بارماقلىرىم كونۇپكا تاختىلىرى ئۈستىدە ئوينىماقتا، ھەرپلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى رەتلىك ھەم ئەدەبلىك تىزىلماقتا. مانا ئۇرىۋاتىمەن،سۆز، سۆز بېرىكمىسى،جۈملە، ئابزاس، بۆلەكلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. كونۇپكا تاختىسىدا ئويناۋاتقان بارماقلىرىمنى بىر پەس توختىتىپ، باشتىن-ئاخىر نېمىلەرنى يازغانلىقىمنى ئوقۇپ باقتىم. تۇمۇرۇمدا ئېقىۋاتقان ئىدىيە ئېقىمىنىڭ شاۋقۇنلۇق ئاۋازىنى،يۈرىكىمنىڭ ئىگىز-پەس سوقۇشلىرىدىن كېلىۋاتقان تىنىمسىز دۈپۈلدەشلەرنى ئاڭلاۋاتاتتىم. پىكىرلىرىمنىڭ ئەقىل يىپلىرىغا تىزىلىپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ئۆزۈم ئۆزۈمگە سۇئال قويۇشقا باشلىدى: - ئېيتقىنا، ناۋادا سەن تىلسىز يارالغان بولساڭ، قانداق قىلار ئىدىڭ؟ ئۆزۈم ئۆزۈمگە جاۋاب بېرىشكە باشلىدى: - قورسىقىڭ ئاچقاندا قويغا ئوخشاش توختىماي مەرەر ئىدىڭ، كالىغا ئوخشاش سوزۇپ-سوزۇپ مۆرەر ئىدىڭ، ئىشەككە ئوخشاش باشقىلارنى بىزار قىلىپ ھاڭرار ئىدىڭ….ھەر ھالدا ھەر خىل ئاۋاز بىلەن مەقسىتىڭنى ئۇقتۇرالىغۇدەكسەن، دېدى ئۆزۈم ئۆزۈمگە. ئۆزۈم ئۆزۈمگە يەنە سۇئال تاشلىدى. كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندا قانداق قىلار بولغىيدىڭ؟مەرەرسەنمۇ،مۆرەرسەنمۇ،ھاڭرارسەنمۇ؟ بۇلار ئارقىلىق قايغۇلىرىڭنى يېنىكلىتەلىشىڭ مۇمكىن بولارمۇ؟ ئۆزۈم ئۆزۈمگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى. بىر پەسلىك جىملىقتىن كېيىن،ئۆزۈم ئۆزۈمگە خىتاب قىلدى: - ئاڭلا، سەن تۇغۇلغاندا قوي، كالا، ئىشەكلەر بىلەن ئوخشاش ئىدىڭ. پەقەت ئۇلاردىن پەرقىڭ چىقارغان ئاۋازىڭلا ئوخشىمايتتى. قورسىقىڭ ئاچسا يىغلايتتىڭ، خۇشال بولساڭ كۈلەتتىڭ. بۇ ئىككىسى سېنىڭ بىردىنبىر ئالاقە قۇرالىڭ ئىدى. بارا-بارا چوڭ بولدۇڭ، ئاتا-ئاناڭدىن گەپ قىلىشنى ئۆگەندىڭ. قورسىقىڭ ئاچقاندا،“مەممەم“، ئۇسسىغاندا ”ھۈممە“، داداڭنى سېغىنغاندا ”دادا“،ئاناڭنى كۆرگۈڭ كەلگەندە ”ئاپا“دېيەلىدىڭ. بۇ گەپلەرنى قىلالىغان ۋە تەلىپىڭ ئورۇنلانغان چاغدا خۇشاللىقتىن ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان ئاۋازلار بىلەن چىقىرىدىڭ، گۇڭۇرلىدىڭ. چۈنكى، سەن ئۆز ئېھتىياجىڭدىن چىقالايدىغان مۇنداق ياخشى بىر قۇرالنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىڭ.