![]() |
مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداپ،بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ،تىرشىپ ئۇگۇنۇپ،ياراملىق ئىزباسارلاردىن بۇلۇپ چىقايلى! ھورمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچى-ساۋاقداشلارمەن بۈگۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن سىلەرگە مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى,مۇقۇملۇق،بىخەتەلىك توغرىسىدا تەربىيە لىكسىيىسى سوزلىمەكچى. 1.مىللەتلەر ئىتپاقلىقى جەھەتتە: تارخ شۇنى قايتا--قايتا ئىسپاتلىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى دۆلەتنىڭ تەرەققى قىلىپ گۈللىنىش، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنىڭ كاپالىتى. ئەكسىچە بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىك، ئىتتىپاقسىزلىق يۈزبەرسە دۆلەت مىللەت زور بالايى-ئاپەتكە قالىدۇ. ۋەتىنىمىز جۇڭگۇ 56 مىللەتنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان چوڭ ئائىلە. جۇڭگۇدا بەش ئاپتۇنۇم رايۇن بۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، تاجىك، شىبە قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان چوڭ ئاپتۇنۇم رايۇن ھىسابلىنىدۇ.مۇشۇنداق مۇھىتتا تۇرغان ئىكەن جۇڭگۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بۇلۇشىغا موھتاج. شىنجاڭمۇ ئۆز تەۋەسىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تىنچ، ئىتتىپاقلىقىغا موھتاج، تىنچ ئىتتىپاقلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەتىگەئۇيغۇن كېلىدۇ. تىنچ ئىتتىپاقىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوسلۇقنى كۈچەيتىش كېرەك، چۈشىنىش بولمىسا دوسلۇق ئورنىتىش قىيىن بولىدۇ. شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق شىبە ......قاتارلىق مىللەتلەر بىرلىكتە ياشاپ، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختىيار خاتىرجەم تۇرمۇشىنى بىرلىكتە بارلىققا كەلتۈرگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەزنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا خوتەندە جۈملىدىن ناھىيىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆز گۈرۈشلەر ۋە تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن. جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسى بولمىغان بولسا، خوتەننىڭ جۈملىدىن كېرىيەنىڭ بۇگۈنى بولمىغان بولاتتى. شۇڭا ناھىيىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتقا ئېرىشىشى، پارتىيە مەركىزى كومىتىتى گوۋۇيەنىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلىقىنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بۇلۇپمۇ خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشىنىڭ نەتىجىسى. توغرىغاز يېزىسىدىن يولداش قۇربان تۇلۇم پومىشچىكنىڭ قاتمۇ-قات زۇلۇمى ۋە ئېزىشىدىن، قاتتىق تاياق زەربىسىدىن، ئات-ئىشەك ئورنىدا ئىشلەشتىن قۇتۇلۇپ، ئادەمدەك ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندىن كىيىن ئۆزىنى شۇنداق بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىلغان پومىشچىكنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغان ئۇلۇغ داھىمىز ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىشەككە مىنىپ بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان. ھەمدە ئۇلۇغ داھىمىز ماۋزېدۇڭنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. مانا بۇ جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگۇدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ھەرمىللەت خەلقىنى پىئودال پومىشچىكلارنىڭ ئىزىشىدىن، زۇلۇمىدىن، قۇتقۇزۇپ، جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىمۇ ئىزىلىش، زۇلۇم ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۈگۈنكىدەك خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرگەنلىكىنىڭ پولاتتەك پاكىتى. بىز ھازىر خاتىرجەم تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتىمىز ۋە كۆڭۈللۈك ئوقۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتىمىز. لېكىن ئاز ساندىكى قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مىللى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار دىنى پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ياش ئۆسمۈرلەرگە زەھەرلىك قولىنى سوزماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ تىنچ، ئىناق خاتىرجەم بولغان ئۇقۇش پۇرسىتىمىزدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، مەڭگۈ قالاق ھالەتتە قالدۇرۇشنى خام خىيال قىلماقتا، بىز تېخىمۇ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ خام-خياللىرى ۋە زەھەرلىك ئىش پائالىيەتلىرىگە چىن دىلىمىزدىن قەتئى قارشى تۇرۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ۋە جان تىكىپ قەدىرلىشىمىز لازىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭدىكى 17مىليوندىن ئارتۇق ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، پەقەت مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىكەندىلا ئىتتىپاق بولغان جەمىئىيەت مۇقىم بولغان خەلق تۇرمۇشى ياراتقىلى بولىدۇ. بىزمۇ پۈتۈن زىھنىمىز بىلەن تىرىشىپ ئۈگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەپ سوتسىيالىزىم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان تەۋرەنمەس روھنى ھازىردىن يىتىلدۇرۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كۆرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل پارلاق ئەتىسى ئۈچۈن تېخىمۇ ياراملىق كىشىلەردىن بۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. قىسقىسى ئۆزىمىزگە ئۆتۈلگەن خەنزۇتىلى دەرسىنى ياخشى ئۈگۈنۈپ، ئۆزىمىزنىڭ خەنزۇتىلى ئاساسىمىزنى ياخشى تۇرغۇزغاندىلا تىل ئالاقىمىزنى كۈچەيتىپ، ئۈگۈنۈشتە، تۇرمۇشتا ۋە باشقا ئىشلاردا ئۆز-ئارا ياردەمنى كۈچەيتىكىلى بۇ ئارقىلىق ۋەتەننى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، روناق تاپقۇزغىلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقىلى بۇلىدۇ. 2.مۇقۇملۇق جەھەتتە: ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەربىر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. ۋەتىنىمىز 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە، ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ-دەريالىرى، گۈزەل، يەر بايلىقى مول، خەلقى ئەمگەكچان جۇڭگۇدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بۇ گۈزەل زىمىندا ئورتاق ياشاپ ۋەتەننى قوغداش ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش يۇلىدا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ بۈگۈنكىدەك بەختىيار زاماننى بەرپا قىلىدى. پارتىيە مەركىزى كومىتىتى ۋە گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتتكى ھەرمىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلنىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. ۋەتەنىمىز ئازات بولغان 56 يىلدىن بۇيان ۋەتىنىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر بولغان يىراق يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىر قىسىم مىللى بۆلگۈنچى ۋە دىنى ئەسەبىيلەر تۈرلۈك پىتنە ئىغۋا تۇغدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ پارچىلاش نىيىتىدە بولماقتا،بىر قىسىم دىنى ئەسەبي كۈچلەر بىردىن تالىشىپ، مەكتەپلەرگە دىنى ئىدىيىنى سىڭدۈرۈش خاتا خىيالىدا بولماقتا، شۇڭا پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈش مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرگە قارشى تۇرۇش لازىم. ئوقۇتقۇچىلار ئاتىئېزىمچىلاردۇر. بىز ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسى جەھەتتە پارتىيە مەركىزى كومىتىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرگە بايرىقىمىز روشەن ئىرادىمىز مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرۇش لازىم. پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيىنى ئۆزلىكسىز كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنى ئىدىيە بىلەن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا دىننىڭ ماھىيىتىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈش لازىم. ئوقۇغۇچىلار دىنغا ئىشەنسە ياكى دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيىتى مائارىپ قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈش لازىم. بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلقىنى كۆز قارچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش لازىم. كىمكى ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ھاقارەت كەلتۈرسە، ئۇنىڭغا قەتئي قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قوغداش شەرەپلىك، ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرۈش نۇمۇس دەيدىغان ئىديىنى تۇرغۇزۇش لازىم. دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئي قارشى تۇرۇش لازىم. بۇلۇپمۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۇلىمۇ مۇھىم.