ئانا تىل توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە

ۋاقىت : 2014-02-18 17:33│ مەنبەسى : ئەلكۇيى مۇنبىرى│ يوللىغۇچى : admin│ كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئانا تىل توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە

دىمىسىمۇ ئاناتىل ئوقۇتىشى ئىنتايىن مۇھىم، خۇددى « بىيجىڭ ياشلار گىزىتى » نىڭ ئوبزۇرچىسى جاڭ تىئەنۋېينىڭ « جوڭخۇا مىللەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيىتى ئاجىزلىشىپ يوقالسا، ئورتاق مەدىنىيەتمۇ يوقىلىدۇ » دىگەن بۇ سۆزى بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان. نۆۋەتتە بىز كۆڭىل بولىۋاتقان مەيلى موڭغۇل تىلى، ئۇيغۇر تىلى ۋە تىبەت تىلى بولسۇن ھەممىسى جوڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ تەركىۋى قىسمى، بۇلاردىن بىز بىرخىل مەدىنىيەت ئەنئەنىسىنى كۆرەلەيمىز، نۆۋەتتە بىز بۇ تىللارنىڭ ناھايىتى چوڭ خىرىسقا دۇچكەلگىننى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز، تۇۋەندە مۇتىخەسىسلەرنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ باقايلى.
بايىن باتۇر ( ئىچكى مۇڭغۇل مائارىپ نەشىرياتىنىڭ باشلىقى ): « ئېلىپبە » دەرىسلىگى باشلانغۇچقا يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان تۇنجى ئوقۇشلىق، 1992-يىلى بىز 68 مىڭ نۇسخا باساتتۇق، 2005-يىلغا كەلگەندە ئاران 22 مىڭ 200 پارچە باستۇق، 15 يىل ئىچىدە ئاناتىلدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىدىن 45 مىڭ ئوقۇغۇچى كىمەيدى، بىراق بىزنىڭ نۇپۇسمىز ئۇزلىكسىز ئېشىۋاتىدۇ، نۇرغۇن موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار ئاناتىلدا ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدى.
ئانا تىل توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە
( تەھرىر : admin)