پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئىنسانلار تۇغۇت تارىخىدىكى ئەڭلەر

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-03 05:15 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنسانلار تۇغۇت تارىخىدىكى ئەڭلەر ئەڭ كۆپ بالا تۇغقان ئايال ئىتالىيەدىكى 58 ياشلىق دەلەيىس كارباتۇ دېگەن ئايال ئۆمرىدە جەمئىي 73 بال

 

ئىنسانلار تۇغۇت تارىخىدىكى ئەڭلەر

 

 

 

 
ئەڭ كۆپ بالا تۇغقان ئايال
ئىتالىيەدىكى 58 ياشلىق دەلەيىس كارباتۇ دېگەن ئايال ئۆمرىدە جەمئىي 73 بالا تۇغقان، ئۇ 15 يېشىدا توي قىلغان بولۇپ 13 قېتىم بىردىن بالا، 16 قېتىم قوش كېزەك بالا، 8 قېتىم ئۈچ كېزەك بالا، بىر قېتىم تۆت كېزەك بالا تۇغقان.
ئەڭ ئۇزۇن ھامىلدار بولغان ئايال
ئەنگىلىيەلىك ھارۇك خانىم بىر قېتىم ھامىلدار بولغاندا 398 كۈن قۇرساق كۆتۈرگەن، لېكىن ئۇ تۇغقان بالا ئاران 1.35 كىلوگرام ئىكەن. نېگىرىيىلىك فىرولىنىس ئالگۇتتا دېگەن ئايال تۆت يىل قۇرساق كۆتۈرۈپ بىر قىز تۇغقان.
ئەڭ چوڭ تۇغۇلغان بالا
1985-يىلى جەنۇبى ئافرىقىنىڭ مەلۇم دوختۇرخانىسى بىر ئايالنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، قۇرسىقىدىن 10 يېرىم كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر بالىنى ئالغان، 1835-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئىللوپىس شىتاتىدا 13.26 كىلوگراملىق بىر بوۋاق تۇغۇلغان.
ئەڭ كىچىك تۇغۇلغان بالا
1949-يىلى 8-ئاينىڭ 2- كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە ئېغىرلىقى ئاران 410 گرام كېلىدىغان پەۋقۇلئاددە كىچىك بىر بالا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ بېشى ئالمىدەك، پۇت قولىنىڭ چوڭلىقى بىر سانتىمېتىر كېلىدىكەن، بۇ بوۋاق ئەي بولغان.
بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ تۇغقان ئايال
1971-يىلى 7-ئاينىڭ 22- كۈنى ئىتالىيەنىڭ مەلۇم دوختۇرخانىسى بىر ئايالنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بەش ئوغۇل بالا، ئون قىز بالا ئالغان، قەدىمقى زاماندا بىر قېتىمدا 100 دىن ئارتۇق بالا تۇغقانلارمۇ بار ئىكەن.
تۇغۇت ئارلىقى ئەڭ قىسقا بولغان ئايال
ئامېرىكىنىڭ چىكاگۇ شەھىرىدە كالبىرىن ئىسىملىك ئايال 1971- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى بىر قىز تۇغقان. شۇندىن كېيىن 1972- يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى يەنە بىر قىز تۇغقان.
تۇغۇت يېشى ئەڭ كىچىك ئايال
پېرۇدىكى لىماندىنا 1939- يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى قورساقنى يېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق 2.67 كىلوگراملىق بىر ئوغۇل تۇغقان، لىماندىنا شۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا بەش ياش سەككىز ئايلىق بولۇپ بالىسىنى ئاكىسىنىڭ نامىدا نوپۇسقا ئالدۇرغان.
تۇغۇت يېشى ئەڭ چوڭ ئايال.
پىلانكىلىق مارگارتا كىراسئوننا دېگەن ئايال 94 يېشىدا 3-قېتىم توي قىلىپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى 14 يىل ئىچىدە ئىككى ئوغۇل، بىر قىز تۇغقان، 108 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر