدۇ . تۈرك يېزىقى ئادەتتە ئوڭدىن سولغا يېزىلاتتى . ئۇنى سولدىن ئوڭغا يازىدىغانلىرىمۇ بار ئىدى . جۈملىلەر ئادەتتە قوش چېكىت (:) بەلگىسى بىلەن ئايرىلاتتى .
ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىدىن قارىغىنىمىزدا قەدىمدىن تارتىپ ﻫەر خىل يېزىقلاردا پۈتۈلگەن قەدىمكى تارىخىي خاتىرىلەر يېقىنقى زامان ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ جاپالىق تەكشۈرۈشلىرى  نەتىجىلىرىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىدىن قارىغىنىمىزدا قەدىمدىن تارتىپ ﻫەر خىل يېزىقلاردا پۈتۈلگەن قەدىمكى تارىخىي خاتىرىلەر يېقىنقى زامان ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ جاپالىق تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىلىرىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىي كەم ﻫېسابلىغاندىمۇ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە . مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخى جەرياندا ئۇيغۇرلار ( جۈملىدىن باشقا تۈركىي قەلقلەر ) ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى ( بۇ يېزىقنى ئورخۇن - يەنسەي يېزىقى ياكى تۈرك - رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتايدۇ ) ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، بىراخما يېزىقى ( قەدىمكى قارا شەﻫەر ۋە قەدىمكى كۇچار يېزىقى دەپ ئاتىلىدۇ ) ، قەدىمكى سۈرىيە يېزىقى ، سانسكرىت يېزىقى ( قەدىمكى ﻫىندى يېزىقى ) ، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئەرەب يېزىقى قاتارلىق بىرنەچچە خىل يېزىقلارنى قوللىنىپ ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تىل مەدىنىيىتىنى خاتىرلەپ كەلگەن .
       شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن شۇ نەرسە ئايانكى ، مىلادىيە 5 - ئەسىردە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار سوغدى ﻫەرپلەردىن پايدىلىنىپ تۈرك - ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادىلەپ يازىدىغان يېزىق ئىسلاﻫاتى ئېلىپ بېرىپ ، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان .
     قەدىمكى قەبرىلەردىن تېپىلغان ، ئېنىق مەنبەسى بار بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار بۇ يەكۈننى مۇنازىرىسىز ﻫالدا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .
جامائەتچىلىككە ئايانكى ، تارىخىي مەنبەلەرنىڭ ئىپاتلىشىچە ، مىلادىيە 5- ئەسىردىلا ئۇيغۇرلار تۇرپان ئويمانلىقىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن . تارىخىي پاكىتلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە .

مەنبە : ﻫاجى قۇتلۇق نۇرﻫاجىنىڭ "قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار" ناملىق كىتابىدىن .  

( تەھرىر : admin)