ئانا تىلغا ھۆرمەت ۋە تىل ئۆگىنىش

ۋاقىت : 2011-05-14 23:50│ مەنبەسى : يوللىغۇچى : تىزناپ│ كۆرۇلىشى : قېتىم

ھەربىر ئۇيغۇر تىلدا سۆزلشىدغان قېرىندىشمىزنىڭ چوقۇم باشتىن -ئاياق ئوقۇپ بېقشىنى ئۆمىد قىلمەن . مەملىكىتىمزدە خەنزۇ ئەدەبىي تىلىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەريىلى 9-ئايىنڭ ئالدىنقى 10 كۇنى <ئەدەبىي تىلنى ئومۇمىيلاشتۇرۇش ھەپتىلىكى> قىلىپ بېكتىلدى. دۆلەت تىل- يېزىق كومىتېتىدا مەخسۇس <يېڭى سۆزلەرنى ياساش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش مەھكىمىسى> بولۇپ، يېڭى شەيئىي،يېڭى ئىشلارغا ۋاقتىدا نام قويۇپ، خېتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ھەر قايسى ئۆلكە ،ئاپتونوم رايونلاردا تىل- يېزىق كومىتېتدا <خەنزۇ تىلى تەتقىقات جەمئىيىتى> بار. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 11 يۈرۈش پىرگورامىسنىڭ ئونىۋېرسال باشقۇرۇدىغان < باش مۇھەررىر ئىشخانسى> يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، تەھرىرلىك ياكى دىكتورلۇقتىن كەتكەن خاتا ئۇچۇرلارنى ھەربىر خەت ھىسابىغا جەرىمانە قويىدىغان بولدى.<يەر شارى> گېزتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە ، چېگرا خۇددى ئادەم ھەم مالنى تاموژنغا ئوخشاش ، ئالبان تىلغا كىرگەن يېڭى سۆزلەرنى نازارەت قىلدىغان < ئالبانيە دۆلەتلىك تىل تاموژنىسى قۇرۇلغان> ۋە ئالبان تىلنى بېيتىشقا پىرىنسىپ ۋە تەدبىر بىكىتىلگەن. دېمەك مەملىكىتمىز ۋە چەت ئەللەردە ئانا تىلغا مۇشۇنداق ئەھمىيەت بېرىلدۇ. نۆۋەتتە ئاپتونۇم رايونمىزدا شەھەردىن تارتىپ يېزا - قىشلاققىچە قوش تىل ئۆگىنىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. بالىلارغا ئانا تىلدىن باشقا تىللارنى ئۆگىتىش ئىنتايىن موھىم.بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما ، ئۇسۇلغا يەنى ئانا تىلىدن مەھرۇم قىلىش بەدىلىگە باشقا تىلنى ئۆگنىش ئۇسۇلىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئەينى زاماندا ئانا تىلدىن باشقا تىللارنى ئەۋزەل كورگەن نۇرغۇن ئەدىپ ،شائىرلىرىمىز ئەرەب ،پارىس ۋە باشقا تىلدا ئەسەر يازغاچقا، نۆۋەتتە تەتقىقات جەرياندا نۇرغۇن ئاۋارىچلىكلەر كۆرلىۋاتىدۇ. ئۇلۇغ تىلشۇناس مەخمۇت قەشقىرىمۇ<تۇركىي تىللار دىۋانى> نى ئەرەب تىلىدا يازغاچقا ،نەچچەئەسىر مابەينىدە ئەرەپ دېيىلىپ كەلگەنىدى. فارابىمۇ ئەرەب تىلىدا ئەسەر يازغىنى ئۈچۈن ،مىللەت تەۋەلىكى بۈگۈنگىچە مۇقىملاشتۇرمىدى. يەنە نۇرغۇن ئالىملىرىمز ھىندىچە،ئەرەبچە ئىسملىرى تۈپەيلىدن مىللىتىمىز تارىخىدىن .ئورۇن ئالالمىدى. ئەسەر يېزىپ ئوزىنىڭ نام-شەرىپىنى يازماي ،شېيخلەرگە .پادشاھلارغا نامسىز تەقدىم قىلىۋېتىلگەن. ئاپتورى ئېنق بولمىغان نۇرغۇن كىتاپلار ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى ،پەنلەر ئاكادېيمىسى .مۇزېي ۋە ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ئورنى قاتارلىق جايلاردا ساقلىنپ تۇرماقتا. شۇڭا ،ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ،ئانا تىلدا تەربىيىلەش ئاساسىدا ،باشقا تىلنى تىرىشىپ ئۆگىنشىكە يىتەكلىشى ۋە رىغبەتلەندۇرشى لازىم. بۇ يەردە بۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتەي؛ئامېرىكا تەۋەلىكىدكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرشكەن جۇڭگولۇق ياڭجېنڭ ۋە microsoft شىركىتنىڭ غوللۇق خادىمى، مەزكۇر شىركەتنىڭ يېقىندا جۇڭگودا قۇرغان تەتىقىقات يۇرتىنڭ باشلىقى لى كەيپۇ....قاتارلىق نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئالىملار گەرچە ئىنگىلىز تىلى دۆلىتىدە ياشىسىمۇ، ئۆيدە بالىلرىنىڭ ئىنگىلزچە سۆزلىشىشگە يول قويمايدىكەن.لېكىن ،بالىلرىنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيسى تۆۋەن ئەمەسكەن. يەنە بەزىلەر باركى <ئۇلار ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ساپلاشتۇرۇپ بولالماي باشقا تىلنى ئۆگنىمىزمۇ >دەيدۇ. بۇ گەپنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. لىكىن ھەرقانداق تىل مۇتلەق ساپ بولمايدۇ. ھازىر تىلمىزدا نۇرغۇن ئەرەب، پارىسچە........سۆزلەر بار. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلشىمىز مۇمكىن. مەسىلىنىڭ نىگىزى<سۆز> دە ئەمەس، بۇزۇلغان يەر دەل جۈملىدە. پەرۋاسىزلىق ، ئۇنۋان، مائاش،ۋە سۈرەت ۋەسۋەسىدىن قىلىنغان تەرجىمىلەردە <پۇت بىلەن توپ تىپىش، سەكرەيدىغان پاراشوت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېلىپ بېرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش........> دىگەندەك ئىبارلەر كۆپۈيۈپ كىتىپ باردۇ . ھازىر بىلىپ بىلمەي تەرجىمە تىلى موھىتىغا كىرىپ قالدۇق.< باشقا تىلارنى كۆپ ئۆگىنىپ يېزىقىمىزنى كۆپ ئۆزگەرتىپ ھېرىپ كەتتۇق. شۇڭا ئۆز پېتمىزنى ساقلاپ تۇرايلى دىگۈچلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇ ئىككى خىل خاھشنى ياخشىراق تەھلىل قىلىپ، ئىلمىي نوقتىئىي نەزەر بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈش، بۇ مەسىلىگە ئىلمىي كۆز قاراش بىلەن قاراش لازىم. ئانا تىل قەدرىنى قىلمايدىغانلارمۇ ، باشقا مىللەت تىلىنى ئۆگىنىشكە ئىتىبار بەرمەيدىغانلارمۇ ئويلاپ باقسۇن: ئانا تىلنى ئۆگىنىش كېرەكمۇ، ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلىگە دەتالاش كەتمەيدۇ. ھازىرقى جەمىئىيەتتە خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنمەي بىر پۇتلاپ يۈگىرەيمىز دىگەن قاراشمۇ ئىنتايىن خەتەر............. مىنىڭچە: 1) ھەر ۋاقىت < ئاساسىي قانون>، <مىللىي تېرېتورىيېلىك ئاپتونومىيە قانونى> نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىلاشتۇرۇش. بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقۇرىقى قانونلارنىڭ روھىنى ئوبدان چۈشۈنىپ ۋە ئىزچىلاشتۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ تىل ھەرىكەتلىرنى ئازادە ئېلىپ بېرشىمىز كىرەك. 2) ئاپتونوم رايونمىزدىكى رادىئو - تېلېۋىزىيىلەردە مەركىزىي رادىئو ئىستانسىسى ۋە قوشنا ئۆلكە ئىستانسىلىرىغا ئوخشاش < ئاممىغا پايدىلىق ئىلان>(ھەقسىز ئىلان) ئىشلەپ، ئەدەبىي تىل ئاساس قىلىنغان ئانا تىلنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق خاتا بۇزۇلغان ئانا تىل ھادىسلىرنى تۈزەش كىرەك. 3)جەمئىيتىمىز ھەرقايسى ساھەسىدىكى كىشلەر،ئاتا_ئانلار، ئوقۇتقۇچى، مۇھەررىر ، تەرجىمانلار ۋە رەھبەرلەر ئانا تىلنى قوغدۇغۇچى ھەم ھىمايە قىلغۇچى قاتلام .مۇشۇ كىشلەر ئانا تىلغا ئەھمىيەت بېرىشى ، ئانا تىلنى ئۆزىگە خاس قانون بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ بىر تۈرى قىلىشى كىرەك.. 4)تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيتى توغرا ھەم كەڭ تەشۋىق قىلىنىشى لازىم.. غايە ۋە رىيالىقنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە جىپسىلاشتۇرۇپ، ئانا تىلدا سىستېمىلىق تەربىيىلىنىپ ، بەلگىلىك سەۋىيىگە يېتىپ ، ئاندىن باشقا تىللارنى پىشىق ئۆگىنىش لازىم.. 5>بالىلار ئانا تىلنى چۇشنىش ۋە تەھلىل قىلش كۇچىنى ئاشۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىلار ئۆيىدە ئانا تىلدا سۆزلىشىش ،ئەمما پەرزەنتىلىرنىڭ مەكتەپ بەلگىلىگەن ئانا تىل دەرسىلىكىنى ياخىشى ئوقۇتۇشىتىن سىرت ،باشقا تىللارنى ئۇگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاخماقلارچە ۋە ئستىخىيىلىك ھالدا باسماسىلىق لازىم. تىل ئۆگىنىشنىڭ پايدىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. يىغپ ئىيتىقاندا ،بۇنىڭدن كىين خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە تىل ،كومپيۇتېر بىلىمى،ئەمەلىي ئشلىتىدىغان تېخنكا بىلمىگەن ئادەم دەۋرگە ماسلىشالمايدۇ.ئانا تىلنى پىشىشق بىلىش شەرتى ئاسىتدا ،باشقا تىللارنى ئۆگىنىش -غايىلىك، ئىختىساسلىق بولشىمىزنىڭ ئاساسى. قوشۇمچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى(2000-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ماقۇللاندى) مۇندەرىجە 1-باب ئومۇمىي پرىنسى 2-باب دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىش 3-باب باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش 4-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەمدە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، مىللەتلەر، رايونلار ئارا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى. 2-ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ. 3-ماددا دۆلەت پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يولغا قويىدۇ. 4-ماددا پۇقرالار دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەت پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يولغا قويىشى كېرەك. 5-ماددا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. 6-ماددا دۆلەت دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقنى ئوقۇتۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، بېيىتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. 7-ماددا دۆلەت دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئىشىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 8-ماددا ھەممە مىللەت ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوللىنىشتا ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ. 2-باب دۆلەت ئورتاق تىل يېزىقىنى قوللىنىش 9-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ھۆكۈمەت ئىشى تىل-يېزىقى قىلىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 10-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇشتا پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئاساسىي تىل-يېزىق قىلىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى خەنزۇ تىل-يېزىق دەرسى ئارقىلىق ئۆگىتىدۇ. خەنزۇ تىل-يېزىق دەرسلىكى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسىگە ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 11-ماددا خەنزۇچە نەشر بۇيۇملىرى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسىگە ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. خەنزۇچە نەشر بۇيۇملىرىدا چەت ئەل تىل-يېزىقىنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بىلەن زۆرۈر ئىزاھات بېرىش كېرەك. 12-ماددا رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پۇتۇڭخۇانى ئاساسىي ئاڭلىتىش تىلى قىلىدۇ. چەت ئەل تىلىنى ئاڭلىتىش تىلى قىلىشقا توغرا كەلسە، گوۋۋۇيۈەن رادىئو-تېلېۋىزىيە تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت. 13-ماددا ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرى قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئاساسىي مۇلازىمەت يېزىقى قىلىدۇ. ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېھتىياجىدىن ۋىۋىسكا، ئېلان، ئۇقتۇرۇش، بەلگە تاختىسى قاتارلىقلاردا چەت ئەل يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى بىللە قوللىنىش توغرا كەلسە، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە پۇتۇڭخۇانى مۇلازىمەت تىلى قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. 14-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاساسىي تىل-يېزىق قىلىش كېرەك: (1) رادىئو، كىنو، تېلېۋىزىيە تىل-يېزىقى؛ (2) جامائەت سورۇنلىرىدىكى ئەسلىھە يېزىقى؛ (3) ۋىۋىسكا، ئېلان يېزىقى؛ (4) كارخانا، كەسپىي تەشكىلات نامى؛ (5) چېگرا ئىچىدە سېتىلىدىغان تاۋارنىڭ ئوروسى ۋە چۈشەندۈرمىسى. 15-ماددا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشتا ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرىدا قوللىنىلغان دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى دۆلەتنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 16-ماددا بۇ بابنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋال كۆرۈلسە، دىئالېكتنى قوللىنىشقا بولىدۇ: (1) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛ (2) گوۋۇيۈەننىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرجىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئاڭلىتىش تىلى قىلىش توغرا كەلسە؛ (3) تىياتىر، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىدە قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛ (4) نەشر، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرىدا قوللىنىش زۆرۈر بولسا. 