2-ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى «دۇنيا ئانا تىل» كۈنى شەنىگە
ئەتە 2012-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئۇيغۇر تىلى » كۈنىدۇر.پېقىرنىڭ ئۇشبۇ كۈننى خاتىرلىشى تۇنجى قېتىم ،شۇنداقلا باشلىنىش قېتىمى بولۇپ قالغۇسى .پېقىر گەرچە ئانا تىلىمنى ئېغىزچە ھەم يېزىقچە قوللىنىىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ لىكىن يېزىقتا بۇ تىلغا خېلىلا چالا ئىكەنمەن. مەن بۇ چالىلىقىمنى قىزىمنىڭ باشلانغۇچ 2-يىللىققا چىقىپ ، ئۇيغۇرچە تىل- ئەدەبىيات دەرىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن، قىزىمنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرىسىگە يىتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ھىس قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن مەندە ئانا تىلىمنى پىششىقلاپ قايتا ئۆگىنىش ئىستىكى توغۇلدى. بۇنىڭدىن مۇقەددەم 15 يىل بۇرۇن نەشىر قىلىنغان،ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى تۈزگەن « تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى» دىگەن كىتاپچىنى ، قەلەمكەشلىككە ھەۋەس قىلىپ يۈرگەن زامانلاردا سېتىۋالغان ئىدىم.كىيىن بۇ ھەۋەسمۇ ئەمەلگە ئاشماي ، بۇ كىتاپمۇ نەلەدىدۇ قالغان ئىكەن. بۇ يىل كونا-يېڭى كىتاپلارنى ئاختۇرۋاتسام بۇ كىتاپچە قولۇمغا چىقىپ قالدى. شۇنىڭ بۇ كىتاپنى تورغا يوللىسام ، بىرىنچىدىن ئۆزۈمنىڭ ئىسىدە قالغۇدەك، ئىككىنچىدىن باشقا دوسىتلارنىڭ ئانا تىلىنى يېزىقتا ئىپادىلەشتە خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزەشتە پايدىسى بولار ،دەپ ئويلىدىميۇ لىكىن تورغا يوللاپ بولالمىغان ئىدىم. بۈگۈن،ئەتىكى« دۇنيا ئۇيغۇر تىلى» كۈنى شەنى ئۈچۈن بۇ كىتاپچىنى قەتئى يوللاشنى قارار قىلدىم.كىتاپچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللىنىدۇ.بۈگۈن تۇنجى بۆلىكى يوللىنىدۇ. بۇ كىتاپچىنى تۈزگۈچى ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ۋە تورغا يوللاشتا رۇخسەت ئالالمىغىنىم ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن. ئەگەر ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندىم بۇ كىتاپچىنى تورغا يوللاشنى راۋا كۆرمىسە ، ماڭا ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. |