يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ‹‹ئۈچ ئەۋلادنى تەكشۈرۈش››كە
يۇقىرى ئوقۇش تارىخى كۆپۈكى ‹‹ئۈچ ئەۋلادنى تەكشۈرۈش››كە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ
بيەن شاۋشۈەن
يېقىندا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئايال دوكتۇرى تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ ، ‹‹ كېلىپ چىقىشى ياخشى بولمىغان ›› لىقتىن تەكلىپ قىلىشتا ‹‹ قالدۇرۇۋېتىلگەن ›› لىكى خەۋەر قىلىندى . ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ‹‹ ئوقۇش تارىخىدا ئۈچ ئەۋلادنى تەكشۈرۈش ›› دەپ ئاتالدى .
ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ‹‹ئوقۇش تارىخىدىكى ئۈچ ئەۋلادنى تەكشۈرۈش ›› ئۇسۇلىدا ھەقىقەتەن كەمسىتىش مەنىسى بار، لېكىن يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى يېتەرسىزلىكلەرنى ئاشكارىلىغان . بىر تۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان % 38.2 كىشى ‹‹ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش تېخىمۇ ئىشەنچلىك ، لېكىن ماگىستىر ، دوكتۇر تەربىيەلەشتە سۇ تەركىبى بار ›› دەپ قارىغان . تۇرمۇشتا ھەمىشە ‹‹بىرىنچى خىلدىكى تولۇق كۇرس ، ئىككىنچى خىلدىكى ماگىستىر، ئۈچىنچى خىلدىكى دوكتۇر ›› دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز .
يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنىڭ مۇناسىپ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىشى نېمە ئۈچۈن قىيىن بولىدۇ ؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئىختىسالىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ كېڭەيتىلىشىگە ئارتىپ قويدى . ئاخبارات ۋاسىتىلىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، بۇ يىل پىلان بويىچە 580 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، 2003-يىلدىكىگە قارىغاندا 1.17 ھەسسە ئاشقان . 2010-يىلى مەملىكەت بويىچە 110 مىڭ كەسپىي ماگىستىر قوبۇل قىلىنغان ، 2012-يىلىغىچە 187 مىڭغا يەتكۈزۈلگەن..... تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىگە سېلىشتۇرغاندا ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەشنىڭ يېتىشىشى قىيىن بولۇپ ، بىر دوكتۇر يېتەكچىسى 10 نەچچە ماگىستىرنى يېتەكلەش ئومۇمىي ئەھۋال بولۇپ قالدى.
كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ تارىخىي ۋە رېئال سەۋەبىدىن قارىغاندا ، قەدەمنى ئاستىلىتىش كېرەك ، ۋاھالەنكى، تەربىيەلەش تۈزۈمى قاتلىمىنى ياخشىلاش تېخىمۇ تەخىرسىز . ماگىستىر ، دوكتۇر تەربىيەلەشتە يادرولۇق رول ئوينايدىغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تۈزۈمى ‹‹ ئوكسىفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاجىسىدىكى گۆھەر ›› دەپ تەرىپلەنگەن ، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ماگىستىر، دوكتۇر تەربىيەلەش مېخانىزمىنى چەت ئەللەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنە بىرقەدەر زور پەرق بار . يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتىكى تېما ، خىراجەت ، ئىلمىي ماقالە قاتارلىقلار قاتتىق كۆرسەتكۈچ قىلىنغان بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلمىگەن . يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار تېما قوغلىشىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن، ‹‹سەۋىيەسى بارلارنىڭ ۋاقتى يوق ، ۋاقتى بارلارنىڭ سەۋىيەسى يېتەرسىز ›› بولۇپ قالغان . ‹‹ قوي بېقىش شەكلى ›› دىكى تەربىيەلەش ئاستىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار 10 نەچچە خىل دەرس ئوقۇيدۇ ، بىر پارچە ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ماگىستىرلىق ، دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىشى كېرەك بولۇپ ، ئىقتىدار جەھەتتە ئانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلەلمەيدۇ .
ماگىسىتىر، دوكتۇر تەربىيەلەشتىكى سۇ تەركىبى بەزى ئالىي مەكتەپلەردىكى دوكتۇرلۇق نۇقتىسىغا ئىلتىماس قىلىشتىكى ئەسەبىي قىزغىنلىقىنى پەسەيتەلمەيۋاتىدۇ . نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشى پەقەت تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى ياكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ، ئىچكى ۋە تاشقى نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ھوقۇقنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمەيۋاتىدۇ .
ماگىستىر يېتىشتۈرۈش مائارىپى ئېلىمىزنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئوقۇش تارىخى مائارىپى بولۇپ، مۇشۇنداق تۈركۈملەپ تەربىيەلەش ، يېنىكلىك بىلەن تەربىيەلەش ، تەتقىقات تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى يادرولۇق مەقسەتتىن يىراقلاپ كەتتى . ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ، تۆۋەنلەپ كېتىدىغىنى يۇقىرى ئوقۇش تارىخىلا ئەمەس ، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى قاتلاملىق ئالىي مائارىپنىڭ ئىناۋىتى بولىدۇ .
‹‹ئوقۇش تارىخىنىڭ ئۈچ ئەۋلادىنى تەكشۈرۈش ›› بازارنىڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنى قارىغۇلارچە قوغلىشىش خاھىشىغا قارىتا بەرگەن ئىبرەتلىك سىگىنال . ئاز بولمىغان ئوقۇغۇچىلار تەتقىقاتچىلىققا ئىمتىھان بېرىش ، دوكتۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىشتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىدۇ ، لېكىن ئوقۇش تارىخىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى بىلەن بىرلەشتۈرمەيدۇ . بەزى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىققا ئىمتىھان بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىقىدىلا تەتقىقاتچىلىققا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلاپ ، ۋاقىتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش سىنىپلىرىدا ئولتۇرۇشقا سەرپ قىلىدۇ ، بۇ ‹‹ تەتقىقاتچىلىققا ئىمتىھان بېرىش بازىسى ›› دەپ ئاتالدى . تەتقىقاتچىلىقتا ئوقۇش ئارقىلىق ‹‹ ئۆزىگە ھەل بېرىش ›› ئارزۇسىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ ، لېكىن پەقەت ‹‹ماركا ئالماشتۇرۇش ››، ‹‹ كۆز بوياپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش ›› ياكى ‹‹ ئۆلۈك ھالدا كىتاب ئوقۇش ، كىتابنى ئۆلۈك ئوقۇش ›› تەك ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش پاتقىقىغا يەنە بىر قېتىم پېتىپ قالسا ، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، ‹‹ئۈچ ئەۋلادنى تەكشۈرۈش ›› رەھىمسىزلەرچە ئۇنىڭ ‹‹ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلايدۇ ››.
()
«يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ‹‹ئۈچ ئەۋلادنى تەكشۈرۈش››كە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن نەق پۇل ئېلىشتا ب
- . ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن نەق پۇ
- . يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ‹‹ئۈچ ئەۋلادنى تەك
- . ئۇزۇقلىقىنى ياخشىلاش تەكلىپ ۋە قىيىنچى
- . قىشلىق ئىسسىنىش بىخەتەرلىكى توغرىسدىكى
- . مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقنى يا
- . چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچ
- . دۇنيادىكى كىچىك دۆلەتلەر
- . دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك شەھەرلەر
- . ئىمتىھانغا قاتنىشىپ قوبۇل قىلىنمىغانلا
- . بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا مەكتەپ مۇدىرى ھ
- . پويىز بېلىتىدە مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنى
- . شىنجاڭدا يېزا ئوقۇغۇچىسى ھەقسىز ئوزۇقل
- . يىمەكلىك بىخەتەرلىك خىزمىتى بويىچە ئۆز
- . ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار
- . ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى
- . ئاسىيادىكى دۆلەت-ئەزەربەيجان
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن نەق پۇ
- . يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ‹‹ئۈچ ئەۋلادنى تەك
- . ئۇزۇقلىقىنى ياخشىلاش تەكلىپ ۋە قىيىنچى
- . قىشلىق ئىسسىنىش بىخەتەرلىكى توغرىسدىكى
- . مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقنى يا
- . چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچ
- . دۇنيادىكى كىچىك دۆلەتلەر
- . دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك شەھەرلەر
- . ئىمتىھانغا قاتنىشىپ قوبۇل قىلىنمىغانلا
- . بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا مەكتەپ مۇدىرى ھ
- . ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن نەق پۇ
- . پۇتبول ھەققىدە
- . ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار قانچىلىك ئۆم
- . ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانى بىرىدىغانلار ئۇ
- . كىتاب-مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچى
- . بېيجىڭدىكى ساياھەتتىن تەسىراتىم
- . ئەتراپىڭىزدىكى يوشۇرۇن«قاتىل»لار
- . زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى
- . «قۇتادغۇ بىلىك » كىمنىڭ ، ئۇنىڭ تىلى قاي
- . بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس
- . جىددى خوشخەۋەر (10مىڭ ئوقۇتقۇچى تول
- . ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانى بىرىدىغانلار ئۇ
- . مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
- . ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇپ،گۇزەل
- . ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 520جۇملە
- . خەنزۇتىلىدىكى يان بۆلەكلەر چۇشەند
- . تارىخى تېمىدىكى ئېلكىتاپلار
- . بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس
- . ( « 1-ئىيون » خەلىقئارا بالىلار باير
- . «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت