پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

كەلگۈسىدە نېمىلەر يوقاپ كېتىشى مۇ

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-03 05:19 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
كەلگۈسىدە نېمىلەر يوقاپ كېتىشى مۇمكىن؟ 1 . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيا بويىچە نېفىتنىڭ خوراش سۈرئىتى مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكە

 

كەلگۈسىدە نېمىلەر يوقاپ كېتىشى مۇمكىن؟

 

 

 

1 . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيا بويىچە نېفىتنىڭ خوراش سۈرئىتى مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن، كەلگۈسى بەش يىلدا دۇنيادا نېفىت بىلەن تەمىنلەش جىددىيچىلىكى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئالىملار قۇياش نۇرى ئېنېرگىيەسى، يادرو ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى قاتارلىق نېفىتنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تاپقان، دېڭىز ئاستىدىكى ‹‹كۆيۈشچان مۇز››نىڭ ئۆزىلا ئىنسانلارنىڭ 1000 يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدىكەن.
2 . ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر. 20 – ئەسىردە 110 تۈر ۋە كەنجى تۈرلۈك سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ۋە 139 تۈر ۋە كەنجى تۈرلۈك قۇش يەرشارىدىن يوقالغان. ھازىر دۇنيادا 539 خىل قۇش، 400 نەچچە خىل ھايۋان، 209 خىل قوش ماكانلىق ھايۋان ۋە 20مىڭ خىلدىن كۆپرەك يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. 28 يىلدىن كېيىن بىز بۇلارنى يەر شارىدىن تاپالماسلىقىمىز مۇمكىن.
3 . ئەتىياز. كەلگۈسى ئون يىلدا غەلىتە ھاۋارايى ھادىسىسى ئىزچىل كۆرۈلىدىكەن، ياز بىلەن قىش ئۇزىرايدىكەن، پەسىل قىشتىن بىراقلا يازغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئەتىياز يوقاپ كېتىدىكەن.
4 . پوچتا ماركىسى، كونۋېرت، پوچتا ساندۇقى. ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، خەت – چەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كونۋېرت، پوچتا ماركىسى، پوچتا ساندۇقى قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ خاتىرىسى ۋە موزېيلاردىلا ساقلىنىپ قالىدىكەن.
5 . دېھقان ئىشلەمچىلەر. بۇ ئاتالغۇ شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ يوقىلىدىكەن.
6 . مۇزلۇق. يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. 28 يىلدىن كېيىن بىز پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ھېچقانداق توسالغۇسىز شىمالىي قۇتۇپقا بارالىشىمىز مۇمكىن.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر