ئانا تىلىمىزنى قوغداش زۆرۈر ئەمەسمۇ؟ ئەيساجان تۇردى ئاچچىق -كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپلىك، ئەمما ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت. چىڭغىز ئايتىماتوف يەر شارىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ ئاجىز مىللەتلەر كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت «دىكتاتورسى»نىمۇ قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا... ناھايىتى ئېنىقكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ ھەر خىل تەركىب قاتلاملىرى جۈملىدىن بىزنىڭ ئانا تىلىمىز-ئۇيغۇر تىلىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە! «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا ئاستا-ئاستا ئاساسىي مەدەنىيەت بولۇش ئورنىدىن چۈشۈپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزىنىڭ (مۇقەددەس) ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا يۈزلەندى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن جانلىنالماسلىقى، تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ تۇرۇشى، ئۇيغۇر تىلىنى ئالاقە ۋە ئىجاد قىلىش قورالى قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە سۈپىتى جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز تۈردە تۆۋەنلىشگە قاراپ يۈلەندۈردى. ھەممىدىن مۇھىمى، ھازىرقى زامان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلرى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرىكىش، بىزنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىجاد قىلىش تۇرمۇشىمىزدىكى ئورنى مىسلىسىز تۈردە خىرسقا دۇچ كەلدى» (نۇسرەت تۇردى «شىنجاڭ مەدەنيىتى» 2000-يىللىق 4-5-سان) ئاتاقلىق ئالىم ۋە تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرى (1028-1126)دىن تاكى قۇددۇز ھاپىزغىچە بولغان تىلشۇناسلىرىمىز تەتقىق قىلغان، ئۇلۇغلىغان خاسىيەتلىك ئانا تىلىمىز بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ سېھريى كۈچىنى يوقاتتىمۇ؟! گېرمانىيىلىك تۈركشۇناس گاۋبائىل خانىم ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە توختىلىپ :«دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تىلشۇناس ئۇيغۇرتىلىنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، يۇقىرى نەتىجىنى يارىتالمايدۇ...»دېگەنىدىغۇ؟! چەت ئەللىك بىر كىشى ئۇيغۇر تىلىغا زور ئۈمىد بىلەن قارىغان يەردە، بىز ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىمىزغا قانچىلىك مۇھەببىتىمىزنى ئىزھار قىلالىدۇق. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى مىللەتلەرنى نوپۇسىغا ئاساسەن تىزغاندا 100-ئورۇندىن كېيىن تۇرمايدىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يىلمۇ يىل تۆۋەنلەپ، ھازىر ساپلىق دەرىجىسى 60پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. سەكسىنىنجى باھارىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پەخىرلىك تەرجىمە شۇناس ئاكىمىز توختى باقى ئارتېشنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە:1950-يىللىرى بىر بەت خەنزۇچە ماتېريالىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا بىر بەت چىقارغان ئىكەن. 1980-يىللىرىغا كەلگەندە بولسا بىر بەت خەنزۇچە ماتېرىيال ئۇيغۇرچە ئىككى بەت تەرجىمە قىلىنىدىغان بوپتۇ. 2000-يىللارغا كەلگەندە بولسا ئۈچ-تۆت بەت تەرجىمە قىلىنىدىغان بوپتۇ...بۇ ئەھۋال خەنزۇ تىلىنىڭ ئىخچاملىشىشىقا قاراپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېلەڭسىزلىشىشگە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدۇ، ئەمەسمۇ؟! |