17-ماددا بۇ بابنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاددىيلاشتۇرۇلمىغان خەت، ۋارىيانت خەتنى ساقلاپ قېلىشقا ياكى قوللىنىشقا بولىدۇ: (1) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسارئەتىقىلەر؛ (2) فامىلىدىكى ۋارىيانت خەت؛ (3) ھۆسنخەت، ئويما، نەقىش قاتارلىق سەنئەت ئەسەرلىرى؛ (4) بېغىشلىما ۋە ۋىۋىسكا قول يازمىلىرى؛ (5) نەشر، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرىدا قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛ (6) گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەستىقلىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار. 18-ماددا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا «خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى» يېزىش ۋە ترانسكرىپسىيىلەش قورالى قىلىنىدۇ. «خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى» جۇڭگو كىشى ئىسىملىرىنى، يەر ناملىرىنى ۋە خەنزۇچە ھۆججەت-ماتېرىياللاردىكى رىم ھەرپىنى يېزىشنىڭ بىرتۇتاش قېلىپى. ئۇ خەنزۇچە خەتلەرنى يېزىش قۇلايسىز بولغان ياكى خەنزۇچە خەتلەرنى قوللىنىشقا بولمايدىغان ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ. باشلانغۇچ مائارىپتا خەنزۇ تىلى فونېتىكىلىق ئېلىپبەسىنى ئوقۇتۇش كېرەك. 19-ماددا پۇتۇڭخۇانى خىزمەت تىلى قىلىدىغان ئىش ئورنىدىكى خادىملار پۇتۇڭخۇادا سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. پۇتۇڭخۇانى خىزمەت تىلى قىلغان دىكتورلار، پروگرامما رىياسەتچىلىرى ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە، تىياتىر ئارتىسلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيىسى دۆلەت بەلگىلىگەن دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك؛ دۆلەت بەلگىلىگەن پۇتۇڭخۇا دەرىجە ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ تەربىيىلەش كېرەك. 20-ماددا سىرتقا قارىتىلغان خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش كېرەك. 3-باب باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش 21-ماددا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى خىزمىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارمىقى پىلانلايدۇ، يېتەكلەيدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز سىستېمىسىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ. 22-ماددا يەرلىك تىل-يېزىق خىزمىتى تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. 23-ماددا ناھىيە دەرجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانا نامى، تاۋار نامى ھەمدە ئېلاندا قوللىنىلغان تىل-يېزىقىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. 24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارمىقى پۇتۇڭخۇا سەۋىيىسىنى سىناش دەرىجە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدۇ. 25-ماددا چەت ئەل كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرى قاتارلىق مەخسۇس ئىسىم ۋە پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدىكى تەرجىمىسىنى بېكىتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇيۇشتۇرىدۇ. 26-ماددا بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تىل-يېزىقنى قوللىنىشتا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارغا پۇقرالار تەنقىد ۋە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ قانۇننىڭ 19-ماددا 2- تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن خادىملار تىل ئىشلىتىشتە بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، ئالاقىدار ئورۇنلار بىۋاستە جاۋابكارغا تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئالاقىدار ئورۇن بىر تەرەپ قىلىدۇ. شەھەر ئاممىۋى سورۇنلىرىدىكى ئەسلىھە، ۋىۋىسكا، ئېلان يېزىقىدا بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. 27-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشىغا كاشىلا قىلغانلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. 4-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 28-ماددا بۇ قانۇن 2001-يىل 1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېزىقتا ئىپادىلىنىشى ھەققىدە ھەممىگە مەلۇمكى ، تىل ئىنسانلارنىڭ ئىدىيە- پىكىر ، مەدەنىيەت ، ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى . ئەگەر بۇ قورال بولمايدىكەن ، بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات ۋە ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشلاردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق ئىكەن ، بىز چۇقۇم بۇ قورالنىڭ رولىدىن توغرا پايدىلىنىشىمىز لازىم . ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى ئۇزاق . ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى چوڭ جەھەتتىن ، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى )ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ، ئۈچ چوڭ دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۇيغۇر تىلى ئوخشاش بولمىغان خىرس ۋە ئوخشاش بولمىغان تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈردى . ئوخشاش بولمىغان دىن ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، تۈرلۈك يېزىقلاردا خاتىرىلىنىپ ، بۈگۈنكى دەۋرگە يېتىپ كەلدى . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى پارتىيىمىزنىڭ توغرا تىل-يېزىق سىياسىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتىنىڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن نۇرغۇن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى . ئۇيغۇر تىلىدا نۇرغۇنلىغان گېزىت-ژۇرنال ۋە كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشى ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىلىدىغان رادىئو-تېلېۋېزىيە قاناللىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تېخىمۇ قېلىپلىشىشى ۋە تىل ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى . ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30يىلدىن بۇيان، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى خېلى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . تەتقىقات قوشۇنىمۇ زورىيىشقا قاراپ يۈزلەندى . ئەمما تەتقىقاتتا يېتەرلىك بولمايۋاتقان تەرەپلەرمۇ ئاز ئەمەس .ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېغىزچە شەكلى بىلەن يېزىقتا ئىپادىلىنىش شەكلى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ دېگەندەك چوڭقۇر بولمايۋاتقانلىقى بۇنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ھەر قانداق بىر تىلنىڭ پەيدا بولۇشىدا، ئالدى بىلەن ئېغىز تىلى بارلىققا كېلىپ، مەلۇم تەرەققىيات باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ، ئاندىن ئۇنىڭ يېزىقى بارلىققا كەلگەن.يېزىق تىلنى خاتىرلەيدىغان يازما بەلەىلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىلنىڭ ئالاقىلىشىش رولىنى كېڭەيتىشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا مەيلى ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولسۇن ياكى نۇتۇقتا بولسۇن تىلىمىزنى يېزىق بىلەن خاتىرىلىگەندە ، ئېغىز تىلىدا نېمە دېسە يېزىقتا شۇ بويىچە يازىدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالدى .مېنىڭچە بۇ تازا توغرا ئادەت ئەمەس. يېزىق تىلىنى ئېغىز تىلىغا بويسۇندۇرۇپ يېزىش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبى دەل بىز تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىنىڭ بىرىدۇر . بۇنىڭغا بىز ھازىر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان خەلق پۇلىنىڭ يۈزىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ‹جۇڭگو خەليىق بانكاسى› دېگەن خەتكە قارىساقلا ئېنىق جاۋاب تاپالايمىز . پۇل يۈزىدىكى بۇ خەت 1953-يىلى يېزىلغان .كېيىن بىزدە ئالتە قېتىم يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغاچقا ، ئۆزگەرتىپ قوللىنىلغان. مەسىلەن :ئىسىملارنىڭ كەينىگە كېلىش ،سان، شەخس قوشۇمچىلىرىنى قوشقاندا، ‹ئا ،ئە ›تاۋۇشلىرى ئاساسەن ‹ ئې ،ئى › غا ئاجىزلىشىدۇ . (بالا+نى= بالىنى، بالا+ڭىز=بالىڭىز، بالا+لار=بالىلار ) بۇلاردىن باشقا يەنە پېئىل ، سۈپەت ، ئالماش قاتارلىقلارغىمۇ بەزى قوشۇمچىلارنى ئۇلىغاندا ، تەركىۋىدىكى سوزۇق تاۋۇش (ئا ،ئە) يۇقىرقى مىسالدىكىگە ئوخشاشلا ئۆزگەرتىپ يېزىلىدۇ . ئەمما ، ( ئو ، ئۇ ئۆ ، ئۈ ) لەردىن تۈزۈلگەن سۆزلەرمۇ ئېغىز تىلىدا ئوخشاشلا ( كۆزەم ، قۇلام ) دېيىلىدۇ ، لېكىن يېزىقتا ئېغىز تىلىغا بويسۇندۇرۇلمايدۇ . بىزدە بۇنداق ئۆزگەرتىپ يېزىشقا زادى نېمە سەۋەب بولدى؟ يېزىقتا ( بانكاسى ، بالاسى ، داداسى، بالالار...)دەپ يېزىپ ، ئېغىزدا ‹ بانكىسى ، بالىسى ، دادىسى ، بالىلار ...› دەپ ئوقۇساق نەرى خاتا ؟! باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىمۇ يېزىقتا چۇقۇم قائىدە بويىچە يېزىپ ، ئېغىزدا ئوقۇغاندا ئۆزگەرتىپ ئوقۇيدىغان ئەھۋال بارغۇ ! ئالايلۇق ئېنگلىز تىلىدا (چاشقان)mouse ، motion (ھەرىكەت) دېگەندەك سۆزلەرنى ئوقۇغاندا (ما ئۇس) ، (مەئۇشىن) دەپ ئوقۇيدىغۇ . بۇغۇ باشقا تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئەھۋال ،بىزگە ئوخشاش تىل سىستېمىسىدىكى ئۆزبېك تىلىنى ئالساق ، ئۇنىڭدىمۇ ‹باشىڭ ، قاشىڭ ...› دەپ ئىپادىلەيدىغۇ ؟ تىلنى خاتىرىلىگەندە ، بىز نېمىشقا قائىدە بويىچە يازماي ، ھە دېسىلا ئۆزگەرتىۋالىمىز ؟ مېنىڭچە ئېغىز تىلىدا نېمە دەپ ئوقۇشتىن قەتئىينەزەر ، يازغاندا چۇقۇم قائىدە بويىچە يېزىشىمىز لازىم . بۇنداق قىلىش باشقا مىللەتلەرگە تىلىمىزنى ئۆگىتىشتە بولسۇن ۋە ياكى ئۆز تىلىمىزنى ئىملالىق يېزىشتا بولسۇن زور ئەھمىيەتكە ئىگە . شۇڭا تىلىمىزنىڭ يېزىقتا ئىپادىلىنىش مەسىلىسىنى ئالاقىدار ھەر بىر كىشى چۇقۇم ئوبدان ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ باقسىكەن دەپ قارايمەن . ئەگەر بىز سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق ، ‹ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى › ۋە ‹ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى › دەپ ئايرىم-ئايرىم لۇغەتلەرنى تۈزۈشنىڭ نېمە ھاجىتى بولسۇن ؟ مېنىڭچە ، بۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە .بۇ ماقالە 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ‹شىنجاڭ گېزىتى› دە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇزىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇش ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى، تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى تۈزۈش خىزمىتى 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى باشلانغان، 1992-يىلىغا قەدەر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 6 قېتىم تۈزۈلگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈنجى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى 1948-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. 1954-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تۈزگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى»نى ئېلان قىلدى. 1965-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى «ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتتى. 1973-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى «ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى»نى قايتىدىن تۈزۈپ ئېلان قىلدى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتتى. 1983-يىلى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى قوللىنىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى «ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى»نى تۈزۈپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1984-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن قوللىنىلىشقا باشلىدى. 1984-يىلى 9-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى» بىلەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»نى تولۇقلاپ تۈزۈپ چىقىپ، 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە نەشر قىلىپ تارقاتتى. 1997-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا، تەلەپپۇز لۇغىتى»نى قايتىدىن نەشر قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملاسى ۋە تەلەپپۇزىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇردى.
 

( تەھرىر : بەشتاش)