شۇڭا ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر پارتىيىنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن سىياسەتلىرىنى ئەتراپلىق ئۆگۈنۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، دىننىڭ مەكتەپلەرگە، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭىپ كىرىشنىڭ تۇسۇش جەھەتتەئاكتىپ رول ئوينىشى لازىم. 3.بىخەتەرلەك جەھەتتە: 1) ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلككە قاتتىق دىققەت قىلىشى لازىم. بۇلتۇر مەكتىۋىمىزدىن1نەپەر ئۇقۇغۇچى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى،1نەپەر ئۇقۇغۇچى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوق ئەھۋالدا موتىسكىلىت ھەيدەپ،موتىسكىلىتتىن يىقىلىپ چۇشۇپ،قازا قىلدى،يەنە ئالدىنقى ھەپتە 1نەپەر ئۇقۇغۇچىمىز دەم ئېلىش كۇنىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋېتىپ ،تۇيۇقسىز كىسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلدى.ئوتكەن يىلى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپتىن 1نەپەر ئوقۇغۇچى سۇغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتتى.ئاتچان مەكتەپ،1-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئۆزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ، خالىغانچەپاراۋىسىز قاتناش ۋاسىتسىى ھەيدەيدىغان، تۇرمۇزى يوق ۋېلىسپىت ھەيدەيدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىشى لازىم، كۈرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدامەلۇم قىلىش ، قىلچە مەسىلە چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك. خەتەرلىك،چوڭقۇر دەريا-كوللەردە سوغا چۈشۈشتىن ئىھتىيات قىلىشى لازىم. يول يۈرگەندە قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش، قالايمىغان ماشىنا، تېراكتۇرلارغا ئېسىلماسلىق، مەكتەپ ئىچىدە قالايمىقان قوغلىشىپ ئوينىماسلىق ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش لازىم. 2) توك ئەسلىھەلىرىنى بۇزىۋەتمەسلىك، توك سىملىرنى تۇتماسلىق، قالايمىقان توك ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئوت ئوينىماسلىق كېرەك، بۇلۇپمۇ بورا-قۇمۇش، پەخەل،سامان كۆپ جايلاردا ئوينىماسلىق، شۇنداقلا گۇگۇت ئويناپ ئوت كىتىشتىن قەتئي ساقلىنىش لازىم. خەتەرلىك ئۆي-ئىمارەتلەر،يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش لارنىڭ يانلىرىدا ئوينىماسلىق لازىم. 3) ئۇقۇغۇچىلار دىنغا ئىشەنمەسلىك، دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، ناماز ئوقۇماسلىق، دىنى تۈس ئالغان كىيىم- كىچەكلەرنى كىيمەسلىك، تىراگۋاغا بارماسلىق ۋە ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنى تەشۋىق قىلىدىغان سورۇنلارغا قاتناشماسلىق، ھەم دىننى تەشۋىق قىلماسلىق، دىنى ئەسەبىيلىكنى ئەكسىيەتچىل ئىدىيەنى تەرغىپ قىلىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۈن- سىن بۇيۇملىرى، كىتاپ- ماتىرياللارنى كۆمەسلىك لازىم. 4) ھەر ۋاقىت بەلگۈلىمە بۇيىچە ئاتىزىم تەربىيەسى قۇبۇل قىلىش، مەكتەپكە بېرىپ كىلىشتە گۇرپپىلار بۇيىچە مېڭىش، باشقىلارغا ئالدانماسلىق، رامىزان توۋلىماسلىق كىرەك. 5 ) مەسچىتكە كىرىشكە، ئائىلىدە دىنى ساۋاق ئېلىشقا، سۈرە يادلاشقا، ناماز ئوقۇشقا يول قۇيۇلمايدۇ. مەسچىتنىڭ ئەتىراپىدا، ئاخۇنۇملارنىڭ ئائىلىسىنىڭ يانلىرىدا چۆگۈلۈپ يۈرۈشكە بولمايدۇ. يەر ئاستى دىنى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا يول قۇيۇلمايدۇ. 6) ئوقۇغۇچىلار دىنى تۈس ئالغان كىيىم-كىچەكلەرنى كىيمەسلىك دىنغا ئىشەنمەسلىكى لازىم. ئۇقۇتقۇچى،ئۇقۇغۇچىلار ئاتىزىمچى، ماتىريالىزىمچىدۇر،ئاتىزىمچى، ماتىريالىزىمچىلار دىنغا ئىشەنمەيدۇ. بۇلۇپمۇ ئوقۇتقۇچى-ئىشچى خىزمەتچىلەر، پارتىيە ئەزالىرى، 18 ياشقا تۇشمىغان ياش ئۆسمۈرلەر قەتئي دىنغا ئىشەنمەسلىكى لازىم. دىمەك مەكتىۋىمىزدىكى753نەپەر ئۇقۇغۇچى،46نەپەر ئۇقۇتقۇچى،ئىشچى خىزمەتچى ئورتاق تىرىشچانلىق كورسىتىپ ،بىر نىيەت،بىرمەخسەتتە ئالغا ئىلگىرلەپ،ئىدىيىدە پارتىيە مەركىزى كومۇتىت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ،ھەممە ئىشتا پارتىيىنىڭ سوزىنى ئاڭلاپ،مىللەتلەر ئىتپاقلىقى ۋە ئاسان قولغا كەمىگەن ئىجىمائى مۇھىتنى جان تىكىپ قوغداپ،پارتىيە ھۇكۇمىتىمىز يارتىپ بەرگەن ئەۋزەل ئۇقۇش ۋە ياشاش شارائىىتىنى قەدىرلەپ،تىرشىپ ئۇگۇنۇپ ،جەمىيىتكە،خەلقكە،ۋەتەنگە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقايلى.
|