يېشىڭ چوڭايغانسىرى مەقسەتلىرىڭنىڭ ئېنىق ئۇقتۇرالايدىغان بولدۇڭ. چىراي، قول-پۇتلار بىلەن قىلىنىدىغان ئىشارەتلەرنىڭ ئورنىنى چۈچۈك سۆز-جۈملىلەر ئېلىشقا باشلىدى. ئېغىزىڭدىن ھەر بىر سۆز، ھەر بىر جۈملە چىققان چاغدا ئاتا-ئاناڭ سېنى باغرىغا بېسىپ، يېنىش-يېنىشلاپ سۆيۈپ كېتەتتى. ئاڭلا، سېنى مۇشۇنداق ئېسىل پۈرسەتكە ئىگە قىلغىنى ئانا تىلىڭ ئىدى. يېشىڭ كۈندىن-كۈنگە ئارتىشقا باشلىدى، تالا-تۈزگە چىقىپ، دوستلىرىڭ بىلەن ئوينىيالايدىغان بولدۇڭ. مەھەللىنى بېشىڭغا كىيىپ، دوستلىرىڭنى چاقىرالايدىغان بولدۇڭ، دوستلىرىڭ بىلەن خىلمۇ-خىل ئۇيۇنلارنىڭ پىلانلىرىنى تۈزىيەلەيدىغان ھەم شۇ بويىچە ئويناپ، كۆڭلۈڭنى ئاچالايدىغان بولدۇڭ. ئۇيۇنلىرىڭ ئارىسىغا قىزىقارلىق قوشاقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، رېتىمغا چۈشۈرۈپ ئېيتالايدىغان بولدۇڭ. ئاڭلا، سېنى مۇشۇ پۇرسەتكە ئىگە قىلغىنى يەنىلا ئانا تىلىڭ ئىدى. مەھەللىدىكى ئۇيۇنلىرىڭنى ئوينىغاچ بىلىپ-بىلمەي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىڭ. بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئازادە سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ،مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىيالايدىغان بولدۇڭ. ساۋادىڭمۇ چىقتى. داداڭ كىچىك ۋاقتىڭدا ئېلىپ بەرگەن رەسىملىك كىتابلىرىڭنىڭ ئورنىغا ھېكايە-چۆچەك كىتابلارنى ئالماشتۇرىدىغان بولدۇڭ. بۇرۇن ئاپاڭ ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەرنى ئەمدى ئۆزۈڭمۇ ئوقۇپ ھۇزۇرلىنالايدىغان بولدۇڭ.ئاڭلا، سېنى مۇشۇ پۇرسەتكە ئىگە قىلغىنى يەنىلا ئانا تىلىڭ ئىدى. ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن ھە! باشلانغۇچنى تۈگىتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ قالدىڭ. ئەمدى بالىلىق تۇيغۇلىرىڭغا خەير-خوش دېگەچ، ئۆزۈڭنى كەلگۈسۈڭ، ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىڭ، ھەتتا ياقتۇرىدىغان ئادەملىرىڭ ھەققىدە دائىم خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدىڭ. خىياللىرىڭ شۇنچىلىك شىرىن ۋە لەززەتلىك ئىدىكى، داداڭ ئاپاڭ كىچىك ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىدىغان ئەڭ مەزىلىك تاتلىق-تۈرۈملەرگىمۇ تەڭ قىلمايتتىڭ. ئاشۇ خىياللىرىڭ بىلەن روھى ئازادىلىككە ئىگە بولالايتتىڭ.ئاڭلا،سېنى مۇشۇ پۇرسەتكە ئىگە قىلغىنى يەنىلا ئانا تىلىڭ ئىدى. كۈنلەر ئايلارنى ئايلار يىللارنى قوغلاپ ماڭغانچە ئۆزۈڭنىڭ بىلىپ-بىلمەي ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغانلىقىڭنى ھېس قىلدىڭ. بۇ يەردە نۇرغۇن كىتابلارنى كۆرۈپ نەزەر دائىرەڭنى كېڭەيتەلىدىڭ، نۇرغۇن دوستلارنى تۇتالىدىڭ. ئۇلار بىلەن پىكىرلىشەلىدىڭ، مۇڭدىشالىدىڭ.ئوي-پىكىرلىرىڭنى ئەركىن-ئازادا ئوتتۇرغا قويۇپ باشقىلارنى قايىل قىلالىدىڭ. ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن قىزغا مۇھەببەت ئىزھار قىلالىدىڭ. ئاڭلا، سېنى مۇشۇنداق پۇرسەتلەرگە ئىگە قىلغىنى يەنىلا ئانا تىلىڭ ئىدى. ( تەھرىر : admin) |