一、本学期工作目标完成情况与自我评价
مەن بۇ مەۋسۈم ئىلمىي بۆلۈمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە باشلانغۇچ 5-يىللىقلارنىڭ ماتىماتىكا دەرسىنى ئوتتۈم .
1. مەن سىياسى-ئىدىيە خىزمىتىنى يىتەكچى،ئوقو-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى مەركەز قىلىپ دەرىسخانە ئوقۇتۇشنى ياخشىلاپ،تەلىم –تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ ماتىماتىكا دەرس ئوقۇتۇش ئۇنۇمىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە تېرىشتىم.
2. كالىندارلىق ۋە خىزمەت، دەرىسلىك پىلاننى كونكىرىت ۋە جانلىق تۈزۈپ ئوقۇتۇش خىزمەت پىلاننىڭ سىسىتمىلىق ئىلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدىم .
3. تەييارلىق قىلىشتىن بۇرۇن كۆپلەپ ماتىريال كۆرۇپ،بىلىم قۇرۇلمامنى ۋە سەۋيەمنى مۇستەھكەملەپ تەييارلىقنى ئەستايىدىل،تەپسىلىي، پۇختا تۈزۈپ تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن دەرىسكە كىردىم .
4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە دەرستىن سىرتقى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، زېھىن سىناشمۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ماتېماتىكائۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشىكە ئەھمىيەت بەردىم.
5. مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۇرلۇك كەسىپى ،سىياسي ئۈگۈنۈشلەرگە ۋە پالىيەتلەرگە تولۇق قاتنىشىپ ئۆزەمنىڭ كەسىپىي سەۋيەمنى، سىياسىي ئىڭىمنى يوقىرى كۆتۇرۇشكە تىرىشىپ ،ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا كۆپىرەك ماتىريال كۆرۇپ، بىلمىگەن ئورۇنلارنى پىشقەدەم ئۇستازلاردىن ئۈگەندىم .
6.ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلي تۇرمۇشتىن مەسىلە بايقاش،ئوتتۇرغا قويۇش،ھەل قىلىش كەچۈرمىشىگە ئىگە قىلىپ ئۇلارغا ماتىماتىكىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى رولىنى ھېس قىلدۇرۇپ ،ماتىماتىكا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ مەسىلە ھەل قىلىش قابىليىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردۈم.
7.دەرىسخانە ئوقۇتۇشنى، چۈشتىن كىيىنلىك تەكرارنى، ئائىلە تاپشۇرۇق بىلەن ئائىلە سۆھبەتنى كۈچۈيتىپ بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھەر كۈنى ئايرىم يىتەكلەش ئېلىپ بېرش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە دەرستىن سىرتقى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈگۈنىش قىزغىنلىقىنى يوقىرى كۆتۈردۈم.
8 .ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مەۋسۈمدە ماتىماتىكا دەرسىدىن كۆچۈشىنى% كە،ئۆزلۈشىنى% كە ئەلاچىلار نىسبىتىنى كە يەتكۈزدۈم .بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى تىرىشىپ ئىشلەپ ۋە ئىزدىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە تېرىشىمەن .
|