نورۇز مۇبارەك (نورۇزلۇق سوۋغا)
نورۇز بارلىق تۇركى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمىدۇر. گەرچە نورۇز بىزنىڭ ئەجدادلاردىن قالغان مىللى بايرىمىمىز بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ مەنىسىنى ،ئىلىپ بىرىلىش شەكلى،خاسىيتى،ئالاھىدىلىكى،ئەھمىيتى قاتارلىقلارنى نۇرغۇن كىشىلەر تىغى ئۇقمايدۇ ياكى چۇشەنچىسى چوڭقۇر ئەمەس.
نورۇز بايرىمى يىتىپ كەلگەن مۇشۇ قۇتلۇق مىنۇتلاردا،نورۇزدىن ئىبارەت مۇشۇ خاسىيەتلىك بايرامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرسىدا كەڭ دوسلارغا ئازراق بولسىمۇ چۇشەنچە بىرىش مەخسىتىدە، ئالىم،يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ نورۇز ھەققىدكى بايانلىرىدىن كىچىككىنە مەزمۇن توپلاپ،نورۇز ھەققىدە ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ كەڭ دوسلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. كەڭ دوسلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ھەمدە ئەۋلادلارغا نورۇز ھەققىدە تەبىر بىرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى،بۇ ئارقىلىق نورۇزنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا ئاساس سىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز.