خەلقئارا ئانا تىل كۈنى

ۋاقىت : 2014-02-18 16:13│ مەنبەسى : نۇر تورى│ يوللىغۇچى : admin│ كۆرۇلىشى : قېتىم
 
خەلقئارا ئانا تىل كۈنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەيدىغان ئەڭ مەنىلىك پائالىيىتى <<دۇنيا ساداسى>> ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ، تىلنىڭ يوقۇلۇش مەسىلىسى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى، ھەمدە ئۇنىڭ يەرلىك مەدەنىيەتكە، دۇنيا مەدەنىيىتىگە شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىگە بولغان تەسىرى مۇھاكىمە قىلىندى. 1999-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ 30-نۆۋەتلىك  يىغىندا ھەريىلى 21-فېۋرالنىڭ ئالدى-كەينىدە پۈتۈن دۇنيادا خەلقئارا ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۇيۇشچانلىق كۈچىنى كۈچەيتىشنىڭ ئومۇمىي قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ،- دېگەننى تەشەببۇس قىلىشنى قارا قىلدى. دۇنيا تىلىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008- يىلىنى خەلقئارا ئانا تىل يىلى دەپ جاكارلىغان.

 
خەلقئارا ئانا تىل كۈنى
( تەھرىر : admin)